guide
ناننىڭ كۆيۈكى
يوللانغان ۋاقتى :
11-11
كۆرۈلۈشى:
2015 قىتىم
ئۇ ﻫەر ئەتىگىنى ئانىسىنىڭ نان چىلاپ بېرىشىگە قاراپ ئولتۇراتتى. ئانىسى ئۇنىڭ چىنىسىگە نان چىلاۋېتىپ، دائىم ناننىڭ كۆيۈكى بولسىلا ئۆزىنىڭ چىنىسىگە سېلىۋالاتتى. «ناننىڭ ئەشۇ يېرى بەك يېيىشلىك بولسا كېرەك؟» دەپ ئويلايتى ئۇ. ئۇ يەنە بىر قېتىم دادىسىغا نان چىلاۋېتىپمۇ ئانىسى ناننىڭ كۆيۈكىنى ئۆزىنىڭ چىنىسىگە تۇيدۇرماي سېلىۋالدى. بۇ قېتىم ئۇنىڭ كۆڭلى ﻫەقىقەتەن غەش بولدى. «ما ئانامنى، ماڭىغۇ كىچىك بالا دەپ گوللاپ بەرمىسۇن. دادامنىمۇ گوللايدىكىنا؟!». ئۇ دادىسىنىڭ بۇ ئىشنى سەزمەي قالغىنىدىن بەكمۇ ئەپسۇسلاندى. ناۋادا دادىسى كۆرۈپ قالغان بولسا ئانىسىنىڭ نەچچە ۋاقىتتىن بېرى شۇنداق قىلىۋاتقانلىقىنى دادلاپ بەرگەن بولاتتى. «مەنمۇ چوقۇم يەيمەن». ئۇنىڭ كاللىسىغا شۇ ئوي كېلىپ نان چىلاۋاتقان ئانىسىغا دىدى:
   - ئانا، نېمىشقا ناننىڭ كۆيۈكىنى ئۆزۈڭلا يەيسەن؟ - ئانىسى سۇس كۈلۈمسىرىدى.
   - ناننىڭ بۇ يېرى يېيىشلىك. مەن بەك ئامراق.
   «ﻫە، ئەسلىدە ئويلىغىنىمدەككەنغۇ؟ خەپ، مەنمۇ يەپ باقمىسام!»
   بىر كۈنى ئۇ ئانىسىنىڭ ئىچىۋاتقان چېيىنى قويۇپ سىرتقا بىر ئىش بىلەن ماڭغان پۇرسەتتە ئانىسىنىڭ چىنىسىنى ئېلىپلا بىر قوشۇق ئاغزىغا سالدى. ئەمما ئاغزىغا سالغىنىنى بىر چىشلەپلا ۋۇژژىدە بولۇپ ۋارقىرىۋەتكىلى تاس قالدى. كۆيۈك نان بەتتام بولۇپلا قالماستىن، چىشىدىن تارتىپ تاڭلايلىرىغىچە تېزلا چاپلىشىپ بىئاراملىقتىن سىلكىنىپ كەتتى. تۈكۈرۈپمۇ قۇتۇلالماي، ئاغزىنى خېلى ۋاققىچە چايقىغان بولسىمۇ يەنىلا ئاغزىنىڭ بىر يەرلىرى ئەخلەت چاينىغاندەك بىئاراملىقتىن قۇتۇلالمىدى. چىشىنىڭ ئارىلىقلىرىغا كىرىۋالغان كۆيۈندىلەر خۇددى قۇمدەك غۇرۇچلاپ نەچچە كۈنگىچە توپا يەۋالغاندەك ئارامسىزلاندى. شۇ چاغدا ئۇ ئانىسىنىڭ نېمىشقا شۇنداق بەتتام ناننى يەپ مەززە قىلىپ ئولتۇرغىنىنى چۈشىنەلمىدى. «مەن يېسەم بەتتام بولغىنى بىلەن ئانام شېكەر سېلىپ ئىچەمدۇ-يا؟» دېگەندەك غەلىتە خىياللارنىمۇ خىيالىدىن ئۆتكۈزمەي تۇرالمىدى. «ناننى خارلىسا يامان بولىدۇ» دەيتى ئانىسى كۆيۈك ناننى پەم بىلەن يەۋېتىپ. ئۇ كۆيۈك ناننى يەنە بىر قېتىم يەپ بېقىشنى ئويلىغان بولسىمۇ، ﻫېلىقى بىئاراملىق يادىغا كەلسىلا قارىغۇسىمۇ كەلمەيتى. ﻫەر قېتىم چاي ئىچكەندە ئانىسىنىڭ چىرايىنى ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزىتىپ باقسىمۇ ئۆزىگە ئوخشاش بىئارام بولغىنىنى سەزمىدى. شۇنىڭ بىلەن «ئانام راستىنلا شېكەر سېلىپ ئىچىدىغان ئوخشايدۇ» دېگەن ئويىنى تەستىقلىدى. ئەمما شۇنچە كۆزىتىپمۇ ئانىسىنىڭ چىنىسىگە شېكەر سالغىنىنى كۆرمىدى. «ئانامنىڭ مەن كۆرەلمەيدىغان سېﻬرىگەرلىكى بولسا كېرەك» دەپمۇ ئويلىدى بالا...
   ئۇزۇن يىللار ئۆتۈپ ئۇمۇ چوڭ بولدى. بالىلىق بولدى. ئۆزىمۇ ناننىڭ كۆيۈكىنى ئايرىۋېلىپ چىنىسىگە سالىدىغان بولدى. شۇ چاغدىلا ئانىسىنىڭ نېمىشقا ئۆزىنىڭ چىنىسىگە ناننىڭ كۆيۈكىنى ئايرىۋالىدىغانلىقىنىڭ سىرىنى بىلگەندەك بولدى. ئۇ ئىختىيارسىز ئاﻫ ئۇردى. ئۆزىنى ئەيىبلىدى. لېكىن بۇ چاغدا ئانىسى ئاللىقاچان بۇ ئالەمدىن باقىغا كەتكەن ئىدى.
مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغرۇچە مۇنبىرى