ئۈرۈمچى ئۇيغۇرئۇغۇل قىزلىرى ۋە ئەيدىز
- يوللانغان ۋاقتى :
- 04-11
- كۆرۈلۈشى:
- 1189 قىتىم
1995 - يىلى ئۈرۈمچى شەﻫرىدە تۇنجى ئۇيغۇر زەﻫەر چەككۈچىنىڭ ئەيدىزدىن يۇقۇملانغانلىقى بايقالغاندىن بۇيان، جىنسىي تۇرمۇشى قالايمىقان كىشىلەر توپى، تۇغۇتلۇق ئاياللار، نىكاﻫلىنىشتىن ئىلگىرى سالامەتلىك تەكشۈرۈتكەن كىشىلەر، ئەيدىز يۇقتۇرۇۋېلىش خەۋپى بار ئىش - پائالىيەتلەر بىلەن مەشغۇل بولىدىغان كىشىلەر توپى ۋە ئۇلارنىڭ جۆرىلىرى قاتارلىقلارنىڭ ﻫەممىسىدىن ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچىلار بايقالدى.
ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇر زەﻫەر چەككۈچىلەر مەزكۇر شەﻫەردىكى ئومۇمىي زەﻫەر چەككۈچىلەرنىڭ 80 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ. زەﻫەر چەككۈچىلەرنىڭ ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش نىسبىتى 1998 - يىلىدىكى 90 پىرسەنتتىن ﻫازىرىقى 80 پىرسەنت ئەتراپىغا چۈشتى. بۇ خىل ئەﻫۋال ئەيدىزنىڭ ئۈرۈمچى ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدا زەﻫەر چېكىشتىن باشقا جىنسىي قىلمىش ۋە باشقا يۇقۇش يوللىرى ئارقىلىق يۇقۇش يۈزلىنىشىنىڭ ئېشىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
ئۈرۈمچى شەﻫەرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تېزگىنلەش مەركىزىدىكى يولداشلار ئۈرۈمچى شەﻫەرلىك ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش ئورنىغا قامالغان ئەيدىز يۇقتۇرۇۋېلىش خەتەرلىك قىلمىشى بار بولغان ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ستاتىستىكىلىق تەتقىقات ئىشلگەن . ئۇلارنىڭ زەﻫەر چېكىش ئەﻫۋالى، جىنسىي قىلمىشى ۋە ئەيدىز ﻫەققىدىكى ساۋاتلارنى بىلىش دەرىجىسى قاتارلىقلار ﻫەققىدە ماتېرىيال توپلىغان. تۆۋەندە بۇ ﻫەقتە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتىمىز.
1. ماتېرىيال
ئۈرۈمچى شەﻫەرلىك ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش ئورنىغا قامالغان ئەيدىز يۇقتۇرۋېلىش خەتەرلىك قىلمىشى بار ياكى پاﻫىشە قىلغان 223 نەپەر ئۇيغۇر.
2. ئۇسۇل
ئەﻫۋال ئىگىلەش ۋاراقچىسى تارقىتىش ۋە ئۇنى يىغىۋېلىپ ستاتىستىكىلىق بىرتەرەپ قىلىش.
3. نەتىجە
ئومۇمىي تەكشۈرۈلگەنلەر 223 نەپەر بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئەر 109 نەپەر ( %48.9 )، ئايال 114 نەپەر ( %51.1 )؛ ئەڭ كىچىكى 16 ياش ئەڭ چوڭى 52 ياش؛ توي قىلمىغانلار 87 نەپەر ( %39.0 )، توي قىلغانلار 93 نەپەر ( %47.7 )، ئاجراشقانلار 36 نەپەر ( %16.1 )؛ تولۇقسىز ياكى تولۇقسىزدىن تۆۋەن مەلۇماتتىكىلەر 179 نەپەر ( %80.3 ) ، تولۇق ئوتتۇرىدىن يۇقىرى مەلۇماتتىكىلەر 44 نەپەر ( %19.7 ) ، بىكارچىلار %59.2 ، يەككە ئىگىلىكتىكىلەر %15.3 ، دېﻬقان %7.6، ئىشچى % 6.3 .
3.1 زەﻫەر چېكىش ئەﻫۋالى
زەﻫەر چېكىش تارىخى بارلار 162 نەپەر ( %72.7 )، بۇلارنىڭ ئىچىدىن ئۇكۇل ئارقىلىق زەﻫەر چېكىدىغانلار 145 نەپەر ( %89.5 ) ، ئىشپىرسنى ئورتاق ئىشلەتكەنلەر 129 نەپەر ( %79.6 ) .
3.2 جىنسىي قىلمىش ئەﻫۋالى
تۈرمىگە كىرىشتىن ئاۋال جىنسىي قىلمىشى بار بولغانلار 205 نەپەر ( %91.9 )، ئەڭ بالدۇر جىنسىي تۇرمۇشقا كىرىشىش يېشى جەﻫەتتە ئەڭ كىچىكى 13 ياش ؛ جىنسىي ﻫەمراﻫىنىڭ سانى ( ئومۇمىي جاۋاب بەرگەنلەر 205 نەپەر ) 2 دىن 5 كىچە بولغانلار 136 نەپەر ( %67.3 ) ، 5 دىن جىقلار 12 نەپەر ( %5.9 ) ، ئەرلەرنىڭ ﻫەمجىنسۋازلىق قىلمىشى بارلار 4 نەپەر ( %3.3 ) ؛
3.2.1 بىخەتەرلىك قاپچۇقى ئىشلىتىش ئەﻫۋالى
ﻫەر قېتىملىق جىنسىي تۇرمۇشتا بىخەتەرلىك قاپچۇقى ئىشلىتىدىغانلار %3.5، دائىم ئىشلىتىدىغانلار %3.5، ئارىلاپ ئىشلتىدىغانلار %6.0، ئەزەلدىن ئىشلەتمەيدىغانلار %87.0.
3.3 ئەيدىز ﻫەققىدىكى ساۋاتلارنى بىلىش ئەﻫۋالى
ئەيدىزنى ئاڭلاپ باققانلار %98.7 ، تۈرلۈك تەشۋىقات دوسكىسى، تېلېۋۇزۇر قاتارلىقلاردىن ئاڭلىغانلار %50 دىن يۇقىرى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئەيدىز يۇقۇم ئەﻫۋالىنى ئېغىر دەپ بىلدىغانلار %89، ئۈرۈمچىدىكى ئەيدىز يۇقۇم ئەﻫۋالىنى ئېغىر دەپ قارايدىغانلار %81، ئەيدىزنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىك ئىكەنلىكىنى بىلىدىغانلار %83.9 ، بىلمەيدىغانلار %16.7؛
ئەيدىز يۇقۇمدارلىرى ياكى بىمارلىرىغا كۆيۈنۈش كېرەك دەپ قارايدىغانلار % 61، ئەيدىزنى ئۆزى ۋە ئائىلىسىگە تەﻫدىد سېلىۋاتىدۇ دەپ قارايدىغانلار %61.4، ئەيدىز يۇقۇمدارلىرى داۋاملىق خىزمەت قىلسا ياكى ئوقۇسا بولىدۇ دەپ قارايدىغانلار %70.
4. ئاخىرقى سۆز
ئۈرۈمچى ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدا زەﻫەر چېكىش قىلمىشى ئېغىر، زەﻫەر چېكىش ۋە قالايمىقان جىنسىي تۇرمۇش يولىدىن ئەيدىز يامراش ئەﻫۋالى كەسكىن بولۇپ، يۇقىرىقى گۇرۇپپىدىكى كىشىلەردىن ئەﻫۋال ئىگىلەش ئارقىلىق بۇ كشىلەرنىڭ ئەيدىزگە ئالاقىدار بىلىمىلەرگە بولغان بىلىش دەرىجىسى ۋە بىلگەنلىرىنىڭ توغرىلىق دەرىجىسى % 70 گىمۇ يەتمەيدۇ. بۇ خىل ئەﻫۋال بارچە كىشىلەرنى چۈچۈتىشى كېرەك ئەلۋەتتە. تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئاﻫالىسىنىڭ ئەيدىز ﻫەققىدىكى ساۋاتلاردىن كۆڭۈلدىكىدەك خەۋەردار بولۇشىدا تىل توسالغۇسىمۇ مەلۇم دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتكەن بولۇپ، ئۇيغۇر تىلىدىكى تەشۋىقات خىزمىتى سالمىقىنىڭ تازا يېتەرلىك بولماسلىقى، كۆپۈنچە كىشىلەرنىڭ ئاقما نوپۇس بولۇپ مۇقىم تەربىيىلەش ياكى تەربىيە قوبۇل قىلىش شارائىتىنىڭ بولماسلىقىدەك مۇرەككەپ ئامىللارنىڭ گىرەلەشمە تەسىرى ئۇيغۇر ئاﻫالىسىنىڭ ئەيدىز ﻫەققىدىكى بىلىملەردىن خەۋەردار بولۇش دەرىجىسىنىڭ قانائەتلىنەرلىك بولماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. شۇڭا، بۇ ﻫەقتىكى تەشۋىقات - تەربىيە خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، بولۇپمۇ ئۇيغۇر تىلىدا بولىدىغان تەشۋىقات سالمىقنى جىددىي زورايتىش، جەمئىيەتمۇ بۇ ئىشقا ئالاﻫىدە كۈچ چىقىرىشى كېرەك.
ئۇيغۇر ئاﻫالىسى ئىچىدىكى ئەخلاق - ئىتىقاد تەربىيىسىنى كۈچەيتىپ، زەﻫەر چىكىش، پاﻫىشە قىلىشقا ئوخشاش ئەيدىز يۇقتۇرۇۋېلىش خەتىرى چوڭ بولغان قىلمىشلارنىڭ ئۇيغۇر خەلقى ئارىسىدا ئەۋج ئېلىشىنى چەكلەش كېرەك. بۇ جەﻫەتتە ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى ﻫەربىر كىشىنىڭ باش تارتىپ بولالمايدىغان مەسئۇلىيىتى بار. ﻫەربىر كىشى ئەيدىزگە قارشى كۆرەش سېپىگە ئاۋانگارتلىق بىلەن قېتىلىشى، چامىنىڭ يېتىشىچە كۈچ چىقىرىشى لازىم.