guide
غۇلجىدىكى زەﻫەر ۋە ئەيدىز توغرىسىدا (فىلىم)
يوللانغان ۋاقتى :
01-29
كۆرۈلۈشى:
1695 قىتىم
    ئەسسالامۇئەلەيكوم!ﻫۆرمەتلىك تورداشلار، تۆۋەندىكى «غۇلجىدىكى زەﻫەر ۋە ئەيدىز توغرىسىدا» دېگەن فىلىمنى ﻫوزۇرىڭلارغا سۇندۇق. ئويلاپ باقساق، زەﻫەرگە خۇمار بولۇش بىلەن ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش ئەل-يۇرتنىڭ بېشىغا ئاپەت ئېلىپ كىلىۋاتقان ئاچچىق رىئاللىق.  خەلقىمىزدە «كېسەلنىڭ يۇشۇرساڭ ئۆلۈم ئاشكارا» دېگەن  ﻫەممەيلەن بىلىدىغان ﻫېكمەتلىك ماقال-تەمسىل بار. شۇڭا، زەﻫەر بىلەن ئەيدىزدىن ئىبارەت ئىجتىمائىي مەسىلىگە ﻫەقىقى يۈزلىنىپ، رىئاللىقمىزدىكى بۇ مەسىلەرنى جەمىيىتىمىزدىكى ﻫەممەيلەن بىلىدىغان ﻫالەتتە نامايەن قىلىشىمىز كېرەك. زەﻫەرگە يېقىن كەلمەسلىك  ۋە ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش ئۈچۈن، ﻫەممە ئادەم زەﻫەر بىلەن ئەيدىزنىڭ خەتەرلىك ئاقىۋىتىنى بىلىشى ﻫەم  بۇ جەﻫەتتە ﻫەرۋاقىت ﻫۇشيار-سەزگۈر بولۇپ، ئالدىنىپ زەﻫەر چېكىشكە ئۆگۈنۈپ قالماسلىقى،  يۇقۇش يوللىرىدىن بىخەۋەر قېلىپ جاننى ئازاپلاپ ئۆمۈرنى  قىسقارتىدىغان ساقايماس كېسەل ئەيدىزدىنمۇ يۇقۇملىنىپ قالماسلىقى كېرەك.  ئەمىلىي رىئاللىققا يۈزلەنگەندە ئەل-يۇرتنىڭ بېشىغا كەلگەن ئىجتىمائىي مەسىلە چۆچۈش ۋە ئويغۇنۇش پەيدا قىلالايدۇ.

  ﻫاياتلىق زۇلمەتكە ئەمەس، يۇرۇقلۇققا چاقىرىدۇ.