guide
بىز ئەيدىزگە قانداق قارايمىز؟
يوللانغان ۋاقتى :
01-28
كۆرۈلۈشى:
1802 قىتىم

ھەممىگە ئايان بولغىنىدەك ئەيدىز يەر شارىدا پەيدا بولغىلى30يىلدىن ئاشتى ئۇ شىددەت بىلەن تېز تارقىلىپ ئايىقى ھەممە يەرگە يەتتى. ئۇ داۋالاپ ساقايىتقىلى بولمايدىغان ئۆلۈش نىسبىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولغان ئېغىر يۇقۇملۇق كېسەل بولغاچقا ئىنسانىيەت دۇچ كەلگەن ئورتاق خىرىسقا ئايلاندى.

   نۆۋەتتە ئەيدىز بىر ساغلاملىق مەسىلىسى بۇلۇپلا قالماي ئىجتىمائى مەسىلە ۋە تەخىرسىز چوڭ مەسىلە بولغاچقا ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا كۆپچىلىككە تايىنىشقا توغرا كىلىدۇ.

  ھازىر ھەممىدىن بەك قورقۇنۇچلۇق بۇلىۋاتقىنى بىزنىڭ ئەيدىزنى بىلمەسلىكىمىز بىلىشكە ئىنتىلمەسلىكىمىزدۇر. يىللاردىن بېرى ئەيدىزنىڭ قان ئارقىلىق جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق ئانىدىن بالىغا قاتارلىق ئۈچ خىل يۇقۇش يوللىرىنى ئەسكەرتىپ كەلدۇق لىكىن بۇ ساۋاتلار بىزدە كەڭ كەڭ - كۆلەمدە ئوموملىشالماي كەلدى.

  بەزىلىرىمىز ئەيدىزنى بىلىشكە ئەسلا قىزىقمىدۇق بەزىلىرىمىز ئۆزىمىزنى بۇ ساۋاتلار بىلەن قىلچە مۇناسىۋەتسىز دەپ قارىدۇق يەنە بەزىلىرىمىز بىلىشكە قىزىقتۇقيۇ لېكىن ئەتراپتىكىلەردىن خىجىل بولدۇق بەزىلىرىمىز ھەممىنى بىلىپ تۇرۇپ ئۆزىمىزگە ئائىلىمىزگە ۋە باشقىلارغا مەسئۇل بولالمىدۇق نەتىجىدە رايونىمىزنىڭ بەزى ۋىلايەت ئوبلاستلاردا ئازسانلىق مىللەتلەر ئىچىدە بىز ئۇيغۇرلاردا ئەيدىز كېسىلى چۈچۈگىدەك دەرىجىدە ئەۋج ئالدى. ئەگەردە ئۇيقۇمىزنى بالدۇر ئاچمىساق بىز يېقىن كەلگۈسىدە دۇنيادا ئەيدىز ئەڭ كۆپ تارقالغان مىللەت بۇلۇپ قېلىشىمىز مۇمكىن.

  ئۇنداقتا ئورتاق ماكان ئورتاق زاماندا ياشاپ تۇرۇپ بىزدە نىمە ئۈچۈن ئەيدىز كۆپ تارقىلىۋاتىدۇ! ئىنچىكە كۈزىتىدىغان بولساق بىز زامانىۋىلىققا توغرا يۇسۇندا ماسلاشماي ئەنئەنىۋى تۇرمۇش شەكلى ۋە مەدەنىيەت ئارقا كۆرۈنىشىمىزگە سەل قارىدۇق بىر تۈركۈم ئۇيغۇر قىزلىرى يۇقىرى ئىستىمال مودىغا قارغۇلارچە بېرىلىپ ھالاكەتكە قاراپ ئىلگىرلىدى.بىر قىسىم ئەرلەر ئۆزلىرىنىڭ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئېغىر مەسئۇلىيىتىنى ئۇنتۇپ كېتىشتى ... ۋاكازالار.

  نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا ئەيدىزنىڭ يامرىشىنى زەھەرلىك چىكىملىك چەككۈچىلەرنىڭ ئىشپىرىسنى ئورتاق ئىشلىتىشتىن تېزلىشىپ كەتتى دەپ يۇرگەن بولساق مانا ئەمدى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئەخلاقسىز قىلمىشىدىن ئەيدىزنىڭ ئەڭ كۆپ ئەڭ تېز يۇقىۋاتقانلىقى دەلىللەندى بىز بۇنىمۇ ئېتىراپ قىلمىساق بولماس. شۇ نەرسە ئىسىمىزدە بولسۇنكى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنىمىزدا ئەيدىزنى تىزگىنلەش ۋەزىيىتى يەنىلا كەسكىن بولماقتا. ئەيدىزنىڭ مەۋجۈتلۇقى-مەخپى يوشۇرۇن بولغاچقا جەمئىيەتتىكى ھەر بىرىمىز ئەيدىزگە يۈكسەك ھوشيار بۇلۇشقا توغرا كىلىدۇ. جەمىئيەتتىكى ئەيدىز بىمارلىرى –جەمىيەتنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچۇرغۇچىلار بولغاچقا ئۇلارنى كەمسىتمەسلىكىمىز ئۇلارغا غەمخورلۇق قىلىمىقىمىز بەكمۇ زۆرۈردۇر. نۆۋەتتە پىسخىك مەسلىھەت بىرىش-ئەيدىزنىڭ يامرىشىنى تېزگىنلەشتە ئۈنۈملۈك رول ئوينىماقتا.
بۇرۇن ئاپتونوم رايونىمىز دائىرسىدە ئۈرۈمچى بىلەن غۇلجا ئەيدىزنىڭ تارقىلىشى كۆپ رايۇن ھېسابلىناتتى مانا ئەمدى بۇجايلاردا ئەيدىزگە ھەممە ئورتاق كۆڭۈل بۆلۈپ بوشاشماي تىرىشىشى نەتىجىسىدە ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ سانى ئۈنۈملۈك تىزگىللەندى ھازىر تۇرپان جەنۇبىي شىنجاڭدا خوتەن قەشقەر قاتارلىق رايونلاردىكى ئۇيغۇرلاردا ئەيدىزنىڭ تارقىلىش سۈرىتى كۈندىن -كۈنگە تىزلەشمەكتە.

  بۇ رايۇنلاردا ئەيدىز ھۆكۈمەت مەمۇرلىرى كادىرلار سودىگەرلەر ئادەتتىكى كىشلەر توپىدىن تاكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى يېزىلاردىكى دېھقان - چارۋىچىلار ئىشلەمچىلەرگىچە كېڭەيدى.

  ھازىر ئاپتۇنۇم رايونىمىزدا ھەر كۈنى10 ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغۇچى كۆپىيىۋاتىدۇ بۈگۈنكى كۈندە ئەيدىزنىڭ يۇقىشىدا گەرچە ئەخلاقسىز قىلمىش ئاساسى ئورۇندا تۇرىۋاتقان بولسىمۇ لېكىن بىز ئۇيغۇرلاردىكى بىر قىسىم كىشىلەردىكى چىش تاتقۇزۇش ياكى سالدۇرۇش قاتارلىق چىش داۋالىتىشتا ئۆلچەملىك چوڭ دوختۇرخانىلارغا بارماي دېزىنفېكسىيە ئۆلچىمىگە سەھىيە داۋالاش ئۆلچىمىگە توشمايدىغان ئورۇنلاردا تولىمۇ يەڭگىلتەكلىك بىلەن چىش داۋالىتىشى چاچ ساقال ئالدۇرۇشتا تازلىقى ياخشى ئەمەس ئۈسكۈنە-سايمانلىرى دېزىنفېكسىيەلەنمىگەن ساتىراچخانىلارغا بېرىشى بىر قىسىم خانىم - قىزلار ھۆسىن گۈزەللەشتۈرۈشتە قارغۇلارچە گۈزەللىكنى قوغلىشىپ ئۆلچەمسىز ئورۇنلاردا قاش قاپاقلىرىنى چەكتۈرىشتىدىنمۇ ئەيدىزنىڭ يۇقىشى تېزلەشمەكتە.

  مېنىڭچە ھەر بىرىمىز مېنىڭ ئىش پائالىيەتلىرىمنىڭ ئەيدىزنى يۇقتۇرۇش ئېھتىماللىقى بارمۇ! يولدۇشۇم جۆرەم ئەيدىزنى يۇقتۇرۇشتىن نېرىمۇ! دېگەنلەرنى ھەرۋاقىت ئويلاپ تۇرۇشى بەكمۇ زۆرۆر.بىر ئادەمدە بىلىم بولسىلا ئۇ ئادەمنى ئەيدىزنى يۇقتۇرۇشتىن خالى دېگىلى بولمايدۇ.

  ئەڭ مۇھىمى ئادەمدە پاك ياشاشقا نىسبەتەن مۇستەھكەم ئېتىقاد ۋە پولاتتەك ئىرادە غەيرەت بولمىسا بولمايدۇ.

  يەنە بىرجەھەتتىن نۆۋەتتە ئەيدىزنى دائىم چوڭقۇر تەشۋىق قىلىشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇش بىر تەخىرسىز مەسىلە.

  دۆلىتىمىز 2006ـ يىلى يولغا قويغان «ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش نىزامى»نىڭ 19ـ ماددىسىدا: «رادىيو - تېلېۋىزىيە گېزىت - ژورنال ئالاقە تورى قاتارلىق ئاخبارات ۋاستىلىرى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش بۇيىچە جامائەت پاراۋانلىق تەشۋىقاتىنى قانات يايدۇرۇشى كېرەك» دەپ بەلگىلەنگەن ئەمما نەچچە10يىللىق رىئال ئەھۋالدىن قارىغاندا مەيلى چوڭ نۇپۇزلۇق تاراتقۇلار بولسۇن ياكى يەرلىكتىكى تاراتقۇلاربولسۇن ئەيدىز ھەققىدىكى تەشۋىقات پەقەت ھەريىلىدىكى 12ـ ئاينىڭ1ـ كۈنىدىكى«دۇنيا ئەيدىز كۈنى»گە مەركەزلىشىپ قالدى باشقا ۋاقىتلاردا ئەيدىز توغرىسىدا ئاساسەن گەپ سۆز يوق.

  ئۇيغۇرچە شىنجاڭ گېزىتى 2008ـ يىلى ئاپتونوم رايۇنلۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش كونتىرول قىلىش مەركىزى بىلەن ھەمكارلىشىپ بىر يىل ۋاقىت ئەيدىز بىلىملىرىنى چوڭقۇرلاپ تەشۋىق قىلىدى كىيىن بۇئىشلار ئىزچىل داۋاملاشمىدى.

  ئۈرۈمچى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى نۆۋەتتە ئەيدىزئاممىۋى پاراۋانلىق تەشۋىقاتىنى ياخشى قىلماقتا. مەن ھەر قايسى تاراتقۇلار بىر يىلنىڭ ھەممە ئېيىدا ئەيدىز توغرىسىدىكى تەشۋىقاتنى كۈچەيىتسە دېگەن ئۈمىدتىمەن شۇنداق بولغاندا مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ ئەيدىزگە مۇناسىۋەتلىك جاپالىق ئەمەلىي خىزمەتلىرى ئەمەلىي ئۈنۈم بېرىدۇ.ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بىر تۈركۈم ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئالىيجاناپ پىدائىلارنىڭ رولىغىمۇ سەل قاراشقابولمايدۇ ئۇلار ئاساسى قاتلامغا مەھەللىگە ئائىلىلەرگىچە بېرىپ ئەيدىزنى كونتىرول قىلىش خىزمىتىگە كۈچ ھەم تۆھپە قوشماقتا.

  قىسقىسى ئەيدىز داۋاسى يوق كۆرۈنمەس قاتىل ئۇ نادانلارغا ئەخلاقسىزلارغا ئىرادىسىزلەرگە غەپلەتتىكىلەرگە ئەڭ تېز يېقىنلىشىدۇ ئۇ ھىچكىمگە رەھىم قىلمايدۇ.

  دوستلار تېخىمۇ قەيسەرلىك بىلەن ياشاپ ئەيدىزگە يېقىن يولىمايلى چۈنكى ئەيدىز ئۇ ھالاكەت يولى.


(بايىنغولىن رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدىن تۇرسۇنجان ئابدۇرېھىم)