guide
ئەيدىز بىمارىدىن ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئالغۇچىغا ئايلىنىش
يوللانغان ۋاقتى :
01-28
كۆرۈلۈشى:
1228 قىتىم

ئۇ بىر ئەيدىز بىمارى بولۇپلا قالماستىن يەنە ئەيدىز كېسىلىگە قارشى تۇرۇش پىدائىيىسى. ئۇ ھەر قېتىم يىڭنە نەيچە بىلەن ئوكۇل يىڭنىسىنى كۆرگىنىدە ناھايىتى سەزگۈر بولۇپ كېتەتتى ئۇ بىكار قالغان چېغىدا قۇلىغا سولياۋ خالتىنى ئېلىۋىلىپ زەھەر چىكىدىغانلار بەكرەك مەركەزلەشكەن ئولتۇراق رايوننىڭ چىملىق ۋە كارىدور قاتارلىق يەرلەرگە تاشلىۋەتكەن ئۇكۇل يىڭنىسىنى ئىزدەپ تېپىپ سولياۋ خالتىغا قاچىلاپ تازىلىق بۆلۈمىگە تاپشۇرۇپ بىرىپ ئۇلارنى كۆيدۈرۈۋېتىش يىغىپ بېرىدىغان ئشلارنى قىلاتتى.
بىر قېتىم ئولتۇراق رايوندا بىر نەچچە بالىلارنىڭ تاشلىۋەتكەن يىڭنە نەيچىسىنى ئويناپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ يۈگۈرەپ بېرىپ بالىلارنىڭ قولىدىن يىڭنە نەيچىسىنى تارتىۋالغان چېغىدا بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۇنى ساراڭكەن دېيىشكەنىدى...
ئۇ ئون يىل بۇرۇن زەھەرگە خۇمار بولغان چېغىدا ئۆزىنى قۇتۇلدۇرالمىغان ھەمدە ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغان دەپ دىئاگنوز قۇيۇلغاندا ئۆلۈۋېلىشنى ئويلىغان. بىراق ھازىر ئۇ تەڭرىتاغ رايونى جىددىي كېسەللىكنى كونترول قىلىش مەركىزى ۋە ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەركىزىنىڭ رۇخسىتى بىلەن جامائەت پاراۋانلىقىدا ئالتە يىل چىڭ تۇردى چۈنكى ئۇ مېھىر-مۇھەببەتنىڭ كەمسىتىلىشىنى يۇقۇتۇپ مۆجىزە ئەكېلىشىگە ئىشىنىدۇ.
ئۇنىڭ ئىسمى ۋاڭيا بولۇپ ئۇ بىر ئەيدىز بىمارى بولۇپلا قالماستىن يەنە ئەيدىز كېسىلىگە قارشى تۇرىدىغان جەڭچى. 12-ئاينىڭ 1-كۈنى دۇنيا ئەيدىز خاتىرە كۈنىدە مۇخبىر بۇ ئالاھىدە بولغان «پىداكار»نى زىيارەت قىلدى.


قايتا تېرىلىش
«زەھەر چېكىش خۇمار»ىنى بېسىپ ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىشلىرى ئۈچۈن قەددىنى رۇسلاپ زەھەر تاشلىدى.
11-ئاينىڭ 27-كۈنى ۋاڭيا تەڭرىتاغ رايونىنىڭ جىددي كېسەللىكنى كونتېرول قىلىش مەركىزىنىڭ ئىشخانىسىدا بىر قولىدا تېلېفون بىر قولىدا خاتىرە قالدۇرغاچ تېلېفوندا داۋالاش ئاخىرلىشىپ دوختۇرخانىدىن چىقىپ كەتكەن بىر ئەيدىز بىمارىدىن ئەھۋال سورىدى ئۈستەلنىڭ ھەممە يېرىدە ماتېرىيال بولغاچقا ئىشخانا بىرقەدەر قالايمىقان ئىدى بىراق ئۇ ھامان قۇلىنى ئۈستەلگە ئۇزارتىپ ئۆزىگە لازىم بولغان ماتېرىيالنى تاپالايتى.
بىر دوستى تېلېفوننى ئالمىغاچقا ئۇ دوستىدىن ئەھۋال سوراش ئۈچۈن بۇ ھەپتىنىڭ ئىچىدە ۋاقىت چىقىرىپ ئۇنىڭ ئۆيىگە بارماقچى بولدى ۋاڭيانىڭ دېيىشىچە: ئۇنىڭ دوستى بولسا ئەيدىز بىمارى بولۇپ ۋاڭيا ئەھۋال سوراپ تۇرىدىغانلارنىڭ بىرسى ئىدى ۋاڭيا ئۇلارنى «دوستۇم»دەپ ئاتاشنى بەكمۇ خالايدۇ چۈنكى ئۇ بۇلارغا ئوخشاش كەچۈرمىشلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ئىدى.
ۋاڭيانىڭ كىچىك چېغىدىلا ئانىسى تۈگەپ كەتكەن ئۇ بالىلىق چېغىدا زەھەر چىكىشكە ئۆگىنىپ قىلغانىدى بۇنىڭدىن ئون يىل بۇرۇن ئۇ باشقىلار تەرىپىدىن كەمسىتىلەتتى ئاغرىق ئازابى ۋە يالغۇزلۇق ئۇنى توختىماي ئازاپلىغان ئىدى.
2005-يىلى ۋاڭيا تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن ئۆزىنىڭ ئەيدىز ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى بىلگەن چېغىدا ئۇنىڭ تۇنجى ئويلىغىنى بولسا بىنانىڭ ئۈستىگە چىقىپ سەكرەپ ئۆلىۋالماقچى بولغان ئىدى. دەل مۇشۇ چاغدا تەڭرىتاغ رايونى جىددىي كېسەللىك مەركىزىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىلاشتى ھەمدە ئۇنى توختىماي ئەيدىز كېسىلى توغرىسىكى لېكسىيە پائالىيەتلىرىگە تەكلىپ قىلدى دەسلەپتە ئۇ رەت قىلىپ ئۆزىنى قاچۇرۇپ ھەتتا ئۆز-ئۆزىگە لەنەت ئوقۇدى بىراق خىزمەتچى خادىملار قايتا-قايتا ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىلاشتى.
ۋاڭيا تۇرۋاتقان تەڭرىتاغ رايونى بولسا مەركەزلىكئەيدىز ۋىروسىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى مۇھىم دەپ قاراپ ئۈلگە كۆرسەتكەن رايون بولۇپ 2004-يىلدىن باشلاپ تەڭرىتاغ رايونلۇق جىددىي كېسەللىك مەركىزى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان بىمارلاردىن ئەھۋال سوراش ئىشلىرىنى كۈچەيتىپ ۋىروسقا قارشى داۋالاش ۋە ئالاقىدار تەكشۈرۈشلەرنى يولغا قويدى. بۇ يىل يەنە 97800 يۇەن مەبلەغ ئاجىرتىپ ياردەمگە مۇھتاج كىشلەرگە تارقاتتى ھەمدە 329 بىمارنىڭ تۆۋەن كاپالەت پۇلى ئېلىشىغا ياردەم بەردى.
ۋاڭيا ئۆتكەن كۈنلىرىنى ئەسلەپ بەرگەن چېغىدا تۇيۇقسىز كۈلۈپ تاشلىدى ۋاڭيانىڭ ئەسلەپ بېرىشىچە: ئۇ ئەينى چاغدا بېرىشتىن قورققان ئىدى. لېكىن شۇنداق بولسىمۇ خىزمەتچى خادىملاغا پەقەتلا بىر بېرىپ كۈرۈپ بېقىشىغا ماقۇل بولغان ئىدى شۇ بىر قېتىملىق پائالىيەتكە قاتنىشىپ ئۇنىڭدا قايتا ياشاش ئىستىكى پەيدا بولغان ئىدى.
جىددىي كېسەللىك مەزكىزىنىڭ خادىملىرى ۋاڭياغا نۇرغۇن ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان بىمارلارنى تۇنۇشتۈرۈپ بۇ بىمارلارنىڭ ساغلام ئادەملەرگە ئوخشاش خىزمەت ئۆگىنىش قىلىدىغانلىقى ھەمدە نورمال تۇرمۇش كەچۇردىغانلىقىنى سۆزلەپ بەردى. بۇ ئۇزۇندىن بىرى گومۇشلۇق ئىچىدە تۇرمۇش كەچۈرۋاتقان ۋاڭياغا بەكمۇ تەسىر قىلىپ بۇ دۇنيادا يەنە مۇنداقمۇ «ياشاش» ئۇسۇلىنىڭ بارلىقىغا ھەيران قالدى شۇنىڭ بىلەن ئۇ قەددىنى رۇسلاپ قەيسەرلىك بىلەن زەھەر تاشلاشقا بەل باغلىدى.
2008-يىلىغا كەلگەندە ۋاڭيانىڭ زەھەر تاشلىشى مۇۋاپىقىيەتلىك بولۇپ كېسەللىك ئەھۋالىمۇ نورمال ھالەتكە كەلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەڭرىتاغ رايونلۇق جىددىي كېسەللىك مەركىزىگە ئىلتىماس سۇنۇپ ئۆزىنىڭ ئەمىلىي ھەركىتى ئارقىلىق بىر پىدائىي بولۇشىنى ئۆتىندى ھەمدە بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ كۆپ ئەيدىز بىمارلىرىغا ياردەم بىرىپ ئۇلارنى جەمىيەتنىڭ ئىللىق قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىش ئارزۇسى بارلىقىنى ئېيتى.
بۇ يىل 12-ئاينىڭ 1-كۈنى دۆلەت سەھىيە-پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ دوكلات قىلشىچە 2013-يىلى 9-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە پۈتۈن جۇڭگودا ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلار ۋە ئەيدىز بىمارىنىڭ سانى 434 مىڭ بولۇپ بۇنىڭ ئىچىدە 9636 سى ئۈرۈمچى شەھىرىدە بايقالغان.
جۇڭگو ئەيدىز تورىدىن تەرجىمە قىلىنىدى.