ئەيدىزنى تەكشۈرتۈشكە دائىر سۇئاللار
- يوللانغان ۋاقتى :
- 04-02
- كۆرۈلۈشى:
- 1453 قىتىم
ئەيدىزنى نەگە بېرىپ تەكشۈرتىمىز ؟
مەن بارسام، ئۇلار نېمە ئىشلارنى قىلىدۇ ؟
ئۇلار مەندىن نېمە سوئاللارنى سورايدۇ ؟
باشقىلار بىلەن بىللە كېلىپ تەكشۈرتسەم بولامدۇ ؟
تەكشۈرتۈشكە قانچىلىك پۇل كېتىدۇ ؟
نەگە بېرىپ تەكشۈرىمىز ؟
ئۆزىڭىز تۇرۇشلۇق شەﻫەر(ناﻫىيە)دىكى كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش مەركىزى(فاڭيىزەن)دە ياكى بەلگىلەنگەن دوختۇرخانىلاردا ئەيدىز توغرىسىدا ئىختىيارى مەسلىﻬەت سوراش ۋە تەكشۈرتۈش (VCT)ئامبۇلاتورىيىلىرى تەسىس قىلىنغان بولىدۇ، شۇ يەرگە بېرىپ تەكشۈرتسىڭىز بولىدۇ. مەن بارسام، ئۇلار نېمە ئىشلارنى قىلىدۇ ؟
ئالدىدا مەخسۇس دوختۇر سىزگە ئەيدىز، يۇقۇش يوللىرى ۋە تەكشۈرتۈش توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى بېرىدۇ، سىزنىڭ ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش ئېﻬتىماللىقىڭىز بار- يوقلۇقىغا ﻫۆكۈم قىلىش ئۈچۈن سىزنىڭ ئىش-ﻫەرىكىتىڭىزگە ئائىت بەزى سوئاللارنى سورايدۇ، ئەگەر ئىلگىرى ئەيدىزنى يۇقتۇرۇۋېلىش ئېﻬتىماللىقى بولغان ئىش-ﻫەرىكەتلەر سىزدە سادىر بولغان بولسا، دوختۇر سىزگە تەكشۈرتۈپ بېقىش تەكلىپى بېرىدۇ. ئاخىرىدا سىز تەكشۈرتۈپ بېقىشنى قارار قىلسىڭىز، بىر قېتىم ئىشلىتىلىدىغان شپىرىس ئارقىلىق بىلىكىڭىزدىن 5 مىللىلىتىر قان ئالىدۇ.
ئۇلار مەندىن نېمە سوئاللارنى سورايدۇ ؟
ئۇلار سىزدىن بەزى ئاساسىي ئەﻫۋاللارنى سورايدۇ، مەسىلەن يېشىڭىز، نېمە ئۈچۈن تەكشۇرتىدىغانلىقىڭىز؟ ئەيدىزنى يۇقتۇرۇۋېلىش ئېﻬتىماللىقى بولغان ئىش ﻫەرىكەتلەر سادىر بولغانمۇ يوق؟ مەسىلەن، ئىلگىرى باشقىلار بىلەن شپىرسنى ئورتاق ئىشلىتىپ زەﻫەرلىك چېكىملىك چېكىش تارىخىڭىز بولغانمۇ؟ نىكاﻫدىن بۇرۇن ياكى نىكاﻫ سىرتىدا باشقىلار بىلەن قوغدىنىشسىز جىنسى مۇناسىۋەت بولغانمۇ؟ قان سالدۇرغانمۇ دېگەندەك سوئاللارنى سورايدۇ. بۇ سوئاللار سىزنىڭ تەكشۈرتىشىڭىز كېرەك ياكى ئەمەسلىكىنى، ﻫازىر تەكشۈرۈشنىڭ مۇۋاپىق ۋاقتى ياكى ئەمەسلىكىنى جەزملەشتۈرۈشكە ياردىمى بولىدۇ.

بولىدۇ.
تەكشۈرتۈشكە قانچىلىك پۇل كېتىدۇ ؟
تەكشۈرۈش ئىككى قېتىم ئېلىپ بېرىلىدۇ، يەنى ئىلغاش تەكشۈرۈشى ۋە جەزملەشتۈرۈش تەكشۈرۈشى. ئامبولاتورىيىسىدە ئىلغاش تەكشۈرۈشىنى دۆلەت ﻫەقسىز قىلىپ بېكىتكەن، جەزملەشتۈرۈش تەكشۈرۈشىمۇ شىنجاڭدىكى كۆپلىگەن رايونلاردا ﻫەقسىز، بەزى رايونلاردا ﻫەق ئېلىنىشى مۇمكىن، كونكىرىت ئەﻫۋالنى كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش پونكىتىدىن (فاڭيىزەن) سۈرۈشتۈرۈڭ. چۈنكى دۆلەتنىڭ تويدىن بۇرۇن سالامەتلىك تەكشۈرتىدىغانلار، ﻫامىلىدار ئاياللار، بالىلار (يۇقۇملانغان ئانىدىن تۇغۇلغان بالا ) ۋە تۈرمىدىكىلەرگە قارىتا بۇ ﻫەقنى ئازايتىش ياكى كەچۈرۈم قىلىش ﻫەققىدە سىياسەتلىرى بار.
باشقىلار مېنىڭ تەكشۈرتكىنىمنى ئۇقۇپ قالارمۇ؟
ئەيدىز ۋىرۇسىنى تەكشۈرۈشتە مەخپىيەتلىك ساقلىنىدۇ، ئامبۇلاتورىيىلىرىدە چوقۇم ئۆزىنىڭ كىملىكىنى كۆرسىتىپ ئاندىن تەكشۈرتىدۇ، لېكىن شۇ كىشىنىڭ شەخسى ئۇچۇرلىرى مۇتلەق مەخپىي ساقلىنىدۇ، بۇلارنى پەقەت سىز بىلەن مەسلىﻬەت بەرگۈچى (ياكى دوختۇر)لا بىلىدۇ.
ئەگەر تۇنجى قېتىملىق تەكشۈرتۈشنىڭ نەتىجىسى مەنپىي(-) بولسا قانداق قىلىمەن؟
مەنپىي دېگەنلىك يۇقۇملانمىغان دېگەنلىك، بەلكىم سىز ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانمىغان، يەنە سىز بەلكىم كۆزنەك مەزگىلىدە تۇرۇۋاتقان بولۇشى مۇمكىن، يەنە 3 ئايدىن كېيىن قايتا تەكشۈرتۈش كېرەك. ( كونكرېت ۋاقتىنى دوختۇر سىزگە ئېيتىپ بېرىدۇ) بۇ مەزگىلدە خەتەرلىك ﻫەرىكەت قىلىشتىن ساقلىنىش ياكى ئالدىنى ئېلىش تەدبىرى قوللىنىشىڭىز كېرەك، مەسىلەن، پاكىزە بىر قېتىملىق ئىشپىرىس ئىشلىتىش ياكى جىنسى مۇناسىۋەتتە بىخەتەرلىك قاپچۇقىنى ئىشلىتىپ، باشقىلارغا يۇقتۇرۇپ قويۇشتىن ساقلىنىشىڭىز كېرەك.
ئەگەر تەكشۈرۈشنىڭ نەتىجىسى مۇسبەت(+) بولسا قانداق قىلىمەن؟
جەزىملەشتۈرۈش تەكشۈرۈشىدە نەتىجە مۇسبەت(+) چىققان بولسا، سىز ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغان دېگەن سۆز. بۇچاغدا دوختۇر سىزگە روﻫى جەﻫەتتىن مەدەت بىرىدۇ. سىزنىڭ ماقۇللۇقىڭىزنى ئالغان ئاساستا ئۆيىڭىزدىكىلەرگە خەۋەر قىلىپ، جۆرىڭىزنىمۇ تەكشۈرتۈپ بېقىش تەكلىپى بېرىدۇ. بۇ چاغدا مۇﻫىمى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ﻫالدا سىزنىڭ CD4ﻫۈجەيرىڭىزنى تەكشۈرۈش كېرەك. بۇندىن كېيىن سىز قەرەللىك ﻫالدا بۇ تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلىپ، ئىممۇنىتېت سېستىمىڭىزنىڭ ﻫالىتىنى كۈزىتىپ تۇرۇشىڭىز لازىم. مەسىلەن، ئەگەردەCD4 ﻫۈجەيرىسى300دىن يۇقىرى بولسا، ﻫەر يېرىم يىلدا بىر قېتىم تەكشۈرتىسىز، ئەگەردەCD4 ﻫۈجەيرىسى300 ياكى ئۇنىڭدىن تۆۋەن بولسا، مۇناسىۋەتلىك دوختۇرخانىلارغا بېرىپ ۋىرۇسقا قارشى داۋالاشقا قاتنىشىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.
قوشۇمچە
تەكشۈرۈش ئىككى خىل بولىدۇ، ئۇلارنىڭ بىرسى ئىلغاش تەكشۈرۈشى. بۇ تەكشۈرۈشنى قىلىش ئۈچۈن VCTئورنىدا قان ئېلىپ، تەجىرىبىخانىغا يوللاپ تەكشۈرىدۇ ۋە نەتىجىسى پەقەتلا سىزگە بېرىلىدۇ، ﻫەم تەكشۈرۈشنىڭ ئالدى-كەينىدە سىزگە مەسلىﻬەت بېرىلىدۇ. ئەگەر ئىلغاش تەكشۈرۈشىنىڭ نەتىجىسى HIV+، يەنى يۇقۇملانغان دەپ چىققان بولسا، ئىككىنچى قېتىم يەنە جەزىملەشتۈرۈش ئۈچۈن يەنە بىر قېتىم تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىدۇ. بۇ تەكشۈرۈش ئادەتتە جەزىملەشتۈرۈش سىنىقى دېيىلىدۇ.
ئەگەر ئىلغاش تەكشۈرۈشىنىڭ نەتىجىسى HIV-، يەنى يۇقۇملانمىغان دەپ چىققان بولسا، بەلكىم سىز يۇقۇملانمىغان بولۇشىڭىز ياكى يۇقۇملىنپ كۆزنەك دەۋرىدە تۇرىۋاتقان بولۇشىڭىز مۇمكىن. بۇنىڭ ئۈچۈن مەسلىﻬەت بەرگۈچى خادىم سىزنىڭ يەنە 3 ئايدىن كېيىن قايتا تەكشۈرتۈپ بېقىشىڭىز كېرەكلىكىنى تەۋسىيە قىلىدۇ.
ئادەم ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغان ۋاقىتتا، ئادەم بەدىنى ۋىرۇسقا قارىتا ئىنكاس قايتۇرىدۇ، بۇ يەنە ئانتېتلا رېئاكسىيىسى دەپ ئاتىلىدۇ. تەكشۈرۈشتە ئانتېتلا تەكشۈرۈلىدۇ. دېمەك ئانتېتلانىڭ بار يوقلۇقىغا قاراپ ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغان ياكى ئەمەسلىكىگە ﻫۆكۈم قىلىنىدۇ. قان تەكشۈرگەندە بۇ خىل ئىنكاسنى تەكشۈرۈپ چىقىش ئۈچۈن مەلۇم ۋاقىت كېتىدۇ. بۇ ۋاقىتنى بىز كۆزنەك دەۋرى دەيمىز. ۋىرۇستىن يۇقۇملانغان ۋاقىتتىن باشلاپ ﻫېسابلىغاندا كۆزنەك دەۋرى ئادەتتە 2ﻫەپتىدىن 3ئايغىچە بولىدۇ. شۇڭلاشقا ئۆزىدىن گۇمان قىلغان ئادەم ئەڭ ياخشىسى 12ﻫەپتىدىن كېيىن ئاندىن تەكشۈرتۈش لازىم. بىراق بىر نۇقتا ئىنتايىن مۇﻫىم، يەنى بۇ مەزگىلدە گەرچە ئانتېتلانى تەكشۈرۈپ بىلگىلى بولمىسىمۇ ۋىرۇسنىڭ يەنىلا يۇقۇملاندۇرۇش كۈچى بولىدۇ. يەنى بۇ ئادەم ۋىرۇسنى ئېلىپ يۈرىدۇ ۋە باشقىلارغا يۇقتۇرالايدۇ.
بوۋاقلارنى تەكشۈرۈش يۇقىرىقىلارغا سەل ئوخشىمايدۇ. بوۋاق 18 ئايلىق بولغىچە بوۋاقنىڭ تېنىدە ئانىسىنىڭ ئانتىتىلاسى مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، بۇ دېگەنلىك بوۋاق شۇ ياشقا توشمىغۇچە ئۇنىڭ قېنىنى تەكشۈرۈش ئورۇنسىز. چۈنكى ئۇنىڭ قېنىدىكى ئانتېتلا ئانىسىنىڭ ئانتېتلاسىدۇر. 18 ئايدىن كېيىن تەكشۈرگەندە، بوۋاق ئۆزىنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسى يېتىلىپ ئانتېتلا ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولىدۇ، شۇ چاغدا ئاندىن تەكشۈرۈش ئارقىلىق بوۋاقنىڭ يۇقۇملانغان ياكى يۇقۇملانمىغانلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ. ئۇنىڭسىزمۇ، ئەگەر بوۋاق ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانسا، تۇغۇلۇشىدىنلا ئاجىز، ئاغرىقچان ۋە يېتىلىشى ئاستا بولىدۇ، بۇمۇ يۇقۇملانغان ياكى يۇقۇملانمىغانلىقىنىڭ دەسلەپكى ئالامىتىدۇر.