guide
ئەيدىز - دورا - سالامەتلىك - جىنسىيەت
يوللانغان ۋاقتى :
04-02
كۆرۈلۈشى:
2399 قىتىم
 
20300205495471135441522372636_02_250_250.jpg


 ۋىرۇسقا قارشى دورا ئىچىشنىڭ قانداق پايدىسى بار؟
  ۋىرۇسقا قارشى دورىلار ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ بەدەندە كۆپىيىشىنى ئۈنۈملۈك توسىيالايدۇ. داۋالاشمۇۋەپپەقىيەتلىك بولسا، قاندىكى ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ سانىنى تەكشۈرۈپ چىققىلى بولمىغۇدەك دەرىجىدە تۆۋەنلىتىپ، ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى ۋە شۇ ئارقىلىق بەدەننىڭ ﻫەرخىل يۇقۇملىنىشقا قارشى تۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرۇپ نورمال تۇرمۇش كەچۈرگىلى بولىدۇ.
  ۋىروسقا قارشى دورىنى قانچىلىك ۋاقىت ئىچىمىز؟
  ئادەتتە ۋىرۇسقا قارشى دورىنى چوقۇم بىر ئۆمۈر ئىچىدۇ، دورا ئىچىشنى خالىغانچە توختىتىپ قويۇشقا بولمايدۇ. خۇددى يۇقىرى قان بېسىمى، دىئابىت قاتارلىق ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنى داۋالىغاندەك، دورىنى دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىچىشنى ﻫەمدە كېسەللىك ئەﻫۋالىنى ئۆزگىرىشىگە قاراپ تەڭشەش لازىم.
  ئۈرۈمچى شەﻫىرىدىكى ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش نوقتىلىرى ۋە بەلگىلەنگەن دوختۇرخانىلار قايسى؟
  تىيانشان رايونلۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش كونتىرول قىلىش مەركىزى ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش نۇقتىسى، سايباغ رايونىدىكى ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش نۇقتىسى، شىمىگو رايونىدىكى ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش نۇقتىسى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسى، ئۈرۈمچى شەﻫەرلىك دوستلۇق دوختۇرخانىسى.
  ئەيدىز كېسىلىدىن مەسلىﻬەت سوراش ئورنىنىڭ قىسقارتىلمىسى نېمە؟
  Vct (سەﻫىيە مەمۇرىي ئورۇنلىرى بېكىتكەن داۋالاش ئورگانلىرى)
ئىمۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇردىغان بىر نەچچە خىل يېمەكلىك قايسىلار؟
  دېڭىز يوسۈنى (خەيدەي)، تەرخەمەك، ئاچچىق كاۋا، پۇرچاق ۋە پۇرچاق تۈرىدىكى مەﻫسۇلاتلار، سامساق، گۈمبۈمەدەك، بامبۇك نوتىسى، تاۋۇز، ئۈزۈم، بۆلجۈرگەن، شاپتۇل، كاۋا.
  جاننى قۇتقۇزغۇچى دورىنى توختىىشقا بولامدۇ؟
  ۋىروسقا قارشى داۋالاشنىڭ ئۈنۈمىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، دورىنى ﻫەر دائىم ۋاقتىدا ئىچىش لازىم، يەنى بىر ئايدا دورا ئىچىشنى ئۇنتۇپ قېلىش قېتىم سانى ئۈچ قېتىمدىن ئاشماسلىقى لازىم. دورا ئىچىش خۇددى كۈندە تاماق يېيىشتەك، چوقۇم بىمارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىنىڭ ئايرىلماس قىسمى بولۇشى لازىم. بۇ بىمارنىڭ كېساللىكنى ئۇزۇن مۇددەت كونترول قىلىشتىكى بىردىنبىر چارىدۇر، ئەگەر دورىنى داۋاملىق ئىچمىسىڭىز، دورا مىقدارى ۋىرۇسنىڭ كۆپىيىشىنى كونتىرول قىلىشقا يەتمەي، داۋالاشنىڭ ئۈنۈمى بولماي ئاسانلا دورا كار قىلماس بولۇپ قالىدۇ، ئەڭ ئاخىرىدا ﻫېچقانداق دورا تەسىر قىلماس بولىدۇ .
  دورا ئىچكەندە نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟
  ﻫەر كۈنى ۋاقتىدا دورا ئىچىش، دوختۇرنىڭ رۇخسىتىسىز دورىنى توختاتماسلىق، مىقدارىنى ئازايتماسلىق ياكى مىقدارىنى ئاشۇرماسلىق كېرەك.
  كۆپ ساندىكى ۋىرۇسقا قارشى دورىلار كۈندە ئىككى قېتىم، 12 سائەتتە بىر قېتىم ئىچىلىدۇ. بەزى دورىلار كۈندە بىر قېتىم بولۇپ، كۈندىلىك دورا ئىچىش ۋاقتى مۇقىم بولۇشى كېرەك، بۇ دورىلارنى تاماق بىلەن بىللە ياكى ئاچ قورساق ئىچىدىغانلىقىنى بىلىۋېلىش كېرەك. ئەگەر دورا ئىچىش ۋاقتىدىن تۆت سائەت ئۆتۈپ ئاندىن دورا ئىچىش يادىڭىزغا كەلسە، دورىنى تولۇقلاپ ئىچىشكە بولمايدۇ. يەنە بىر قېتىم دورا ئىچىش ۋاقتىغا كەلگەندە دورا ئىچىش كېرەك. بىر قېتىمدا ئىككى ۋاقلىق دورىنى بىرلەشتۈرۈپ ئىچىشكە بولمايدۇ. دورا ئىچىپ بىر سائەت ئىچىدە قۇسۇپ ياندۇرىۋەتكەندە، ئىچكەن دورا بەدەن تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنمىغاچقا، دورىنى قايتا ئىچىش كېرەك. ئۆزى ئىچىۋاتقان دورىنى باشقىلارنىڭ ئىچىشىگە بېرىشكە بولمايدۇ، چۈنكى ﻫەر بىر كىشىنىڭ كېسەللىك ئەﻫۋالى، داۋالىنىشى ۋە ئىچكەن دورىسى ئوخشىمايدۇ.
دورا ئىستىمال قىلىپ بىئاراملىق ﻫېس قىلسا قانداق قىلىش كېرەك؟
  ئەيدىز ۋىرۇسىغا قارشى دورا ئىشلەتكەن دەسلەپكى نەچچە ﻫەپتىدە، دورىنىڭ ئەكىس تەسىرى سەۋەبىدىن بەزىلەردە ﻫېرىش، كۆڭلى ئېلىشىش، قۇسۇش، ئىچى سۈرۈش، بەدەن ئاغرىش ياكى قاپارتقۇ چىقىش قاتارلىق يېنىك بولغان ئالامەتلەر كۆرۈلۈشى مۇمكىن، بۇنىڭدا بىئارام  بولسىمۇ چىدىغىلى بولىدۇ، ﻫەمدە كۆپ قىسىم ئالامەتلەر ئىككى، ئۈچ ئاي ئىچىدە يېنىكلەيدۇ ياكى يوقايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن يۇقىرىقىدەك يېنىك ئالامەتلەر كۆرۈلگەندە دورىنى داۋاملىق ئىستېمال قىلىش كېرەك. ئاز ساندىكى كىشىلەردە ئېغىر بولغان ئەكىس تەسىر كۆرۈلىدۇ، مەسىلەن، ئېغىر دەرىجىدىكى قاپارتقۇ، ئاشقازان ئاستى بېزى ياللۇغى ياكى سۈت كىسلاتاسىدىن زەﻫەرلىنىش قاتارلىقلار، بۇنداق ئالامەتلەر كۆرۈلگەندە ۋاقتىدا دوختۇر بىلەن ئالاقىلىشش لازىم.
  دورا ئىستېمال قىلغاندىن كېيىن قانچىلىك ۋاقىتتا بەدەن تەكشۈرتۈش لازىم؟
  بەدەن تەكشۈرتۈش ۋاقتى: دورا ئىستېمال قىلغاندىن باشلاپ دەسلەپكى بىر يىلدا ئەڭ ئاز دېگەندە ئالتە قېتىم تەكشۈرتۈش لازىم. يەنى دورا ئىستېمال قىلغاندىن باشلاپ دەسلەپكى يېرىم ئايدا، بىرىنچى ئايدا، ئىككىنچى ئايدا، ئۈچىنچى ئايدا، ئالتىنچى ئايدا ﻫەم ئون  ئىككىنچى ئايدا تەكشۈرتۈش لازىم.
  قىزىغاندا قانداق قىلىش لازىم؟
  ياخشى ئارام ئېلىش، قايناقسۇنى كۆپ ئىچىش، دېرىزىنى ئېچىپ ﻫاۋا ئالماشتۇرۇش لازىم. سوغۇق سۇدا نەملەنگەن لۆڭگىنى بىمارنىڭ بېشىغا قويۇش ياكى ﻫۆل لۆڭگە بىلەن بىمارنىڭ قولتۇق، كۆكرەك ﻫەم دۈمبىسىنى سۈرتۈش لازىم. دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە قىزىتما قايتۇرۇش دورىسىنى ئىشلىتىش لازىم. مەسىلەن، ئاسپىرىن قاتارلىقلار.
  ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن روﻫىي بېسىمنى قانداق يېڭىش كېرەك؟
  ئالدى بىلەن ئۆزىنى تۇتۇۋېلىپ رېئاللىقنى قوبۇل قىلىش لازىم. ئاندىن كېيىن يەنە چۈشكۈنلىشىپ كەتمەي، ئۈمىدۋارلىق بىلەن ياشاش لازىم. ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغانلىق ﻫەرگىزمۇ ﻫازىرلا ئۆلۈپ كېتىدىغانلىقتىن دېرەك بەرمەيدۇ. ئادەتتە يەتتە يىلدىن ئون يىلغىچە ﻫېچقانداق ئالامەت كۆرۈلمەيدۇ. باشقا كىشىلەردەك خىزمەت قىلغىلى، ئەمگەك قىلغىلى، ئۆگىنىش قىلغىلى ﻫەم تۇرمۇش كەچۈرگىلى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، قورقۇش ﻫەم چۆچۈش بولسا ناﻫايىتى نورمال ئەﻫۋال. ﻫېس-تۇيغۇلىرىڭىزنى بېسىشقا ئۇرۇنماڭ، بىخەتەر ئۇسۇلدا بۇ ﻫېسىياتىڭىزنى ئىپادىلىسىڭىز بولىدۇ. ئاخىردا، تۇراقلىق روﻫىي كەيپىيات ساقلاش ناﻫايىتى مۇﻫىمدۇر.
  ئەيدىز بىمارلىرى ۋە يۇقۇملانغۇچىلار ئوزۇقلىنىشتا نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟
  يۇقىرى ئاقسىللىق، يۇقىرى ئېنىرگىيەلىك يېمەكلىكنى ئىستېمال قىلىش لازىم. مەسىلەن، تۇخۇم، سۈت، گۆش ﻫەم پۇرچاق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر، يېڭى كۆكتات ۋە مېۋىلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىش لازىم. ﻫەر قېتىملىق تاماقتا نەچچە تۈرلۈك يېمەكلىكنى بىللە ئىستېمال قىلىش، ئاچچىق ۋە غىدىقلايدىغان يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلماسلىق ياكى ئىستېمال قىلىش لازىم. يېمەكلىك تازىلىقىغا دىققەت قىلىپ، مىكروپ بىلەن يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم.
ئەيدىز بىمارلىرى ۋە يۇقۇملانغۇچىلار ﻫاراق ئىچسە، تاماكا چەكسە بولامدۇ؟
   ﻫاراق ئىچىش، تاماكا چېكىش ئادەمنىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىدۇ، نەپەس يولى ۋە ئۆپكىگە زىيان كەلتۈرىدۇ، جىگەرنىڭ خىزمەت سىجىللىقىنى ئاشۇرۇپ، كېسەللىكنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئاسانلا ئۆپكە ياللۇغى ۋە ئۆپكە تۇبىركۇليۇز ياللۇغىغا گىرىپتار قىلىدۇ. ﻫاراقنى زىيادە كۆپ ئىچكەندە كونتروللۇقنى يوقىتىپ، خەتەرلىك ئىش ﻫەرىكەت ياكى قىلمىش بىلەن شۇغۇللىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە ﻫاراق ئىچىپ تاماكا چەككەندە ئىقتىسادىي بېسىمنى ئاشۇرىدۇ. ئەگەر بۇ ئىقتىسادنى ئوزۇقلىنىشقا ئىشلەتكەندە، سالامەتلىكنى ياخشىلاپ، ﻫاياتنى ئۇزارتقىلى بولىدۇ.
  ئەر-ئايال ئىككىسى ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغان بولسا، ئۇلار جىنسىي تۇرمۇش ئۆتكۈزۈشكە بولامدۇ؟
  ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانسىمۇ، ئەر-ئاياللىق تۇرمۇشتىن بەﻫرىلەنسە بولىدۇ، لېكىن قارشى تەرەپكە يۇقتۇرۇپ قويۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ﻫەر قېتىمدا سۈپىتى لاياقەتلىك بولغان گاندوننى توغرا ئىشلىتىش لازىم. شۇنى تەكىتلەش كېرەككى، ئەر-ئايال ﻫەرئىككىيلەن ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغان بولسىمۇ، جىنسىي مۇناسىۋەت جەريانىدا گاندون ئىشلىتىش كېرەك. بولمىسا قايچىسىمان يۇقۇملىنىش ۋە باشقا كېسەللىكلەردىن  يۇقۇملىنىش يۈز بېرىشى مۇمكىن.
  ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغان ئايال ﻫامىلدار بولسا بولامدۇ؟
   ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغان ئايال پەرزەنتلىك بولماقچى بولسا، ئاۋۋال دوختۇر بىلەن مەسلىﻬەتلىشىپ، يۈز بېرىش ئىﻬتىماللىقى بولغان ئاقىۋەتنى ئېنىق بىلىۋېلىش كېرەك. ئەگەر تۇغۇشنى قارار قىلسا چوقۇم دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ۋىرۇسقا قارشى  دورا ئىشلىتىش، تۇغۇت ئوپېراتسىيەسى جەريانىدا زەخملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش يەڭگىگەندىن كېيىن ئانا سۈتى بىلەن ئېمىتمەسلىك قاتارلىق بىر قاتار تەدبىرلەرنى قوللىنىش لازىم. بۇنداق قىلغاندا بوۋاقنىڭ يۇقۇملىنىش مۇمكىنچىلىكى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ.
ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغۇچىلارنى پەرۋىش قىلىش جەريانىدا نېمىلەرگە دىققەت قىلغاندا ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ؟
  ئەگەر جاراﻫەت بولسا چوقۇم ياخشى تېڭىش لازىم. بىمارلارغا كىيىم ئالماشتۇرغاندا، كىرلىك، بەدەن سۇيۇقلۇقىغا تېگىشكەندە ئەڭ ياخشى رېزىنگە پەلەي كىيىۋېلىش ۋە قولنى سوپۇن بىلەن يۇيۇش لازىم. بىمارنىڭ قۇسۇقىنى، سۈيدۈكىنى، چوڭ تەرىتىنى، قېنىنى بىر تەرەپ قىلغاندا رېزىنگە پەلەي كىيىۋېلىش لازىم. كىيىم-كېچەك ياكى يوتقان-كۆرپە كىرلىكىدە قان داغلىرى ياكى ئاجراتمىلار بولغاندا ئالدى بىلەن ئىككى پېرسەنتلىك ئاقارتقۇچى سۇيۇقلۇق ياكى دېزىنفىكسىيە سۇيۇقلۇقىغا 30 مىنۇت چىلاپ قويۇپ ئاندىن يۇيۇش كېرەك. تەرەت قاچىسىنى تۇرۇبا سۈيىدە چايقىۋەتسە بولىدۇ. بەدەن سۇيۇقلۇقى، ئاجراتمىلار بىلەن بۇلغانغان تازىلىق قەغىزى، داكا قاتارلىقلارنى سۇلياۋ خالتىغا قاچىلاپ كۆيدۈرۈۋېتىش كېرەك.
  گاندون ئىشلىتىش ئارقىلىق ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولامدۇ؟
  گاندون فىزىكىلىق توساق پرىنسىپىدىن پايدىلىنىپ، ئىككى تەرەپنىڭ بەدەن سۇيۇقلۇقىنىڭ بىۋاستە ئۇچرىشىشنى توسۇپ، ﻫامىلىدارلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىپلا قالماستىن، يەنە ئەيدىز ۋە جىنسىي كېسەل بىلەن يۇقۇملىنىشنىڭ خەتىرىنى ئازايتىدۇ. شۇنى ئەسكەرتىش لازىمكى، گاندون ئىشلىتىپ ئەيدىز، جىنسىي كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ ئۈنۈمى %100 بولمايدۇ. لېكىن ئىشلەتمىگەندىن كۆپ بىخەتەر.
  جىنسىي كېسەللىكلەر بىلەن ئەيدىزنىڭ قانداق مۇناسىۋىتى بار؟
  جىنسىي كېسەللىكلەر بىلەن ئەيدىزنىڭ قانداق مۇناسىۋىتى زىچ . جىنسىىي كېسەللىكلەرئەيدىزنىڭ تارقىلىشىنى تېزلىتىۋېتىدۇ. چۈنكى جىنسى كېسەللىككە گىرىپتار بولغاندىن كېيىن، جىنسىي ئەزا ئەتراپىدىكى تېرە توقۇلمىلىرىنىڭ ياللۇغلىنىشىنى ۋە زەخمىلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ ئادەم تېنىگە كىرىپ كېتىش پۇرسىتىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇۋېتىدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاشلا، ئەيدىزدىن يۇقۇملانغاندىن كېيىن، بەدەننىڭ ئىممۇنىتېت كۈچى تۆۋەنلەپ، جىنسىي كېسەلدىن يۇقۇملىنىش پۇرسىتى كۆپىيىدۇ. شۇڭا ، جىنسىي كېسەلدىن يۇقۇملانغان ﻫامان، چوقۇم مۇنتىزىم داۋالىنىپ ، ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش خەۋپىنى تۆۋەنلىتىش كېرەك.
  ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى خاتا تەدبىرلەر قايسىلار؟
ﻫېچقانداق ئالدىنى ئېلىش تەدبىرى قوللانمىغان جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، داس بوشلۇقىنى يۇيۇش ياكى تەن سىرتىغا ئىسپىرما قۇسۇش، ئەتراپقا دورا سۈركەش قاتارلىقلار ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئۈنۈملۈك تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز توغرا بولغان ئۇسۇللارنى قوللىنىشىمىز كېرەك.
  ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا قارىتا دۆلىتىمىزنىڭ قانداق سىياسەتلىرى بار؟
  نۆۋەتتە دۆلىتىمىز ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغان بىمارلارغا قارىتا تۆۋەندىكى سىياسەتلەرنى تۈزدى:
1 .ئەيدىز كېسىلىنى تەكشۈرتىدىغانلارنى ﻫەقسىز مەسلىﻬەت ﻫەمدە دەسلەپكى باسقۇچلۇق تەكشۈرۈش بىلەن تەمىنلەيدۇ.
2 .ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنى ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش بىلەن ﻫەقسىز تەمىنلەيدۇ.
3 .ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغان ﻫامىلىدارلارنى ﻫەقسىز داۋالاش بىلەن تەمىنلەيدۇ.
4.ئەيدىز كېسلى بار يېتىم بالىلارنىڭ ئۇقۇش ﻫەققىنى كۆتۈرۈۋېتىشكە بولىدۇ.
5 . تۇرمۇشتا قىيىنچىلىقى بار ئەيدىز كېسىلى بىمارلىرىنى زۆرۈر بولغان تۇرمۇش ياردىمى بىلەن تەمىنلەيدۇ ﻫەم غەمخورلۇق قىلىدۇ.
  قانداق قىلغاندا قان بېرىشتىكى بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ؟
  ﻫەقسىز قان تەقدىم قىلىشنى تەشەببۇس قىلىش، ﻫۆكۈمەت تەستىقلىغان قان ئېلىش نۇقتىلىرىغا بېرىپ قان تەغدىم قىلىش.