guide
بىر ئىستۇدېنت قىزنىڭ ئەيدىز تارىخى (چوقۇم كۆرۈڭ)
يوللانغان ۋاقتى :
04-02
كۆرۈلۈشى:
2166 قىتىم
  2011-يىلى11-ئاينىڭ مەلۇم كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت9 دا، ئۇچىسىغا قىسقا قارا يوپكا، قارا كوپتا كىيگەن بىر قىز جېجىياڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تېببىي ئىنستىتۇتى يىغىن زالىدا لېكسىيە سۆزلىدى. ئۇ دەل ; جۇڭگودىكى ئەيدىز يۇقۇمدارلىرى ئىچىدە، ﻫازىرغىچە ;بىردىنبىر ئۆزىنىڭ كېسەللىك ئەﻫۋالىنى ئاشكارىلىغان قىز، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى جۇلىيە ئىدى. ئۇنىڭ مۆرىسىگە چۈشكەن قاپقارا چاچلىرى، ئېنىقكى بۈدۈر قىلىنغانىدى، قارىماققا ئۇ باشقا ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن ﻫېچقانداق پەرقلەنمەيتتى.
       ( جۇلىيە، قىز، 1983-يىلى تۇغۇلغان، ۋۇخەندىكى مەلۇم ئالىي مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى. 2004-يىلى 4- ئايدا ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغانلىقى بايقالغان ; ۋە  ;ئوقۇشتىن چېكىنىشكە نەسﻬىيەت قىلىنغان، 2005-يىلى، ئۆزلۈكىدىن سالاﻫىيىتىنى ئاشكارىلاپ، كىشىلەرنى ئەيدىزدىن ئاگاﻫ بولۇشقا ئۈندىگەن. 2006-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى، ئۇ باشقىلارنىڭ ئۆزىنىڭ خاتالىقىنى ; قايتا سادىر قىلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ كەچۈرمىشلىرىنى يېزىپ،  ;ئەيدىز قىزنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسىنى نەشىر قىلدۇرغان)
         مەنمۇ ئىلگىرى سىلەر بىلەن ئوخشاش، كەلگۈسىگە زور ئۈمىد باغلىغان بىر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئىدىم ۋە ئەيدىزنى مەندىن ناﻫايىتىمۇ يىراق دەپ ئويلايتتىم.بۇ سۆزلەرنى قىلىۋاتقاندا، ئۇنىڭ كۆزلىرى نۇرلىنىپ كەتتى  ;ۋە ناﻫايىتى تىزلا يەنە ئەسلىدىكى ﻫالىتىگە قايتتى،  ; مەن بىلمەسلىكتىن خاتالىق ئۆتكۈزدۈم، مەن باشقىلارنىڭ مېنىڭ خاتالىقىمنى يەنە تەكرارلاپ قالماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن .ئىككى يىل بۇرۇن، جۇلىيا ئۆزىنىڭ ئەيدىز ۋىروسىدىن يۇقۇملانغانلىقىنى بايقىغان چاغدا، ئۇ ئالىي مەكتەپنىڭ ئىككىنچى يىللىقىدىكى ;ئەلاچى ;قىز ئوقۇغۇچىسى ئىدى. ئۇنىڭ ئوغۇل دوستى چەتئەللىك ئوقۇغۇچى بولۇپ، ئۇ ئەنە شۇ ئوغۇل بالىدىن يۇقۇملانغانىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ ﻫىكايىسىنى باشلىدى. بۇ ﻫېكايە ئۆتكەن يىلى 9-ئايدىن باشلانغانىدى، بۇ ﻫىكايىنى ئۇ ﻫازىرغىچە 20 نەچچە ئالىي مەكتەپتە سۆزلىدى. نۆۋەتتە ئۇنىڭ خىزمىتىمۇ ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش تەشۋىقاتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.  ; مەن ئاخشىمى يېتىشتىن قورقىمەن، مەڭگۈلۈك ئۇيقىغا كېتىشتىن، ئىككىنچى كۈنى شۇ پېتى تۇرالماي قېلىشىمدىن قورقىمەن-دەيدۇ، ئۇ ;دەسلەپتە كېسىلىم بايقالغاندا، مەن ﻫەر كۈنى ئۆيدىن چىقماي ﻫاڭۋېقىپ ئولتۇرۇپلا قالدىم، ئۆيگە دېرىزىدىن قۇياش نۇرى چۈشكەنىدى، مەن يۈگۈرۈپ چىقىپ بىر پارچە قارا لاتا سېتىۋالدىم ۋە دەرىزىنى قارا لاتا بىلەن چىڭ ئېتىۋەتتىم. كۈن نۇرىنى كۆرمىسەم دەيتتىم. نۇرغۇن ئادەملەر، ئەيدىزنى ئەخلاق بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارايدۇ، ئۇ ۋاقىتتا مەن ﻫەر كۈنى بىرەر تاسادىپىي ۋەقەدە ئۆلۈپ كەتسەمكەن دەپ ئويلايتتىم ۋە شۇنداق پۇرسەتنى ئىزدەيتتىم. مەسىلەن: ماشىنا ۋەقەسى، راك دىگەندەك...  ;ئويلىغانلىرىمنىڭ ﻫەممىسى شۇنداق ئىشلار ئىدى.ئۇنداقتا، جۇلىيە بىزگە يەنە نېمىلەرنى دېمەكچى؟ قېنى بىرلىكتە دىققەت قىلىپ باقايلى!
ياش قىزلار ياق دېيىشنى ئۆگىنىۋېلىشى كېرەك.
        ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىمۇ نورمال ئادەملەر بىلەن ئوخشاش، ئادەتتىكى ئەﻫۋالدا، نۇرغۇن ئادەملەر ئۆزىنىڭ HIV ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى بىلمەيدۇ، بۇ ئەڭ خەتەرلىك. 
       تۈنۈگۈن، تېببىي ئۇنىۋېرستېتتىكى ئىككى ئوقۇغۇچى جولىيەنىڭ لېكسىيىسىدە ماسلىشىش ئۈچۈن، بىر سائەتلىك كىچىك ئېتوت ئورۇنلىدى: بىر جۈپ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئارىلىشىۋاتقىنىغا ئىككى يىل بولغان، ئىككىلا تەرەپ قارشى تەرەپكە بەكمۇ كۆڭۈل بۆلىدۇ. بىر يامغۇرلۇق كۈنى كەچتە، ئوغۇل بالىنىڭ ئۆيىدە چوڭلارنىڭ ﻫېچقايسىسى يوق بولغاچقا، ئۇلار بىرلىكتە ئىنتايىن مەززىلىك يەل قازان شورپىسى قىلىپ يېمەكچى بولىدۇ، ئۇلار بىر تەرەپتىن تاماق يېگەچ، بىر تەرەپتىن يېقىملىق مۇزىكا ئاڭلايدۇ ۋە بىر-بىرىگە قاتتىق مەسلىكى كېلىدۇ. مۇشۇنداق شارائىتتا، ئوغۇل بالا قىزنى باغرىغا باسىدۇ. قىز ﻫېچقانداق قارشىلىق بىلدۈرمەيدۇ. مېنىڭ ناﻫايىتى ئەپسۇسلىنىدىغىنىم، ئەينى چاغدا ﻫېچكىممۇ ماڭا مۇنداق قىلىشنىڭ خەتەرلىكلىكىنى ئەسكەرتىپ قويمىغان-دەيدۇ جۇلىيە-;مەندەك مۇشۇنداق بىر جانلىق مىسال ئالدىڭلاردا تۇرۇپتۇ، ئۈمىدىم سىلەر ﻫەرگىز مەندەك يولدا مېڭىپ قالماڭلارئېنىقكى، ئۇنىڭ لېكسىيىسى ناﻫايىتى كەسپىي نۇتۇق ئىدى.  ئۇ سەﻫنە ئاستىدىكى ئۆزىگە تىكىلگەن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا مۇنداق ئۈچ نەسﻬىيەتىنى چوقۇم ئاڭلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى دېدى. 
بىرىنچى:  ئالىي مەكتەپتە ئەڭ ياخشىسى مۇﻫەببەتلەشمەسلىك، ئەگەر بولمىسا، تويدىن بۇرۇن ﻫەرگىز يېقىنلاشماسلىق؛ 
ئىككىنچى:  مۇبادا ئۇنى قىلالمىسا، ئۆمۈر بويى شۇ بىرلا ئوغۇل بالا بىلەن ئۆتۈش، ﻫەرگىز باشقا بالىلار بىلەن يېقىنلاشماسلىق؛ 
ئۈچىنچى:  مۇبادا ئۇنىمۇ قىلالمىسا، جۆرىسىدىن باشقا ئوغۇل بالا بىلەن يېقىنلاشقاندا چوقۇم بىخەتەرلىك تەدبىرى قوللىنىش؛
مۇبادا يۇقۇملىنىپلا قالدىڭىزمۇ، بارلىق ئېﻬتىماللىقلارنىڭ ﻫەممىسى قۇرۇق نەرسىگە ئايلىنىپ قالىدۇ. 
      ئادەمنىڭ ﻫاياتىدا ئەڭ قورقۇنچلىق ئىش ئۈمىدنىڭ يوقىلىشى، ئەيدىزگە گىرىپتار بولۇپ قالدىڭىزمۇ، ئۇنداقتا كەلگۈسىڭىز قاپقاراڭغۇ، ﻫېچبىر چېگرىسى ﻫېچبىر نىشانى يوق بوپ قالىسىز، جۇلىيە ئۆزىنىڭ ﻫىكايىسى ئارقىلىق تۆۋەندىكى قىز ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا شۇلارنى دېدى. مۇبادا ئەيدىز بولۇپ قالدىڭىزمۇ، ئىلگىرىكى ئېﻬتىماللىقلارنىڭ ﻫەممىسى مۇمكىن ئەمەس نەرسىگە ئايلىنىپ قالىدۇ، مەسىلەن، توي قىلىش دېگەندەك.
ئېﻬتىمال بارلىق ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ ﻫەممىسى ئۆلۈۋېلىشنى ئويلايدۇ، نۇرغۇن يۇقۇمدارلار خىزمىتىنى تاشلاپ، چەت ياقا جايلارغا بېرىۋېلىپ بېكىنىۋالىدۇ ۋە دۇنيادىن ئايرىلغان ﻫالەتتە يەككە - يېگانە ياشايدۇ.مەن ﻫازىر تۆت خىل خىزمەتنى قىلىۋاتىمەن، مەن بىر قانچە يەرگە كۆچۈپ بولدۇم، بەزىدە ئۆي ئىگىسى تەرىپىدىن قوغلاپ چىقىرىلدىم، مېنىڭ بىر دوستۇم بار، 30 نەچچە ياش، ئۇ ئېرى تەرىپىدىن ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغانىدى، خوجايىنى ئۇققاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا تېلېفون بېرىپ ئىشقا كەلمەسلىكىنى، مائاشىنى تولۇق بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. ;، ئۇنىڭ لەۋلىرى تىترەيتتى، بىر خىل بىچارىلىك ئەكس ئېتەتتى، ئۇ شۇ ﻫالدا لېكسىيىسىنى داۋاملاشتۇردى، - ;كۆپچىلىكنىڭ چۈشىنىشى ئۈچۈن، بىر جەريان كېتىدۇ. مەسىلەن مەن تاماق يېگىلى مەكتەپ ئاشخانىسىغا كىرسەم، بىر خىزمەتدىشىم تاماق يېگىلى ئۇنىمىدى، 15 كۈندىن كېيىن، بۇ خىزمەتدىشىم ئاخىرى تاماق يېگىلى بېرىشقا ئۇنىدى، بىراق، تاماق ۋاقتىدا كۆپچىلىكنىڭ ﻫەممىسى تاماقنى كىچىك قاچىلىرىغا ئېلىپ، مەخسۇس چوكىسى ۋە قوشۇقىنى ئىشلەتتى. پەقەتلا مۇشۇ ئايال خىزمەتدىشىم چوڭ تاماق قاچىسىنى ئىشلەتتى، چۈنكى ئۇ مېنىڭ ئەزەلدىن چوڭ تاماق قاچىسى ئىشلەتمەيدىغانلىقىنى بىلەتتى.
      بۈگۈنگە قەدەر جولىيەنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۇنىڭ ئەيدىزگە گىرىپتار بولۇپ قالغانلىقىدىن خەۋەرسىزكەن;مەن ئاتا-ئانامنىڭ مەندەك بىر قىزى بولغانلىقى ئۈچۈن، خەلقى-ئالەمنىڭ ئالدىدا كەمسىتىلىشىنى كۆرۈشنى خالىمايمەن- دېدى جۇلىيە، ئېغىر كىچىك تىنىپ باشقىلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىپ تۇرۇپ ئادەمنىڭ ﻫاياتى ساختىلىق، يالغانچىلىق بىلەن تولغان بولىدۇ، مەن ﻫازىرغىچە يالغانچىلىق قىلىپ ئاتا-ئانامدىن يوشۇردۇم، بەكمۇ چارچىدىم. بىراق ئەڭ قىيىنچىلىق كۈنلەر ئاللىبۇرۇن ئۆتۈپ كەتتى، ﻫازىر دىيىشىمنىڭمۇ ﻫاجىتى يوق، مەن ئاتا-ئانامغا بۇ شۇم خەۋەرنى دەپ ئۇلارنىڭ كۆڭلىنىمۇ يېرىم قىلىشنى خالىمايمەن. بەلكى مەن ئۇلارغا تەسەللىي بولۇشۇم، روﻫى بېسىمنى يەڭگىللىتىشىم كېرەك. مېنڭ قىلغىنىم ياخشى نىيەتلىك يالغانچىلىق، تەڭرىم مېنى كەچۈرگەي بۇ قېتىمقى پائالىيەت جېجىياڭ ئۆلكىلىك پارتكوم، جېجىياڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ياشلار پىدائىيلار ئەترىتى قوماندانلىق مەركىزى قاتارلىق ئورۇنلار تەشكىللىگەن بولۇپ، جولىيەنىڭ ﻫىكايىسى ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ ياش قىز ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بۇندىن كىيىنكى ﻫاياتىدا بەزىبىر خاتالىقلاردىن ساقلىنىشى مۇمكىن.

قاتتىق ئەسكەرتىش(ئەيدىز سىزدىن ئانچە يىراق ئەمەس)
----- تەڭرىتاغ مۇنبىرىدىن ئېلىندى -------