شىنجاڭدىكى ئەيدىز كۆپ يۇرتلار
- يوللانغان ۋاقتى :
- 04-02
- كۆرۈلۈشى:
- 1975 قىتىم
2012- يىلى سىنتەبىرنىڭ ئاخىرغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنىمىزغا دوكلات قىلىنغان ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچى ۋە ئەيدىز ئاغرىقى 40 مىڭ 110 بولۇپ، بۇنىڭ ئارىسىدىكى ئەيدىز ئاغرىقى 8600 ئىكەن، 5929ئەيدىز ئاغرىقى قازا قىلغان. مۆلچەرىنىشىچە ئاپتونوم رايۇنىمىزدىكى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچى 60مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن. ئىلى، ئۈرۈمچى، ئاقسۇ، قەشقەر، خوتەن ۋە تۇرپان قاتارلىق رايۇن-ۋىلايەتلەردىكى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار پۈتكۈل ئاپتونوم رايۇنىمىز ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ئومۇمى سانىنىڭ %83.2 ئىگىلىگەن.
ﻫەممىمىزگە مەلۇم، خوتەن، قەشقەر، ئاقسۇ، تۇرپان، غۇلجا، ئۈرۈمچى قاتارلىق يۇرتلاردا پۈتۈن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنىدىكى ئۇيغۇرلار ئاﻫالىسىنىڭ %80 دىن كۆپى ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، بۇنىڭدىن ئەيدىزنىڭ يۇرت ﻫەم مىللەت پەرقى بويىچە تارقىلىش ۋە يۇقۇملىنىش ئەﻫۋالىنىڭ كىلىپ چىققانلىقىنى بىلىۋېلىشقا بولىدۇ. شۇنداقلا، تۆۋەندىكى سېلىشتۇرما مەلۇماتتىن قارىغاندىمۇ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنىمىزدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىشى ﻫەممىدىن كۆپ بولۇپ، ئويلانماي تۇرالمايمىز.

ئەيدىزنىڭ بۇنداق تارقىلىشىدا بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان ﻫەرقايسى يۇرتلارنىڭ مەدەنىيەت ۋە جەمىيەت تەرەققىيات ئەﻫۋالىنىڭ قانداقلىقى نامايەن بولىۋاتقان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرلارنىڭ جەمىيەت ۋە مەدەنىيەت تەرەققىيات ئەﻫۋالىنىڭ شىنجاڭدا بىللە ياشاۋاتقان باشقا نوپۇسى كۆپرەك مىللەتلەردىن پەرقلىق ئىكەنلىكى مەلۇم بولىۋاتىدۇ.
ئەيدىزنىڭ تارقىلىشى ئادەملەرنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ﻫۇشيارلىق ئېڭى بىلەن مۇناسىۋەتلەك بولغاچقا، شۇنداقلا ئادەملەر مەلۇم مىللەت مەدەنىيەت-جەمىيەت ئاڭ-مۇﻫىتىدا ئۆسۈپ يىتىلىدىغان ﻫەم ياشايدىغان بولغاچقا، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللى مەدەنىيەت مىجەز-خارەكتېرى تامغىسى ۋە تەرەققىيات ساپاسى پەرقى بويىچە ئەيدىزگە پۇتلىشىپ يۈرۈشى كىلىپ چىققان دېمەي تۇرالمايمىز.
دېمىسىمۇ، ﻫەرقايسى مىللەتلەر ئىرىق ۋە كىيىم-كېچەك جەﻫەتتىكى سىرتقى كۆرۈنۈش پەرقىدىن باشقا، ئىدىيە-قىممەت ئېڭى، ئەقىدە-ئېتىقادى، تىل-يېزىقى، مىللى مەدەنىيەت ئۆرۈپ-ئادىتى، مىجەز-خارەكتېرى، ئەر-ئاياللىق تۇنۇشى ﻫەم نىكاﻫ قارىشى، تۇرمۇش ئادىتى-چۈشەنچىسى، جاﻫاندارچىلىق ئۇسۇلى، بالىلارنى تەربىيىلەش ﻫەم مائارىپقا تۇتقان پۇزىتسىيەسى، ساغلاملىق ئېڭى، مەدەنىيەت قۇرۇلمىسىنىڭ تەرەققىيات ئەﻫۋالى قاتارلىق جەﻫەتلەردىن بىر-بىرسىدىن پەرقلەنمەي قالمايدۇ. يەنى ئادەملەر مۇشۇنداق ئوخشىماسلىق بىلەن مىللى خاسلىققا، مىللەت پەرقىگە ئىگە بولغان. مىللەت پەرىقلەنگەن يەردە ئادەملەرمۇ پەرىقلىنىدۇ، ئەلۋەتتە.
شۇنداقلا، دۇنيادىكى دۆلەتلەر، مىللەتلەر ﻫەم مەدەنىيەتلەرنىڭ ئۇچۇر-تېخنىكا، قاتناش، سودا-ئىقتىساد، سەنئەت-كۆڭۈل ئېچىش قاتارلىق جەﻫەتلەردىكى ئۆزئارا تەسىرى-ئۆتۈشىشى بۈگۈنكىدەك بارغانسىرى كۈچىيىۋاتقان زاماندا، ئۆز مەدەنىيەت-جەمىيەت مۇﻫىتىنى گۈللەندۈرۈشتە تەلىم-تەربىيە، تەشۋىقات، تەرەققىيات قاتارلىق جەﻫەتلەردە يېتەرلىك كۈچ چىقىرىپ بولالمايۋاتقانلارنىڭ سەلبى مەسىلىلىرى كۆپۈيۈپ كىتىدۇ.
ئۇيغۇرلاردىن بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ، ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە بېرىپ ئالاﻫىدە پەرىقلىق ﻫالەتتە زەﻫەر سېتىشى ﻫەم زەﻫەر چېكىپ يۈرۈشلىرى، كىچىك بالىلارنى ئالداپ-ئوغۇرلاپ ئىچكىرىگە ئاپىرىپ مەجبۇرى ئوغۇرلىققا سېلىپ كەسپى ئوغۇرلۇق تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىشى، چىرايلىق ئۇيغۇر قىزلىرى مىللەتداش ئۇيغۇر قېرىنداشلىرى تەرىپىدىن ﻫەر خىل ئۇسۇل-ۋاستىلەر بىلەن ئىچكىرىگە ئاپىرىلىپ پاﻫىشەخانىلارغا سېتىۋېتىلىشى، يېقىندا يۈز بەرگەن ياڭاق سوقمىسى(ماتاڭ)نى زورلاپ ساتتى دېگەن قالپاققا ئىگە بولۇپ تور دۇنياسىدىكى كەمسىتىلىش-ﻫاقارەتلىرى، شۇنداقلا شىنجاڭدا بىر مۇنچە مىللەت بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىشتا ﻫەممىنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كېتىپ رىكورت يارىتىشى، جۇڭگو ئاﻫالىسىنىڭ شەﻫەرلىشىشىنىڭ ئەللىك پىرسەنتكە يەتكەنلىكىنىڭ ئەكسىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ شەﻫەرلىشىشتە باشقىلارنىڭ كەينىدە قېلىپ، ئۈچتىن ئىككى قىسىمدىن كۆپ ئۇيغۇرلارنىڭ شەﻫەرلىشىشنىڭ سىرتىدا ئىكەنلىكى، ئۇيغۇرلارنىڭ نىكاﻫتىن ئاجرىشىش ئەﻫۋالىنى مىللەتلەر ئارا نىسبەتلەشتۈرگەندە جۇڭگودا بىرىنچى ئورۇندا تۇرۇشى، ئۇيغۇر تىل-يېزىقىدىكى كۈتۈپخانا-كىتابخانىلارنىڭ باشقىلارنىڭكىدەك ئاۋاتلىشالماسلىقى...
مىللەتلەر ئارا پەرىق دېگەن بولىدۇ. ئەمما تەرەققىيات، گۈللىنىش، ئىلغارلىقتا بىر دۆلەت-بىر جەمىيەت ئىچىدە يۇقىرى-تۆۋەنلىك بولسا، تەرەققياتى كەينىدە قالغان مىللەتنىڭ تەرەققىيات ئۇسۇلىنىڭ يېتەرلىك ﻫەم مۇكەممەل ئەمەسلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بىرىدۇ. چۈنكى، ﻫەرقانداق مىللەت ئۆزىنىڭ تىل-يېزىقى، ئاخبارات-نەشرىياتى، رادىيۇ-تىلىۋىزىيەسى، مەدەنىيەت-مائارىپى، ئىدىيە-تەپەككۇر تەتقىقاتى، مىللى پىسخىكا ــ مىجەز-خارەكتېر باﻫا-ئانالىزى، ئىگىلىك-تۇرمۇش يولى، سىياسىي-ئىقتىساد ئېڭى، مەدەنىيەت قۇرۇلمىسى قاتارلىقلارنىڭ تەرەققىياتى ئارقىلىق گۈللىنىش يولىغا قاراپ ئىلگىرلىيەلەيدۇ. يەنى يۇقارقى جەﻫەتلەردە باشقا مىللەتلەرنىڭ تەرەققىيات ئۇسۇلىنى ئۈلگە قىلىشى، ئۆزلىرىنى باشقىلارغا سېلىشتۇرۇپ تەرەققىيات ئۇسۇلىدىكى يېتەرسىزلىكلەرنى تۈزۈتىشى، مىللەت مەدەنىيەت قاتلىمىدىكى سەلبى مەسىلىلەرنىڭ سەۋەبلىرىنى تېپىپ چىقىپ، مۇكەممەل تەرەققىيات قۇرۇلمىسى ئارقىلىق تەرەققىيات ئېﻬتىياجىنى قاندۇرۇپ يېتەكلەش ئۇسۇلى بىلەن گۈللىنىش يولىغا كىرىش كېرەك.
«يول تەغدىرنى بەلگىلەيدۇ» دەپ شى جىنپىڭ «گۈللىنىش يولى» كۆرگەزمىسىدە ئېيتقاندەك، تەرەققىيات يولى-ئۇسۇلى مىللەتنىڭ گۈللىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرالايدۇ. دېمەك، ئۇيغۇرلارنىڭ يۇرت ﻫەم مىللەت بويىچە ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىش ئەﻫۋالىنىڭ باشقا مىللەتلەردىن ئېغىرلىقى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز-ئۆزىنى تەرەققى قىلدۇرۇش ئۇسۇلىدىكى يېتەرسىزلىك ﻫەم چالا تەرەپلىرىنىڭ بار ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. ئەمما، ئۇيغۇرلاردا يۇقۇرىدا ئېيتىپ ئۆتكەندەك، رايۇن ئىچىدە ﻫەم ئىچكىرى ئۆلكىلەردە مىللەتنىڭ يۈز-ئابرويىغا ﻫەم ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك بىر مۇنچە سەلبى مەسىلىلەر كىلىپ چىقتى. بۇلارنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدىكى ئىقتىدارسىزلىق، ﻫۆكۈمەت فۇنكىتسىيەسىدىكى يېتەرسىزلىكنىڭ نامايەن بولۇشى دېيىش كېرەكمۇ؟ ياكى كىشىلەرنىڭ قانداق قالپاق كىيىشىدىن قەتئىنەزەر مىللەت كوللىكتىپىنىڭ مەنپەئەتىدىن ئۆزىنىڭ شەخسى مەنپەئەتىنى مۇﻫىم ئورۇنغا قۇيۇشىمۇ؟ ۋە ياكى ئۇلار ﻫەرقانداق ئىش-پائالىيەتتە مىللەتنىڭ ئوبرازى ﻫەم ۋەكىلى ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت مەسئۇلىيەتنى چۈشەنمەمدۇ؟!....
«كېسەلنى يۇشۇرساڭ ئۆلۈم ئاشكارا» دېگەن گەپ بار. شۇڭا كېسەل يۈز بەرگەندىن كىيىن دىئاگنۇز قۇيۇش كېرەك. رىتسىپ يېزىپ داۋاللاش ئۈچۈن ئويلىنىش، ئىزدىنىش كېرەك. باشلىق جاڭ چۈنشەننىڭ ئەﻫمىيەت بىرىشى بىلەن ئىچكىرىگە ئاپىرىلىپ ئوغۇرلىققا سېلىنىۋاتقان ئۇيغۇر بالىلىرىنى ﻫۆكۈمەتنىڭ كۈچ چىقىرىپ يۇرتىغا قايتۇرۇپ كېلىشى، بالىلىرىنى تاپالمايۋاتقان ئاتا-ئانىلار بىلەن ئاتا-ئانىلىرىنىڭ مېﻬرىبانلىقىدىن ئايرىلىپ قالغان ئىچكىرىدىكى سەرگەردان بالىلارنى ناﻫايىتى رازى قىلغىنىنى ﻫەممىمىز بىلىمىز. شۇڭا، شىنجاڭدىكى ئەيدىز كۆپ يۇرتلار توغرىسىدا ئويلانمىساق، ئىزدەنمىسەك بولمايدۇ. چۈنكى، ئادەم ئەيدىز بىلەن يۇشۇرۇن ﻫالەتتە يۇقۇملىنىدۇ، يۇشۇرۇن ﻫالەتتە يۇقۇملانغان ئەيدىز يۇشۇرۇن ﻫالەتتە داۋاملىشىدۇ. كىشىلەرنىڭ ئۆزلىرى خالاپ ئېلىپ بارسا بولىدىغان جىنسىيەت ئەركىنلىكى قۇيۇۋېتىلگەن جەمىيەتتە، مەدەنىيەتتىكى نىكاﻫنىڭ كونتۇرۇللىقى ئاجىزلاپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر نىكاﻫنىڭ ئالدى-كەينى، ئىچى-تېشىدا خالىغانچە جىنسى مۇناسىۋەت ئەركىنلىكىگە ئېرىشتى. باشقىچە ئېيتقاندا بىر ئەر كۆپ ئايال بىلەن، بىر ئايال كۆپ ئەر بىلەن بىللە بولۇش نۇرماللىققا يۈزلەندى. جىنسى مۇناسىۋەت نۆۋەتتە ئەيدىزنىڭ نىسبەتەن كۆپ تارقىلىش يولىغا ئايلانغان بولۇپ، ئەيدىز ئەر-ئاياللارنىڭ جىنسى مۇناسىۋەت ئورنىغا يۇشۇرۇنغان بولغاچقا، شۇنىڭ بىلەن ئەيدىز ئۆمۈچۈك تورىدەك تورلۇشۇپ، دەرەخنىڭ شېخىدەك شاخلىشىپ يۇشۇرۇن ﻫالەتتە بازار تېپىشقا باشلىدى. شۇڭا، ساقايمايدىغان دۇنياۋى يۇقۇملۇق كېسەل ئەيدىز بۇنداق بازار تاپسا، ئەل-يۇرتقا خەۋىپ ئېلىپ كەلمەي قالمايدۇ، ئەلۋەتتە.