ئاياللارنىڭ ئورنى ۋە ئەيدىز
- يوللانغان ۋاقتى :
- 04-01
- كۆرۈلۈشى:
- 1333 قىتىم
نۆۋەتتىكى ئەيدىزنىڭ تارقىلىش ئەﻫۋالىدىمۇ ئەر-ئاياللار قالايمىقان جىنسى مۇناسىۋىتى ئاساسى ئورۇندا تۇرىۋاتقان ﻫالەتتە بولۇپ، ئەرلەرنى خالىغانچە جىنسى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدىغانلار ئاياللاردۇر. چۈنكى، جىنسى مۇلازىمەتتە ئاساسەن ئەرلەر ئاياللارنى ئىزدەيدۇ. شۇنداقلا، جەمىيەتتە ئاياللارنىڭ ئەرلەرگە باسقۇنچىلىق قىلىشى ئەمەس، ئەرلەرنىڭ ئاياللارغا باسقۇنچىلىق قىلىشى يۈز بىرىپ تۇرىدۇ.
جىنسى تىجارەت ئورۇنلىرىدىن (پاﻫىشەخانىلاردىن) ياكى ﻫەر خىل سورۇن-سالاﻫىيەتتىكى جىنسى مۇلازىملاردىن ئەيدىزنى يۇقتۇرۇش-يۇقتۇرىۋېلىش ئېغىر ﻫالەتتە بولىۋاتىدۇ. ئەيدىز ئاياللاردىن ئاسان يۇقۇدۇ. ﻫەممەيلەنگە مەلۇمكى، جىنسى مۇلازىملار (پاﻫىشەلەر) ئاياللار بولۇپ، مۇشۇنىڭدىنمۇ ئاياللارنىڭ ئورنىنىڭ تۆۋەنلىكى بىلىنىپ تۇرىدۇ. چۈنكى، ئۇلار جان بېقىش ئۈچۈن تەن ساتىدۇ. ئىنسانلارنىڭ ﻫاياتلىق قانۇنىيىتىدە، مەدەنىيىتىدە تەن سېتىش ئامالسىزلىقتىن ئۆگىنىدىغان، يۈزلىنىدىغان قىلمىشتۇر. ئەمەلىيەتتىمۇ پاﻫىشەلەرنىڭ ئىرىشمەكچى بولغىنى نۇرمال ئەر-ئاياللىق ﻫېسسىياتى ئەمەس، بەلكى پۇل تېپىش ئۈچۈن ئەرلەرگە ئۆزىنى تاشلاپ بىرىشتۇر. ئەسلىدە ئاياللارنىڭ نىكاﻫلانغان ئائىلىسى، تۇتقان ئۆيى بولىدۇ ﻫەم بولۇشى كېرەك. ئەمما، نىكاﻫتىن بۇرۇن ياكى كىيىن پاﻫىشە بولۇپ كەتكەن ئاياللار ئۆز ئورنىنىڭ تۆۋەنلىكى، جىسمانى كۈچىنىڭ ئاجىزلىقى، خارلىنىشى، ئالدىنىشى، تاشلىنىشى سەۋەبلىك مۇشۇنداق يولنى تاللاشقا مەجبۇر بولغان دېسەك، بۇ ئەلۋەتتە ئەرلەرگە مۇناسىۋەتلىك بولغان بولىدۇ.
بۈگۈنكى دۇنيادا ئەيدىزنىڭ يامرىشى نىسبەتەن ئېغىر بولغان ﻫىندىستان، ئافرىقا جەمىيەتلىرىدىمۇ ئاياللارنىڭ ئورنى، قەدىر-قىممىتى خېلىلا تۆۋەن ﻫالەتتە بولۇپ، بىز ئۇيغۇرلاردىمۇ ئەيدىزنىڭ تارقىلىشىنىڭ باشقىلارغا سېلىشتۇرغاندا ئالدىدا تۇرىدىغانلىقى ﻫەممىمىزگە نامەلۇم بولمىسا كېرەك. ئاياللارنىڭ ئورنىنىڭ تۆۋەن بولۇشى ﻫەممە ئاياللارنىڭ ئائىلىسى بولۇش قائىدىسىنى ئاجىزلاشتۇرىۋېتىپ، نىكاﻫنىڭ سىرتىدا ياشايدىغان ئاياللارنىڭ بارلىققا كېلىشىنى يۈزلەندۈرۈپ، نىكاﻫ سىرىتىدا ئەيدىزنىڭ تارقىلىشىغا يول ئېچىپ بىرىدۇ. دېمەك. ئۇيغۇر جەمىيىتىدە ئەيدىزنىڭ نىسبەتەن كۆپ بولۇشى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىدىكى ئاياللارنىڭ ئورنىنىڭ تۆۋەنلىكى بىلەن مۇﻫىم مۇناسىۋىتى باردەپ قاراشقا بولىدۇ.