guide
يۇپۇرماق كىسلاتاسىنى ﻫامىلدار بۇلۇشتىن 3 ئاي بۇرۇن تۇلۇقلىغان ياخشى
يوللانغان ۋاقتى :
01-29
كۆرۈلۈشى:
1536 قىتىم

ئامىركىلىق مۇتەخەسسىلەر يېقىندا مۇنداق دېيىشتى ؛ يۇپۇرماق كىسلاتاسى ﻫامىلىنىڭ مېڭىسىز ، غەلىتە ، ئومۇرۇتقا تۆۋرىكى يېرىق قان ئازلىق قاتارلىق تۇغما كېسەللىكلەر بىلەن تۇغۇلۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ، شۇڭا ﻫامىلدار بۇلۇش ئالدىدا تۇرغان ئاياللار ﻫەر كۈنى 400 مىللىيگىرام يۇپۇرماق كىسلاتاسى تۇلۇقلىسا پايدىسنى كۆرىدۇ ،
مۇتەخەسسىلەر يەنە مۇنداق دېيىشتى ؛ ئادەتتە ﻫامىلدار بۇلۇشتىن 3 ئاي بۇرۇن يۇپۇرماق كىسلاتاسىنى تۇلۇقلاشنى باشلاش ئاقىلانىلىك ، دانلىق زىرائەت ، پۇرچاق تۈرىدىكى يىمەكلىكلەر ، گۆلكۆك ، پالەك ، زاغۇن ، ماندارىن ۋە ماندارىن شەربىتى قاتارلىقلاردا يۇپۇرماق كىسلاتاسى مول ﻫامىلدار بۇلۇش ئالدىدا تۇرغان ئاياللار ئادەتتە يۇپۇرماق كىسلاتاسىنى يىمەكلىك ئارقىلىق تۇلۇقلاش بىلەن بىرگە ، يۇپۇرماق كىسلاتا تابلىتىنى يەپ بەرسىمۇ بۇلىدۇ ، ﻫامىلدارلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ، يۇپۇرماق كىسلاتا تابلېتىنى قۇشۇپ يەپ بەرسىمۇ بۇلىدۇ .