guide
ئاياللار ﻫامىلدارلىق مەزگىلىدە زىيادە سەمىرىپ كەتسە، بالىنىڭ يۈرىكىگە زىيانلىق
يوللانغان ۋاقتى :
09-09
كۆرۈلۈشى:
768 قىتىم
 ئاۋىستىرالىيە ئالىملىرىنىڭ يېڭى بىر تۈرلۈك تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئاياللار ﻫامىلدارلىق مەزگىلىدە زىيادە سەمىرىپ كەتسە، بالىدا تۇغۇلغاندىن كېيىن قان تومۇر دىۋارى قېلىنلاش ئەﻫۋالى كۆرۈلۈپ، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ بالىنىڭ يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەتىرى چوڭ بولىدىكەن.    تەتقىقاتچىلار ﻫامىلدارلىق مەزگىلىدە بەدەن ئېغىرلىقى نورمال بولغان ۋە بەدەن ئېغىرلىقى زىيادە ئېشىپ كەتكەن ئاياللارنى كۆزىتىش ئارقىلىق، ئۇلار يەڭگىگەن بوۋاقنىڭ قان تومۇر دىۋارىنىڭ نېپىز-قېلىنلىقىدا زور پەرق بولىدىغانلىقىنى بايقىغان. يەنى بەدەن ئېغىرلىقى نورمال بولغان ﻫامىلدار ئاياللار يەڭگىگەن بوۋاقنىڭ قان تومۇر دىۋارىنىڭ نېپىزلىكى ئۆلچەمگە يەتكەن، بىراق بەدەن ئېغىرلىقى زىيادە ئېشىپ كەتكەن ﻫامىلدار ئايال يەڭگىگەن بوۋاقنىڭ قان تومۇرى دىۋارى قېلىن بولغان. قان تومۇر دىۋارىنىڭ قېلىن بولۇشى بالىنىڭ كېيىنكى مەزگىلدە يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى چوڭايتىدىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن ﻫامىلدارلار ئۆزى ۋە بالىنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن بەدەن ئېغىرلىقىنى مۇۋاپىق كونترول قىلىپ، زىيادە سەمىرىپ كېتىشدىن ساقلىنىشى كېرەك.