ﻫامىلىدار ئاياللار B تىپلىق ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنىدا تەكشۈرتسە، ﻫامىلىنىڭ يېتىلىشىگە
- يوللانغان ۋاقتى :
- 09-09
- كۆرۈلۈشى:
- 599 قىتىم
B تىپلىق ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنىدا تەكشۈرۈش ئەسۋابى بولسا، بىر خىل كىلىنكىلىق داۋالاشتا دائىم ئىشلىتىلىدىغان ئەسۋاب بولۇپ، تۇغۇت بۆلۈمىدە دائىم ﻫامىلىدارلىققا دىئاكنوز قويۇش، ﻫامىلىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ۋە بالا ﻫەمراﻫى قاتارلىقلارغا دىئاگنوز قويۇشتا ئشلىتىلىدۇ. ئادەتتە B تىپلىق ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى بولسا تەكشۈرگۈچىگە نىسبەتەن زىيانسىز بولغان تەكشۈرۈش دەپ قارىلىدۇ. بولۇپمۇ X نۇرى، يادو ماگنىتلىق رىزونانس قاتارلىق تەكشۈرۈش ئەسۋابىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا B تىپلىق ئولترا ئاۋاز دولقۇنى قانداقلا بولمىسۇن، بىر خىل ئېنېرگىيە شەكىلى بولۇپ، بەلگىلىك ئۆلچەمگە يەتكەن ۋاقىتتا، تەكشۈرگۈچىنىڭ بەدىنىدە بىئولوگىيىلىك تەسىر پەيدا قىلىدۇ. پەيدا بولغان بو خىل بىئولوگىيىلىك تەسىرلەر ئاساسىي قىسىملاردىكى ﻫۈجەيرىنى خەۋپكە دۇچار قىلىدۇ. ئادەم بەدىنىدىكى كۆپلىگەن ئەزالار ئىچىدە، بىر قانچە ﻫۈجەيرىنىڭ زەخىمىلىنىشى ﻫېچقانچە ئىش ئەمەس، بىراق كۆپىيىش ﻫۈجەيرىسى ياكى يېتىلىش مەزگىلىدىكى ﻫامىلە زەخملەنسە، ناﻫايىتى ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى پەيدا قىلىدۇ. بەزى كىشىلەرنىڭ تەتقىق قىلىشىچە، دەسلەپكى ﻫامىلىدارلىق مەزگىلىدە تۇغۇت بۆلۈمىدە B تىپلىق ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنىدا تەكشۈرتسە، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاققا نىسبەتەن بەلگىلىك تەسىر بولىدىكەن. ئەكسىچە ﻫامىلىدارلىقنىڭ ئوتتۇرا ۋە كېيىنكى مەزگىلىدە تەكشۈرتسە ناچار تەسىرى بولمايدىكەن. شۇڭا، دەسلەپكى ﻫامىلىدارلىق مەزگىلىدە B تىپلىق ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنىدا تەكشۈرتۈشتىن ئېﻬتىيات قىلىش كېرەك.