امىلدار بولغانلىقىنىڭ قانچە ﻫەپتە بولغانلىقىغا قانداق ﻫۆكۈم قىلغىلى بولىدۇ؟
- يوللانغان ۋاقتى :
- 09-09
- كۆرۈلۈشى:
- 747 قىتىم
ئادەتتە بىرىنچى قېتىملىق تۇغۇت تەكشۈرتۈش ئارقىلىق ﻫامىلدار بولغان–بولمىغانلىقىنى ﻫە ﻫامىلدار بولغانلىق ﻫەپتە سانىنى بىلگىلى بولىدۇ. ئادەت بويىچە، تېبابەتتە ﻫامىلدار بولغانلىقىنىڭ ﻫەپتە سانى تۆۋەندىكىدەك بېكىتىلىدۇ. ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق ﻫەيز كېلىپ، بىرىنچى كۈندىن باشلاپ ﻫېسابلايدۇ. مەسىلەن، ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق ﻫەيز 1–ئاينىڭ 1–كۈنى كەلگەن بولسا، 2–ئاينىڭ 5–كۈنى ﻫامىلدار بولۇپ قالغانلىقىغا ﻫۆكۈم قىلشقا بولىدۇ. جەمئىي 36 كۈن، يەنى ﻫامىلدار بولۇپ ، بەش ﻫەپتە بىر كۈن بولغان بولىدۇ. ئادەتتە ﻫەيز تەرتىپلىك كېلىدىغان كىشىلەرگە نىسبەتەن، ﻫەيز ﻫەپتە سانى ﻫىمىلدار بولغان ﻫەپتە سانىغا تەڭ بولىدۇ، بىراق ﻫەيز تەرتىپسىز بولغانلارغا نىسبەتەن، ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق ﻫەيزنى ﻫېسابلاپ، ﻫەپتە سانى قىلسا، ئۇ خاتا بولۇشى مۇمكىن. بۇ ۋاقىتتا تۇغۇت بۆلۈمىدىكى دوختۇرغا تەكشۈرتۈش كېرەك.