guide
ﻫامىلدارلىق مەزگىلىدە جۇڭيى دورىلىرىنى ئىشلەتسە بولامدۇ؟
يوللانغان ۋاقتى :
09-09
كۆرۈلۈشى:
833 قىتىم
جۇڭيى دورىلىرى ﻫامىلدارلىق مەزگىلىدىكى بەزى كېسەللىكلەرنى داۋالاشقا مۇۋاپىق . بىراق ﻫامىلدارلىق مەزگىلىدە ئۇستىخاننى ياخشىلاش ، قاننى تازىلاش ، روﻫىي كەيپىياتنى كۆتۈرۈش قاتارلىق تەركىبلىرى بار جۇڭيى دورىلىرىنى قەتئىي چەكلەش كېرەك . چۈنكى بۇ خىل دورىلار ﻫامىلىنىڭ غەيرىيلىكىنى ، بويىدىن ئاجراش ، ئاي–كۈنى توشماي تۇرۇپ تۇغۇش قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . ئاساسلىقى ، دورىلاردىن ئىپار ، ئالا قوڭغۇز ، فىتولاككا ، ﻫەبىبۇلﻬۇلۈك ئۇرۇقى ، ﻫەشقىپىچەك ، سۈتلۈكئوت ، يېنىدەك يىلتىزى ، باربا قاتارلىقلار ئېﻬتىيات قىلىدىغان دورىلار ، يەنى روﻫنى كۆتۈرۈش قاتارلىق دورىلار مەسلەن ، شاپتۇل مېغىزى ، قىزىل گۈل ، رەۋەن ، سترۇس قېقى ، ئاقچەشكە ، دارچىن ، تىزغا قاتارلىقلار . روﻫىي جەﻫەتتىكى غىدىقلىنىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ﻫامىلدار ئاياللار يىڭنە سانجىش ۋە داغلاش ئېلىپ بارماسلىق كېرەك . ﻫامىلدارلىق مەزگىلىدە كۈتۈنىدىغان دورىلارنى ئوڭايلىقچە ئىشلەتمەسلىك ، چۈنكى ﻫامىلدار بولغاندىن كېيىن ، مۇئەننەس قانلار ﻫامىلىگە يىغىلىپ ، ﻫامىلدار ئاياللارنىڭ بەدىنىدە‹‹ مۇئەننەس قان بوش(تۆۋەن) ، مۇزەككەر يۇقىرى ›› دەيدىغان ﻫالەت شەكىللىنىدۇ . شۇڭا خەلق ئارىسىدا ‹‹ تۇغۇتتىن بۇرۇن سالقىن بولۇش›› دېگەن سۆز تارقالغان . مەسلەن ، ئادەمگىياﻫ گەرچە ئوزۇقلۇق تولۇقلىمىسىمۇ ، بىراق ﻫامىلدار بولغاندىن كېيىن ئىشلىتىلسە ياكى ئارتۇق ئىشلەتسە ، مۇزەككەر قانچە قويۇق بولسا ، مۇئەننەس شۇنچە بوش بولۇپلا قالماستىن ، ﻫامىلە ۋە ﻫامىلدار ئايالغىمۇ پايدىسىز ﻫەم ﻫامىلدار ئاياللارنىڭ ئېغىر دەرىجىدە ياندۇرۇشىنى ، قان بېسىم يۇقىرى بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . يەنە بويىدىن ئاجراپ كېتىشمۇ مۇمكىن . بۇنىڭدىن باشقا مەسلەن ، بۇغىنىڭ مۈڭگۈزى ، بۇغا ﻫەمرىيى ، بۇغا مۈڭگۈزى يىلىمى قاتارلىق ئىسسىق كېلىدىغان دورىلارنى ﻫامىلدارلار ئىستېمال قىلماسلىقى كېرەك .