guide
ﻫامىلىگە زىيانلىق خىزمەتلەر
يوللانغان ۋاقتى :
09-09
كۆرۈلۈشى:
641 قىتىم
. قوغۇشۇن ، سىماب قاتارلىق مېتاللار بىلەن ئۇچرىشىپ تۇرىدىغان ئاياللار . بۇنداق ئاياللار ﻫامىلدار بولسىمۇ ، بويىدىن ئاجراپ كېتىش ۋە ﻫامىلە ئۆلۈپ قېلىش ئېﻬتىماللىقى ئېشىپ كېتىدۇ . سىماب ﻫامىلىنى غەيرىي يېتىلدۈرۈپ قويىدۇ ، قوغۇشۇن بالىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ . گۇڭگۇرت تۆت ئوكسىدى ، كىسلېن ، فېنېل ، بېنزىن قاتارلىق ئورگانىك ماددىلار ﻫامىلىنىڭ چۈشۈپ كېتىش نىسبىتىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ .
2 . يۇقىرى تېمپىراتۇرىلىق ، شاۋقۇنلۇق مۇﻫىتتا خىزمەت قىلىدىغان ئاياللار . بۇنداق مۇﻫىت ﻫامىلىنىڭ يېتىلىشىگە پايدىسىز .
3. ئىئونىزاتسىئونلۇق رادىئاتسىيە تەتقىقاتى ، تېلېۋىزور ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ﻫەمدە داۋالاش ئورۇنلىرىدىكى رادىئاتسىيە نۇرى بار جايدا ئىشلەيدىغان ئاياللار . ئىئونىزاتسىئونلۇق رادىئاتسىيە ﻫامىلىنىڭ كۆرۈنمەس قاتىلى بولۇپ ، ﻫامىلىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزىدۇ ، ﻫەتتا غەيرىي يېتىلىش ۋە ئۆلۈپ قېلىشتەك ئەﻫۋاللارنىمۇ كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .
4 سېسترالار . بۇلار دائىم ﻫەر خىل ئاغرىقلار بىلەن ئۇچرىشىپ تۇرغاچقا ، ﻫەر خىل كېسەللىك ۋىرۇسلىرى ئۇلارغا ئەڭ يېقىن بولىدۇ . بەزى ۋىرۇسلار ﻫامىلىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزىدۇ .
5. نۇرغۇن دېﻬقانچىلىق دورىسىنىڭ ئاياللار ۋە ﻫامىلىنىڭ ساغلاملىقىغا زىيان يەتكۈزۈپ ، بويىدىن ئاجراش ، ﻫامىلە غەيرىي يېتىلىشپ قېلىش ، ﻫامىلىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارى ئاجىز تۇغۇلۇشتەك ئەﻫۋللارغا سەۋەبچى بولىدىغانلىقى ئىسپاتلاندى . دېﻬقان ئاياللارمۇ بۇ جەﻫەتتە ئالاﻫىدە دىققەت قىلىشى كېرەك .