ﻫامىلدار مەزگىلىدە تاماكا چەكسە بولامدۇ؟
- يوللانغان ۋاقتى :
- 09-09
- كۆرۈلۈشى:
- 669 قىتىم
ﻫامىلدار مەزگىلدە تاماكا چەكسە ناﻫايىتى زىيانلىق، ئېنىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، تاماكا چېكىدىغان ئاياللار تۇغقان بوۋاقلار ئومۇميۈزلۈك ﻫالدا يېنىك تۇغۇلغان. تاماكا چېكىدىغان ﻫامىلدار ئاياللار بىلەن تاماكا چەكمەيدىغان ﻫامىلدار ئاياللارنىڭ تۇغقان بالىلىرىنى سېلىشتۇرغاندا، بوۋاقنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىدا 200گرام پەرق بار شۇنداقلا قانچە كۆپ تاماكا چەككەنسېرى بالىنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ تۆۋەنلىشىشى شۇنچە تېز بولىدۇ. تاماكىنىڭ تەركىبىدە نىكوتىن، تاماكا كوكىسى قاتارلىق خىلمۇخىل زىيانلىق ماددىلار بار بولۇپ، ﻫامىلدار ئاياللار تاماكا چەكسە، زىيانلىق ماددلار بالىياتقۇ بوينى ۋە بالا ﻫەمراﻫى قان تومۇرلىرىنىڭ تارىيىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. قاننىڭ ئايلىنىش مىقدارىمۇ بارغانسېرى ئازلاپ، ﻫامىلە بالىياتقۇ بوينىدىن يېتەرلىك ئوكسگېن ۋە ئوزۇقلۇققا ئېرىشەلمەي، بالدۇر بويىدىن ئاجراش ۋە ﻫامىلىنىڭ ئۆلۈشى كېلىپ چىقىدۇ. ساغلام بوۋاق تۇغۇش ئۈچۈن تاماكىنى ئۈچۈك-كېسىل چەكلەش كېرەك.