" تىۋىت ئېلىش ئوپېراتسىيىسى " دېگەن نېمە؟
- يوللانغان ۋاقتى :
- 09-09
- كۆرۈلۈشى:
- 645 قىتىم
بالا ﻫەمراﻫى نۇرغۇنلىغان كىچىك تىۋىتلاردىن تەركىب تاپقان، تىۋىت ئېلىش ئوپېراتسىيىسى ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 30 سانتىمېتىر، ئىچكى قىسىمىنىڭ دىئامېتىرى 1.5 مىللىمىتېر بولغان مېتال بولۇپ، بالىياتقۇ بوينىدىن قىرگۈزۈلۈپ بالىياتقۇغا قاراپ سوزۇلغان كىچىك بىر پارچە بالا ﻫەمراﻫى توقۇلمىسىنى تارتىپ چىقىدىغان كىچىك ئوپېراتىسىيە، تارتىپ چىققان قىسىمىنى كۆپەيتىش سۇيۇقلۇقىدا كۆزەتكەندە، شەكلى تىۋىتقا ئوخشايدۇ. ئادەتتە 40 مىللىگرام ئەتراپىدا ئېلىنىدۇ، بۇ خىل كۆزىتىش چوقۇم ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى بىلەن قوزغىتىش ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىش كېرەك. ئەگەر بالا ﻫەمراﻫىنىڭ ئورنى ﻫامىلىدار ئايلانىڭ ئالدى تەرىپىگە بىر ئاز يېقىن بولسا، قورساق قىسىمىنى تېشىپ، بالىياتقۇ بوينىدىكى گۆش ئارقىلىق بالا ﻫەمراﻫىنىڭ بىر قىسىمىنى ئېلىۋەتكلى بولىدۇ. بالا ﻫەمراﻫى ئىچىدىكى تىۋتلار تۆرەلمىدىكى ﻫۈجەيرىلەرنىڭ پارچىلىنىشىدىن پەيدا بولغان، تىۋىتلارنى ئېلىپ ﻫۈجەيرىسىدىكى خروموزومىدىكى گېن ئارقىلىق تەكشۈرگەندە، ﻫامىلىنىڭ خروموزوماسىدا نورمالسىزلىق بار–يوقلۇقىنى ۋە ياكى ئىرسىي كېسەلىنىڭ بار–يوقلۇقىنى بىلگىلى بولىدۇ. بىر قىسىم جىنسىي بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان ئىرسىي كېسەللىكلەرگە قارىتا پايدىلنىش بىلەن تەمىنلەيدۇ، بىراق بىر قىسىم ئاتا–ئانىلارنىڭ پەقەت مۇسۇ ئۇسۇل ئارقىلىق قىز ياكى ئوغۇل ئىكەنلىكىنى بىلىۋېلىشقا قەتئىي رۇخسەت قىلنمايدۇ.