guide
ﻫامىلدار ئاياللار ئانا قېنىنى سۈزۈپ تەكشۈرۈشكە ئېﻬتىياجلىقمۇ؟
يوللانغان ۋاقتى :
09-09
كۆرۈلۈشى:
719 قىتىم
 نۇرغۇنلىغان بولغۇسى ئانىلار " مەن يا يېشى چوڭىيىپ كەتكەن ﻫامىلدار ئايال بولمىسام، نېمىشقا دوۋن سىندرومى كېسەللىكىنى تەكشۈرتۈشۈم كېرەك؟" دەپ سورىشىدۇ، بۇ بىر ئەمەلىيەتچانلىقى ناﻫايىتى يۇقىرى سوئال. چۈنكى كۆپچلىك دائىم يېشى چوڭ ئاياللار تۇغقان بالىنىڭ كۆپىنچىسى دوۋن سىندورومى كېسەللىكىگە گىرىپتار  بولىدۇ دەيدۇ. مۇشۇنىڭغا ئاساسەن،  كۆپچىلىك دوۋن سىندرومى كېسەللىكىنى يېشى چوڭ تۇغۇتلۇق ئاياللارغا خاس دېيىشىدۇ. ئەمەلىي سىتاتىسكىغا ئاساسلانغاندا، ﻫەر يىلى دوۋن سىندرومى كېسەللىكى بىلەن تۇغۇلغان بوۋاقلارنى پەقەت  17 يېشى چوڭ ﻫامىلدار ئايالالر تۇغقان، كۆپ قىسىم بوۋاقلارنى بولسا يەنىلا ياش ئانىلار تۇغقان. شۇڭا، يېشى چوڭ ئاياللار بىر ئاز " خەتەرلىك "، بىراق ياش ئانىلارمۇ بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەس . شۇڭا، بارلىق ﻫامىلدار ئاياللار يېشىغا قارىماي، ئانا قېنىنى سۈزۈپ تەكشۈرتۈشى كېرەك.