guide
ئانا قېنىنى تاسقاپ دوۋن سىندورومىنى تەكشۈرۈش دېگەن نېمە؟
يوللانغان ۋاقتى :
09-09
كۆرۈلۈشى:
624 قىتىم
يېقىنقى بىر قانچە يىلدا، مېدىستىنا ئالىملىرى ئارقا–ئارقىدىن دوۋن سىندرومى كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان ﻫامىلىنىڭ ئانىنىڭ ﻫامىلدار بولۇش جەريانىدا، ئۇلارنىڭ قېنىدا" فېتوپروتىن" قۇيۇقلۇق دەرىجىسىنىڭ ﻫامىلدار بولغىنىغا ئوخشاش ﻫەپتە بولغان باشقا ئاياللارنىڭ قېنىدىكى مىقدارىدىن ئىنتايىن ئاز ئىكەنلىكىنى، ئەكسىچە " B  تىپلىق بەدەندىكى تىۋىتلىق پەردە جىنسىي بەزلەرنى ئىلگىرى سۈرگۈچى ﻫورمونى" نىڭ ناﻫايىتى كۆپ ئىكەنلىكىنى بايقىدى. شۇڭا بىر خىل  فورمۇلانى تەرەقىقىي قىلدۇرۇپ، ﻫامىلىنىڭ ﻫەپتە سانى ( ئەڭ ياخشىسى ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى تەكشۈرۈپ چىققان ﻫامىلدار بولغان ﻫەپتە سانى) غا، ئانىنىڭ يېشى، ئېغىرلىقىغا ئاساسەن ئانا قېنىدىن قالغان نەرسىلەرنى يۇقىرىدا دەرىجىسنى تەكشۈرۈپ، دوۋن سىندرومى كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغان ﻫامىلىنى ۋە خەتەرلىك نىسنىتىنى ﻫېسابلاپ چىققىلى بولىدۇ. ئەگەر نىسبىتى         ( سان قانچە كىچىك بولسا، شۇنچىكى خەتەرلىك بولىدۇ) مەسىلەن،        قاتارلىقلار بولسا ﻫامىلىنىڭ دوۋن سىندرومى كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنىڭ ناﻫايىتى چوڭ ئىكەنلىكىنى ﻫەم خەتەرنىڭمۇ چوڭ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. ئادەتتە بۇ خىل ئەﻫۋالدا دوختۇر ﻫامىلدار ئاياللارغا " باش سۈينى تېشىش ئوپېراتسىيىسى" قىلىپ، دوۋن سىندرومى كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان–بولمىغانلىقىغا ﻫۆكۈم قىلىش تەكلىپىنى بېرىدۇ. نۆۋەتتە، قان ئالغان كۈنى ئاساسلىقى ﻫامىلدار بولۇپ 15 ﻫەپتىدىن 20 ﻫەپتىگىچە بولغان جەريان بولۇپ، كېيىن 20 ﻫەپتە بولغان ۋاقىتتىن بۇرۇن بولىدىغان بولدى. بۇ خىل تەكشۈرۈش ئۇسۇلىنىڭ ﻫامىلىگە باشقا تەسىرى بولمايدۇ.