نېمە سەۋەبتىن بالىياتقۇ سىرتىدا ﻫامىلدار بولىدۇ؟
- يوللانغان ۋاقتى :
- 09-09
- كۆرۈلۈشى:
- 1242 قىتىم
تۇخۇمنىڭ بالىياتقۇ سىرتىدا بولۇپ قېلىشى بالىياتقۇ سىرتىدا ﻫامىلدار بولۇش دېيىلىدۇ، كۆپلىگەم بالىياتقۇ سىرتىدا ﻫامىلدار بولغانلارنىڭ تۇخۇم نەيچىسىدە ﻫامىلە پەيدا بولىدۇ، بۇ ئۇرۇن ﻫامىلدار بولۇشقا مۇناسىپ بومىغانلىقتىن، ناﻫايىتى ئوڭايلا بويىدىن ئاجرايدۇ ياكى تۇخۇم نەيچىسى پارچىلىنىپ كېتىدۇ. تۇخۇم نەيچىسىنىڭ پارچىلىنىپ كېتىشى نىسبەتەن ئېغىر ئەﻫۋال بولغانلىقتىن قان چىقىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. تۇخۇم نەيچىسىدە ﻫامىلدار بولۇش كۆپىنچىسى بالىياتقۇ پەردە ياللۇغى ۋە تۇخۇم نەيچىسى ياللۇغى بولغان ياكى سۈنئىي ﻫالدا ئالدۇرۇۋەتكەندىن كېيىن تۇخۇم نەيچىسى ياللۇغى بولغان ئاياللاردا دائىم كۆرۈلىدۇ. ئىلگىرى بۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولمىغان ئاياللار تۇنجى قېتىم ﻫامىلدار بولغان مەزگىلدە ئادەتتە بالىياتقۇ سىرتىدا ﻫامىلدار بولۇپ قېلىش ﻫادىسىلىرى كۆرۈلمەيدۇ.