يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى بولامدۇ؟
- يوللانغان ۋاقتى :
- 09-09
- كۆرۈلۈشى:
- 679 قىتىم
نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار يېڭى تۇغۇلغان بۇۋاقلارنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى بولمايدۇ، نەرسىلەرنى كۆرەلمەيدۇ دەپ قارايدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇنداق قاراش توغرا ئەمەس. بوۋاقلار تۇغۇلۇشى بىلەنلا كۆرۈش قۇۋۋىتىگە ئىگە بولۇپ، يورۇقلۇق چۈشۈرگەندە، بوۋاقلار كۆزىنى يۇمۇۋالىدۇ. لېكىن يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى ئىنتايىن ئاجىز، پەقەت كۆز ئالدىدىكى 60 سانتىمېتىر ئارىلقنىلا كۆرەلەيدۇ. 20 سانتىمېتىر ئۇلارغا نىسپەتەن ئەڭ مۇۋاپىق ئارىلىق ﻫېسابلىنىدۇ. كۆرۈش سېزىمىگە بولغان ئەڭ بۇرۇنقى تەسىر ئانىنىڭ يۈزىدىن كېلىدۇ. سەۋەبى ئېمىتىۋاتقان ئانىنىڭ يۈزى بىلەن بوۋاق كۆزىنىڭ ئارلىقى تەخمىنەن 20 سانتىمېتىر. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار مۈڭگۈز قەۋىتىنىڭ ئېگلىش دەرىجىسى چوڭراق، كرسىتال تەنچە بىر ئاز كۆپۈنكى شەكىلدە بۇلۇپ، فىزىئولوگىيىلىك يېقىننى كۆرەلمەسلىكنى شەكىللەندۈرگەن. كېيىن كۆز ئالمىسىنىڭ يېتىلىشىگە ئەگىشىپ بارا-بارا نورماللىشىدۇ ۋە كۆرۈش قۇۋۋىتىمۇ ئۆسىدۇ.