يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ئاڭلاش ئىقتىدارى بولامدۇ؟
- يوللانغان ۋاقتى :
- 09-09
- كۆرۈلۈشى:
- 575 قىتىم
تەتقىقات شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ﻫامىلە ئالتە-يەتتە ﻫەپتىلىك ۋاقتىدىلا ئاڭلاش سېزىمى ئاساسەن شەكللەنگەن، B تىپلىق ئاپپاراتتا ﻫامىلىنىڭ ئاۋاز تەسىرىگە نىسپەتەن كۆزنى چىملىدىتىش رېفلىكىسىنىڭ شەكىللەنگەنلىكىنى كۆزىتىشكە بولىدۇ. كۆپلىگەن تەجىرىبىلەر يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ئاڭلاش ئىقتىدارى بولۇپلا قالماستىن يەنە ئۇلارنىڭ يېقىملىق، ئاستا مۇزىكلارنى ئاڭلاشقا ئامراقلىقىنى، بۇنداق ئاۋازلارنى ئاڭلىغاندا ئۇلارنىڭ ئىنتايىن تىنچ تۇرىدىغانلىقى ﻫەتتا كۈلۈمسىرەيدىغانلىقىنى، ئەكسىچە چىرقىراق ئارازلارغا نىسپەتەن چېچىلغان كەيپىياتنى ئىپادىلەپ،توختىماي يىغلايدىغانلىقى ئىسپاتلاندى. ئۇنىڭدىن باشقا يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار يەنە رىتىملىق ئاۋازلارنى ئاڭلىغاندا، يىغلاۋاتقان بوۋاقنىڭ تىنىچلىنىپ كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاۋاتقانلىقنى بايقايمىز.