guide
يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ئاڭلاش ئىقتىدارىنى قانداق ئۆلچەيمىز؟
يوللانغان ۋاقتى :
09-09
كۆرۈلۈشى:
658 قىتىم
 ئەمدىلا تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ئاڭلاش ئىقتىدارىنى قانداق ئۆلچەيمىز؟
ئەمدىلا تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ئاڭلاش ئىقتىدارى چوڭلارنىڭكىگە يەتمىدى دېسەكمۇ كېلىن ئىنتايىن سەزگۈرلىشىپ بارىدۇ. بوۋاقلارنىڭ ئاڭلاش ئىقتىدارىنى يۈزە بىلمەكچى بولساق، چوڭلارنىڭ ئاڭلاش ئىقتىدارىنى ئۆلچەش ئۇسۇلىغا تەقلىد قىلىپ، كىچىك قەغەز قۇتىغا ئازراق گۈرۈچ سېلىپ، بوۋاق قولىقىدىن ئون سانتىمېتىر ئەتراپىدا يىراقلىقتا تۇرۇپ مىدىرلىتىپ ئاۋاز چىقارساق، نورمال ئەﻫۋالدا بوۋاقلار ﻫوشيار ﻫالەتتە تۇرۇپ بېشىنى كىچىك قۇتا تەرەپكە بۇرايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، كۈندىلىك تۇرمۇشتا بوۋاقلارنىڭ ئاڭلاش ئىقتىدارى بارلىقى ئەكىس ئېتىدۇ. مەسىلەن: يىغلاۋاتقان بوۋاق ئەگەر ئاپىسىنىڭ ئاۋازى توختاپ قالسا يەنە يىغلاشنى باشلايدۇ. ئاتا-ئانىلار ئادەتتە بوۋاقلارنىڭ ئاۋازغا بولغان ئىنكاسىغا دىققەت قىلىپ تۇرۇشى، شۇنداقلا قۇلاق تازىلقىغا كاپالەتلىك قىلىشى ﻫەم خالىغانچە كولىماسلىقى، بوۋاقنىڭ ئاڭلاش سېزىمىدا غەيرىي ئەﻫۋال كۆرۈلگەن ﻫامان داۋالىتىشى كېرەك.