guide
يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ تېگىش سىېزىمى بارمۇ؟
يوللانغان ۋاقتى :
09-09
كۆرۈلۈشى:
685 قىتىم
  بوۋاقلار تۇغۇلۇشى بىلەنلا تەرەقىقىي قىلغان تېگىش سېزىمى ئىقتىدارى بولىدۇ. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار ئەمچەك توپچىسىغا تېگىپ كەتكەن ﻫامان ئۆزلۈكىدىن شوراشقا باشلايدۇ. لەۋ بىلەن بارماق بوۋاقلار تېگىش سېزىمىنىڭ ئەڭ سەزگۈر قىسمى، ئىسسىق- سوغۇق تەسىرگە نىسپەتەن ئىنتايىن سەزگۈر قىسمى، ئىسسىق- سوغۇق تەسىرگە نىسپەتەن ئىنتايىن سەزگۈر. مەسىلەن: كالا سۈتى يۇيۇنۇش سۈيى تېمپېراتۇرسىنىڭ يۇقىرى- تۆۋەنلىكىگە نىسپەتەن ئوخشاش بولمىغان ئىنكاس قايتۇرىدۇ. شۇڭا، بوۋاقلار ئادەتتە ئېغىز ﻫەم قول ئارقىلىق تاشقى دۇنيانى ﻫېس قىلالايدۇ. بوۋاقلار بالدۇرقى تېگىش سېزىمىنىڭ تەرەققىياتى ئىنتايىن مۇﻫىم. بەزى ئاتا-ئانىلار بوۋاق تۇغۇلۇشى بىلەنلا مەﻫكەم تېڭىپ، پۇت-قول ﻫەم بەدىنىنى ئەركىن ﻫەرىكەت قىلغىلى قويماي، بوۋاقنىڭ بىلەك ﻫەرىكىتىنى چەكلەپ قويغانلىقتىن نەرسىلەرنى تۇتالمايدۇ. بۇ تېگىش سېزىمىنىڭ يېتىلىشىغا ئېغىر تەسىر كۆرسىتىپ، بوۋاقلارنىڭ كېيىنكى سەزگۈسى ﻫەم سەزگۈرلۈكىگە نىسپەتەن ئىنتايىن پايدىسىز.