يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ پۇراش سېزىمى ۋە تېتىش سېزىمى بارمۇ؟
- يوللانغان ۋاقتى :
- 09-09
- كۆرۈلۈشى:
- 585 قىتىم
گەرچە يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ تېتىش سېزىمى مۇكەممەل يېتىلمىگەن بولسىمۇ، لېكىن بەلگىلىك تەم سېزىش ئىقتىدارىغا ئىگە. تۇغۇلۇپ ئۇزاق ئۆتمەي بوۋاقلار ئوخشىمىغان تەسىرلەرگە ﻫۆكۈم قىلالايدۇ، دائىم تاتلىق تەملىك سۇ ئىچىشىنى ياخشى كۆرىدۇ. تۇزلۇق، چۈچۈمەل ياكى قىرتاق تەملەرگە نىسپەتەن ئازابلانغان، ئاچچىقلانغان چىراي ئىپادىسىدە بولىدۇ. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ پۇراش سېزىمىمۇ ئىنتايىن ئۆتكۈر، ئوخشىمىغان پۇراقلارنى ئايرىيالايدۇ، بولۇپمۇ ئانا تېنىدىن كەلگەن پۇراققا نىسپەتەن ئىنتايىن سەزگۈر. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار بۇرۇننى غىدىقلايدىغان پۇراقلارنى پۇرىغاندا، قاپىقىنى تۈرۈۋالىدۇ.