يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار ﻫەرىكەت ئىقتىدارىغا ئىگىمۇ؟
- يوللانغان ۋاقتى :
- 09-09
- كۆرۈلۈشى:
- 756 قىتىم
يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنى ﻫەرگىزمۇ سۈت ئېمىش ئۇخلاشنىلا بىلىدۇ دەپ قارىماسلىق كېرەك. ئەمەلىيەتتە بۇ مەزگىلدە بوۋاقلار بەلگىلىك ﻫەرىكەت ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان بولىدۇ. بوۋاقلار ﻫامىلە مەزگىلىدىلا ﻫەرىكەتلىنىشكە باشلىغان بولۇپ، بۇ دەل بالا تەۋرەشتۇر. تۇغۇلغاندىن كېيىن بوۋاقلار ئەركىن ﻫەرىكەتلىنىۋاتقان بوشلۇققا ئېرىشىپ تېخىمۇ ئۈستۈن ﻫەرىكەت ئىقتىدارى ﻫەم ﻫەرىكەت قىزىقىشىنى ئەكىس ئەتتۈىدۇ. مەسىلەن: يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار قولىنى ئېغىز يېنىغا ئەكىلەلەيدۇ ﻫەم ئېغىزغا سېلىپ شورايدۇ. پۇت-قولىنى سوزۇپ كىينى-كەينىدىن بېشىنى بۇراش، تىكىلىپ قاراش، بىلىكىنى ئېگىز كۆتۈرۈش قاتارلىق ﻫەرىكەتلەرنى قىلىدۇ. بوۋاق ئەمگەندە قولى بىلەن ئانىنىڭ ئاغزىغا تەگكۈزۈشكە ئۇرۇنىدۇ. لېكىن يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار چوڭ مېڭىسىنىڭ يېتىلىشى تولۇق بولمىغانلىقتىن، ﻫەرىكىتى بىر ئاز ئاستا، بەلگىلىك مەقسەتسىزلىك خاراكتېرىنى ئىپادىلەيدۇ. بىراق چوڭ مېڭە پوستىلاق ماددىسىنىڭ مۇكەممەللىشىگە ئەگىشىپ، بوۋاق بارا-بارا ﻫەرخىل يېڭى ﻫەرىكەتلەر ﻫەم ماﻫارەتلەرنى ئىگلىۋالىدۇ. كۈندىلىك مەشىق بوۋاقلارنىڭ ﻫەرىكەت ئىقتىدارى ﻫەم ئەقلىي ئىقتىدارىي يېتىلىشىنى بەلگىلىك ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ، شۇڭا، بوۋاق يېڭى تۇغۇلغان مەزگىلدىلا بوۋاققا نىسپەتەن ﻫەرىكەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىنى باشلاش كېرەك.