يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار ئۆگىنىش ئىقتىدارىغا ئىگىمۇ؟
- يوللانغان ۋاقتى :
- 09-09
- كۆرۈلۈشى:
- 800 قىتىم
بوۋاقلار تۇغۇلۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي كۈچلۈكىرەك نۇرنى كۆرگەندە كۆزىنى يۇمۇۋېلىشى، چىڭراق ئاۋازنى ئاڭلىغاندا چۆچۈپ كېتىشى ياكى يىغلىشى، ئەمچەك توپچىسى بىلەن ئوچىراشقاندا ئېمىشى بۇلارنىڭ ﻫەممىسى تۇغما ئىقتىدار ئىنكاسى، تاشقى دۇنيادىكى شەيئىلەرگە نىسپەتەن شەرتسىز رېفلېكىستۇر. ئەزەلدىن بار بولغان شەرتسىز رېفلېكىس ئاساسىدا، ﻫەرخىل شەيئىلەر بىلەن ئۇچرشىش ئارقىلىق، ﻫەرخىل ئوخشىمىغان تەسىرلەرنى سېزىپ ﻫەم ئۈزلۈكسىز تەكرارلىنىش، كۈچەيتىش جەريانىدا شەرتلىك رېفلىكىس شەكىللەندۈرۈش جەريانىنىڭ ئۆزى بىر ئۆگىنش ﻫەم دوراش جەريانىدۇر؛ تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار ئىككى ﻫەپتىلىك بولغاندىن تارتىپ ئانىنىڭ چىراي ئىپادىسنى ئۆگىنىدۇ ﻫەم دورايدۇ. مەسىلەن: تىلىنى چىقىرىش، ئېغىزنى ئېچىش قاتارلىق ﻫەرىكەتلەر. شۇڭلاشقا ئاتا-ئانىلار بوۋاق يېڭى تۇغۇلغان مەزگىلدىن باشلاپ بوۋاقنىڭ ئۆگىنىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشكە، ئەڭ دەسلەپكى ئەقلىي ئىقتىدارىنى ئېچىشقا باشلىشى كېرەك.