guide
نورمال توغۇلغان بوۋاق دېگەن نېمە؟
يوللانغان ۋاقتى :
09-09
كۆرۈلۈشى:
755 قىتىم
 ئاي كۈنى تولغان بوۋاق 34 ﻫەپتىلىكتىن چوڭ 42 ﻫەپتىلىكتىن كىچىك ( 259- 294 كۈن) توغۇلغان بوۋاقلارنى كۆرسىتىدۇ. نورمال تۇغۇلغان بوۋاقلار تۇغۇلغاندا ﻫامىلە يېشى 24~37 ﻫەپتىگە تولغان، بەدەن ئېغىرلىقى 2.5~4 كىلوگىرامغىچە بولغان، ﻫېچقانداق غەلىتىلىك ﻫەم كېسەللىك ئالامەتلىرى بولىمىغان ئاي كۈنى تولغان  بوۋاقلارنى كۆرسىتىدۇ.
نورمال تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ بەدەن ئالاﻫىدىلىكى: پۇت-قولى ئەگمە شەكىلدە، تېرە رەڭگى قىپقىزىل، تېرە ئاستى مايغا تولغان، چېچى ئاز، چاچ تىلمىچىلىرى ئېنىق، كۆمۈرچىكى ياخشى يېتىلگەن، قۇلاق سۇپۇرىسى تىك شەكىللەنگەن بولىدۇ. ئەمچەك توپچىسى چىقىپ تۇرىدۇ، ئەتىراپىدىكى ﻫالقىسىمان قارا داغ ئېنىق، سۈت بېزىنى باسقاندا تۈگۈنچىلىرى بىلگىلى بولىدۇ، تىرنىقى بارماق ئۇچىدىن ئېشىپ تۇرىدۇ، پۇت ئاستىدىكى بارلىق سىزىقلار ئېنىق، ئوغۇل بوۋاقلارنىڭ ئۇرۇقىدىنى كۆپىنچىسى ئۇرۇقدان خالتىسىنىڭ تۆۋىنىگە چۈشۈپ تۇرىدۇ، ئۇرۇقدان خالتىسىدىكى قورۇقلار شەكىللەنگەن بولىدۇ، قىز بوۋاقلارنىڭ چوڭ جىنسىي لەۋ جىنسىي لەۋ يېتىلگەن بولۇپ، كىچىك جىنسىي لەۋنى ياپالايدۇ.