بالدۇر تۇغۇلغان بوۋاق دېگەن نېمە؟
- يوللانغان ۋاقتى :
- 09-09
- كۆرۈلۈشى:
- 730 قىتىم
بالدۇر تۇغۇلغان بوۋاق 28 ﻫەپتىلىكتىن چوڭ 37 ﻫەپتىلكىتىن كىچىك(196~259كۈن) تۇغۇلغان بوۋاقلارنى كۆرسىتىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە 37-ﻫەپتىدە تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ يېتىلىشى، ئاي-كۈنى تولغان بوۋاقلارغا يېقىنلاشقاچقا ئۆتكۈنچى ئاي كۈنى تولغان بوۋاق دېيىلىدۇ. بالدۇر تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى 2.5 كىلوگىرامدىن تۆۋەن، بويى 47 سانتىمېتىردىن پاكار، بەدىنى ئاجىز، يىغا ئاۋازى پەس؛ تېرىسى قىزىل، يۇمشاق، چېچى ئىنچىكە. ئۇزۇن ﻫەم كۆپ، قۇلاق سۇپۇرىسى يۇمشاق، پۇت-قولىنىڭ كېرىلىش كۈچى تۆۋەن، ئەمچەك توپچىسىنىڭ ئەتىراپىدىكى ﻫالقىسىمان قارا داغ ئېنىق ئەمەس، پۇت سىزىقچىلىرى ئاز بولىدۇ، نەپەسلىنىشى تەرتىپسىز، شۇنىڭ بىلەن بىرگە بىردەم- بىردەم نەپىسى توختاپ قالىدۇ؛ يۇتۇش رېفلىكىسى ئاجىز، ئاسان سۈتتىن قېقىلىپ كېتىدۇ؛ بەدەن تېمپېراتۇرسىنى تەڭشەش ئىقتىدارى كەمچىل، تېرە ئاستىدا ماي ئاز، ئاسان ئىسسىقلىق قۇيۇۋېتىدۇ؛ كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچى ئاجىز، ئاسان يۇقۇملىنىدۇ؛ ئوغۇل بوۋاقلارنىڭ ئۇرۇقدىنى چۈشمىگەن ياكى تولۇق چۈشمىگەن، قىز بوۋاقلارنىڭ چوڭ جىنسىي لېۋى كىچىك جىنسىي لەۋنى ياپالمايدۇ. شۇڭا بالدۇر تۇغۇلغان بوۋاقلار ئالاﻫىدە كۆتۈشكە، دوختۇرخانىدا كۆزىتىشكە موﻫتاج.