كېيىن تۇغۇلغان بوۋاق دېگەن نېمە؟
- يوللانغان ۋاقتى :
- 09-09
- كۆرۈلۈشى:
- 612 قىتىم
كېيىن تۇغۇلغان بوۋاقلار 42 ﻫەپتىلىكتىن ( 294 كۈن) دىن ئېشىپ كەتكەن بوۋاقلارنى كۆرسىتىدۇ. ۋاقتى ئۆتۈپ تۇغۇلغان بوۋاقلار ئىككى خىل ئەﻫۋالدا بولىدۇ. بىرىنچىسى: ئانىنىڭ بالا ﻫەمرىيىنىڭ ئىقتىدارى نورمال ﻫامىلىنىڭ بالىياتقۇدا يېتىلىشى نورمال، پەقەت ﻫامىلدار ئانىنىڭ كىچىكىپ تۇغۇشىدىن سەل ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولۇپ، بۇ خىلدىكى بوۋاقلار ئادەتتە بەدىنى سەل چوڭ، بوۋاققا قىيىن تۇغۇت كەلتۈرۈپ چىقارغان زەخمەتتىن باشقا ﻫېچقانداق ماﻫىيەتلىك تەسىرى بولمايدۇ. يەنە بىر ئەﻫۋالدا ئانىنىڭ بالا ﻫەمرىيىنىڭ ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ، ﻫامىلىنىڭ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىپ، ﻫامىلە ﻫەم يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقتا بىر قاتار غەيرىي ئالامەتلەر كۆرسىتىپ، ﻫامىلە ﻫەم يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقتا بىر قاتار غەيرىي ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. مەسىلەن: ئۇرۇق، تېرە ئاستى مېيى ئاز، تېرىسى بوش قاتارلىقلار. ئەگەر ﻫامىلىدە يېنىك دەرىجىدە ئوكسىگېن يېتىشمەسلىك بولسا ﻫامىلىنىڭ ﻫەرىكىتى كۆپ، يۈرەك سوقۇشى تېز بولىدۇ. ئېغىر دەرىجىدە ئوكسىگېن يېتىشمەسلىك بولسا ﻫامىلىنىڭ يۈرەك سوقۇشى ئاستىلايدۇ، ﻫامىلە تەرەت قويۇپ بېرىپ باش سۈيى سارغۇچ يېشىل رەڭگە ئۆزگىرىپ كېتىدۇ. ئەگەر ﻫامىلىنىڭ ئارىلاشما باش سۈيىدە تۇرغان ۋاقتى ئوزىراپ كەتسە، پۇت-قولىنىڭ تىرنىقى، كىندىكىدىكى ﻫەم تېرىسى پۈتۈنلەي سارغۇچ يېشىل رەڭگە كىرىپ كېتىدۇ. تۇغۇلغاندىن كېيىن دەم سىقىلىش ﻫەم سۈمۈرۈش خاراكتېرىلىك ئۆپكە ياللوغى كۆرۈلىدۇ. بۇ خىل بوۋاق يەنە پىشىپ كەتكەن بوۋاق دېيىلىدۇ.