ﻫامىلە يېشىدىن كىچىك بولۇش دېگەن نېمە؟
- يوللانغان ۋاقتى :
- 09-09
- كۆرۈلۈشى:
- 685 قىتىم
ﻫامىلە يېشىدىن كىچىك بولۇش يەنە بالىياتقۇدىكى يېتىلىشى ئاستا بولۇش يىغىندى كېسەللىك ئالامىتى دېيىلىدۇ. ئېغىرلىقىنىڭ ئونىنچى پىرسەنىت بىرلىكىدىن تۆۋەن ياكى تەخمىنەن بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئىككى ئۆلچەملىك پەرقىدىن تۆۋەن تۇغۇلغان بالىلارنى كۆرسىتىدۇ. تۇغۇلغاندا ئېغىرلىقى 2.5 كىلوگىرامغا يەتمىگەن بوۋاقلار يەنە تۆۋەن ئېغىرلىقتا تۇغۇلغان بوۋاقلار دېيىلىدۇ. بالدۇر تۇغۇلغان، ئاي كۈن توشۇپ تۇغۇلغان ﻫەم كېيىن تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ﻫەممىسىدە ﻫامىلە يېشىدىن كىچىك بولۇش كۆرۈلىدۇ. تۇغۇلۇش مەزگىلىدە ئۆلۈش نىسپىتى ئىنتايىن تۆۋەن. مەسىلەن : ﻫامىلە يېشى 38 ﻫەپتىلىك يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى تەخمىنەن 3.08 كىلوگىرام، ئونىنچى پىرسەنىت بىرلىكىدىكى ئېغىرلىقى 2.37 كىلوگىرام، ئەگەر ئېغىرلىقى 2.37 كىلوگىرامدىن تۆۋەن بولسا، بۇ دەل ﻫامىلە يېشىدىن كىچىك بوۋاق ﻫېسابلىنىدۇ. ئەگەر يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقىنىڭ ئاي-كۈنى توشقان، ئەمما ئېغىرلىقى 2.5 كىلوگىرامدىن تۆۋەن بولسا ئاي-كۈنى توشقان كىچىك بوۋاق ﻫېسابلىنىدۇ، بۇ ﻫامىلە يېشىدىن كىچىك بوۋاقلار ئىچىدە ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان بىر خىلى. ئاي –كۈنى توشقان كىچىك بوۋاقلار نورمال بوۋاقلاردىن ۋىجىك لېكىن تۇرقى نورمال بوۋاقلار بىلەن ئوخشاش، سۈتنى كۈچەپ سۈمۈرىدۇ. كۆپ ئېمىدۇ. ئەگەر ئانا سۈتى يېتەرلىك بولسىلا، قىسقا مەزگەل ئىچىدە نورمال بوۋاقلارغا يېتىشىۋالىدۇ. ﻫامىلە ئايال يېشىنىڭ بەك چوڭ ياكى بەك كىچىك بولۇشى، بەدىنىنىڭ پاكار، ۋىجىك بولۇشى، ئىقتىسادىي شارائىتىنىڭ ناچارراق بولۇشىدىن، بەزىلىرى ئانىنىڭ بىرلەمچى يۈرەك كېسىلى، ئاستا خاراكتېرلىك بۆرەك ياللۇغى بولغانلىقتىن ياكى ﻫاملىدارلىق مەزگىلىدىكى ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك، بالا ﻫەمراﻫى ئىقتىدارىنىڭ ناچارلىقىدىن ﻫامىلە ئوزۇقلۇقىنىڭ توسالغۇغا ئۇچىرىشى شۇنداقلا ﻫامىلىنىڭ ئۆزىدە تۇغما غەيرىيلىك ﻫەم خروموزوما بىنورماللىق قاتارلىق كېسەللىكلەر بولغانلىقتىن كېلىپ چىقىدۇ.