ﻫامىلە يېشىدىن چوڭ بوۋاق دېگەن نېمە؟
- يوللانغان ۋاقتى :
- 09-09
- كۆرۈلۈشى:
- 668 قىتىم
ﻫامىلە يېشىدىن چوڭ بوۋاق تۇغۇلغاندىكى ئېغىرلىقى ئوخشاش ﻫامىلە يېشىدىكلەرنىڭ ئوتتۇرچە بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ 90 پىرسەنىت بىرلىكىنىڭ ئۈستىدە ياكى تەخمىنەن بەدەن ئېغىرلىقنىڭ ئىككى ئۆلچەملىك پەرقىدىن چوڭ تۇغۇلغان بوۋاقلارنى كۆرسىتىدۇ. بەدەن ئېغىرلىقى تۆت كىلوگىرامدىن ئېغىر تۇغۇلغان بوۋاقلار يەنە گىگانىت بوۋاقلار دېيىلىدۇ. مەسىلەن: ﻫامىلە يېشى 38 ﻫەپتىگە توشقان يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى تەخمىنەن 3.08 كىەلوگىرام، 90 پىرسەنىت بىرلىكىدىكى ئېغىرلىقى 3.558 كىلوگىرام، ئەگەر ئېغىرلىقى 3.558 كىلوگىرامدىن ئېغىر بولسا بۇ ﻫامىلە يېشىدىن چوڭ بوۋاق ﻫېسابلىنىدۇ. ئاتا-ئانىنىڭ بەدىنى چوڭ، ئېگىز بولغانلىقتىن ياكى ئانا ﻫاملىدار مەزگىلدىكى ئوزۇقلۇق مول بولغانلىقتىن بەزى يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار چوڭراق بولىدۇ، بۇ نورمال فىزىئولوگىيىلىك ﻫادىسە. ﻫامىلە يېشىدىن چوڭ ئەمما ساغلام تۇغۇلمىغانلىرى ئاساسەن باشقا سەۋەبلەردىن مەسلەن ئانىنىڭ دىئابېت كېسىلى ياخشى كونتىرول قىلنمىغان ۋاقىتتا تۇغۇلغان بوۋاق ناﻫايىتتى چوڭ بولىدۇ.