گىگانىت بوۋاق دېگەن نېمە؟
- يوللانغان ۋاقتى :
- 09-09
- كۆرۈلۈشى:
- 706 قىتىم
بەدەن ئېغىرلىقى تۆت كىلوگىرامدىن ئارتۇق تۇغۇلغان بوۋاقلار گىگانىت بوۋاق دېيىلىدۇ. بىر قىسمى ئىرسىيەتتىن ياكى ئانا ئوزۇقلۇقىنىڭ زىيادىلىكىدىن كېلىپ چىقىدۇ. مەسىلەن ئاتا-ئانا بەدىنىنىڭ يوغان بولۇشى، ﻫامىلدار ئاياللار ئوزۇقلۇقىنىڭ ئارتىشى، ﻫامىلە ئانا تېنىدىن ئوزۇقلۇقنى ياخشى قوبۇل قىلىش نەتىجىسىدە ئېغىرلىقىنىڭ كۈندىن-كۈنگە ئارتىپ بېرىشىدىن گىگانت بوۋاقلار تۇغۇلىدۇ. ئەمما شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەككى، بەزى ئالاﻫىدە چوڭ بوۋاقلار ئانا ياكى ﻫامىلە مەلۇم كېسەلگە گىرىپتار بولغانلىقتىن كېلىپ چىقىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە چوڭ تۇغۇلغان بوۋاقلار قىيىن تۇغۇت سەۋەبلىك نەپسى ئۈزۈلۈش، باش ئىچى قاناش قاتارلىق كېسەللىكلەر، تۇغۇلغاندىن كېيىن ئاسانلا قاندىكى قەنىت مىقدارى، كالىتسي مىقدارى تۆۋەن، نەپسى قىيىن بولۇش ﻫەم قىزىل قان ﻫۈجەيرىسى كۆپىيىپ كېتىش كېسىلى كۆرۈلىدۇ. شۇڭا قارىغۇلارچە يېڭى تۇغۇلغان بوۋاق قانچە سېمىز بولسا شۇنچە ياخشى دېمەسلىك كېرەك.