guide
يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ نەپەسلىنى سىسېتمىسىنىڭ قانداق ئالاﻫىدىلىكى بار؟
يوللانغان ۋاقتى :
09-09
كۆرۈلۈشى:
676 قىتىم
يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار كۆزى يورۇغاندىن كېيىن ئاۋاز، كۈن نۇرى قاتارلىق مۇﻫىت ئامىلى ﻫەم ئاغىرىش، سوغۇق قاتارلىق سەزگىلى بولىدىغان ئامىللارنىڭ رولى ئاستىدا، مۇستەقىل ﻫالدا بىرىنچى قېتىم نەپەسلىنىشىنى باشلايدۇ. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ نەپەسلىنىشى ئاساسلىق دىئافراگمىنىڭ كۆتۈرۈلۈپ چۈشۈشىگە تايىنىپ ئېلىپ بېرىلىپ، قورساقچە نەپەسلىنىدۇ. نەپەسلىنىشى تېيىزراق، رىتىمى ئېنىق ئەمەس، لېكىن قېتىم سانى كۆپ، تۇغۇلۇپ بىر سائەت ئىچىدىكى نەپەسلىنىش قېتىم سانى ﻫەر مىنۇتىغا 60~80 قېتىمغا يېتىپ، بەدەن ئىچىدىكى ﻫاۋا ئالىمىشىش ئېﻬتىياجىنى قاندۇرالايدۇ. ئۆپكە قىسىمىدىن دۇمباق تاۋۇشى ئاڭلىنىدۇ، نەپەسلىنىش قېتىم سانىنىڭ بارا-بارا تۆۋەنلەپ 40 قا چۈشۈشكە ئەگىشىپ، ئۆپكىدىكى دۇمباق تاۋۇشى يوقايدۇ.