guide
يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ﻫەزىم قىلىش سىستېمىسنىڭ قانداق ئالاﻫىدىلىكى بار؟
يوللانغان ۋاقتى :
09-09
كۆرۈلۈشى:
775 قىتىم
  بوۋاقلار يېڭى تۇغۇلۇپ ئىككى ﻫەپتە ئىچىدە قىزىلئۆڭگەچ كېڭىيىش مۇسكۇلىنىڭ بېسىمى تۆۋەن، ئاشقازان مۇسكۇل قەۋىتىنىڭ يېتىلىشى ئاستا، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاشقازان تەكشى ﻫالەتتە بولغانلىقتىن ئاسانلا سۈتنى قۇسۇۋېتىش ياكى چېقىرىۋېتىش ئەﻫۋالى كۆرۈلىدۇ. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ﻫەزىم قىلىش يولى نىسپەتەن چوڭ، ئۈچەينىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى بەدەن ئۇزۇنلۇقىنىڭ سەككىز ﻫەسىسىگە دېگۈدەك باراۋەر بولۇپ، ئوزۇقلۇق ماددىلارنى سۈمۈرۈشكە ئىنتايىن پايدىلىق ﻫەمدە يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ئۈچەي دىۋارى نېپىزراق بولۇپ، ئۆتكۈزۈشچانلىقى بىر ئاز يۇقىرى، ئانا سۈتىدىكى ئىممۇنىتېلىق گلوبۇلىننى سۈمۈرۈشكە پايدىلىق بولۇپ، ئېممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرىدۇ. ئەمما ئۈچەي يولىدىكى توكسىن، ياخشى ﻫەزىم بولمىغان ئېشىندى ماددىلارمۇ ئاسانلا قان ئايلىنىشقا كىرىپ، زەﻫەرلىنشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. نورمال تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ئامىلوپىسىندىن سىرىت، قالغان ﻫەزىم قىلىش ئېنزىملىرى ئاقسىل ۋە ماينى ﻫەزىم قىلشقا يېتەرلىك، ئەمما بالدۇر تۇغۇلۇپ قالغان بوۋاقلارنىڭ ﻫەزىم قىلىش ئېنزىملىرىنى ئاجىرتىپ چىقىرىشى يېتەرسىز بولغانلىقتىن، ماينى ﻫەزىم قىلالمايدۇ. شۇ سەۋەبتىن ماينىڭ ﻫەزىم قىلىنىپ سۈمۈرۈلۈشى ناچارراق. ئەگەر ئوزۇقلاندۇرۇش مۇۋاپىق بولمىسا ئاسانلا ئىنچىكە ئۈچەي، بوغماق ئۈچەي ياللۇغى كېلىپ چىقىدۇ.