guide
يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ يۈرەك چاستوتىسى ﻫەم ئايلىنىش سىستمىسىنىڭ قانداق ئالاﻫىدىلىكى بار؟
يوللانغان ۋاقتى :
09-09
كۆرۈلۈشى:
766 قىتىم
يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ يۈرەك چاستوتىسىنىڭ تەۋرىنىشى بىر ئاز چوڭ، ﻫەر مىنۇتتا تەخمىنەن 90~160 قېتىم. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ئوخلىغان ﻫەم ئويغاق ۋاقىتتىكى يۈرەك چاستوتىسىنىڭ پەرقى سەل چوڭراق، ئۇخلىغاندا يۈرەك چاستوتىسى تەخمىنەن مىنۇتىغا 120 قېتىم. ئويغاق ۋاقىتتا بولسا تەخمىنەن مىنۇتىغا 120~140 قېتىم. نورمال بوۋاقلارنىڭ قان بېسىمى تەخمىنەن 9316.7 كىلوپاسكال( 70150 مىللىمتىر سىماب تۈۋرۈكى) ئەتىراپىدا. ﻫامىلىنىڭ قان سۇيۇقلۇقى ئاساسەن ئىچكى ئەزالارغا تارقالغان بولۇپ، گەۋدە ﻫەم پۇت-قولىدا قان ئاز بولىدۇ. شۇڭا ﻫامىلە تۇغۇلغاندىن كېيىن پۇت-قول مۇزدەك، پۇت-قولىنىڭ ئۇچى كۆكىرىپ قالغان ﻫالەتتە بولۇپ بۇ كۆكلەر بىر نەچچە سائەتتىن كېيىن يوقاپ كېتىدۇ. ئاز ساندىكى يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار تۇغۇلۇپ بىر-ئىككى كۈن ئىچىدە يۈرەك ئالدى قىسىمىدىن شاۋقۇن ئاۋازى ئاڭلىنىپ، بىر نەچچە كۈندىن كېيىن يوقاپ كېتىدۇ. بۇ بەلكىم ئارتېرىيە قانىلىنىڭ ئېتىلمەسلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن، بۇ ۋاقىتتا قەرەرلىك تەكشۈرۈپ تۇرۇش كېرەك.