يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنىڭ قانداق ئالاﻫىدىلىكى بار؟
- يوللانغان ۋاقتى :
- 09-09
- كۆرۈلۈشى:
- 774 قىتىم
يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچى ئاساسەن تۆرەلمە مەزگىلىدە بالا ﻫەمراﻫى ئارقىلىق ئانا تېنىدىن ئېرىشكەن بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئوغۇز سۈتى ﻫەم ئانا سۈتى ئارقىلىق زۆرۈر بولغان ئىممۇنىتېلىق ماددىلارغا ئېرىشىدۇ. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار ئانا تېنىدىن ئانتىتېلاغا ئېرىشكەنلىكتىن قىزىل، يەلتاشما، بوغما قاتارلىقلارغا نىسپەتەن ئىممۇنىتېت كۈچىگە ئىگە بولۇپ، بۇ خىلدىكى جىددىي خاراكتېرلىك نەپەسلىنىش يول كېسەللىكلىرى بىلەن يۇقۇملانمايدۇ. لېكىن يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ تېنىدىكى ئىممۇنىتېت سىسىتېمىسى تېخى تولۇق يېتىلمىگەنلىكتىن، ئىممۇنىتېت كۈچى نىسپەتەن تۆۋەن. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ تېرە سىرتقى قەۋىتى نېپىز يۇمشاق بولغانلىقتىن ئاسانلا سۈرۈلۈپ يارىلىنىشتىن يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بوۋاقلارنىڭ كىندىكى ئوچۇق يارا ئېغىزى بولغانلىقتىن باكتېرىيىلەر بۇ يەردە كۆپىيىپ قانغا ئۆتىدۇ. قان زەردابىدا كومپلېمېنت مىقدارى تۆۋەن، ئاق قان ﻫۈجەيرىسىنىڭ يۇتۇش ئىقتىدارى ناچار بولغانلىقتىن يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار ئاسانلا ﻫەرخىل يۇقۇملىنىش خاراكتېرلىك كېسەللەرگە گىرىپتار بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا ئاتا- ئانىلار بوۋاق يېڭى تۇغۇلغان مەزگىلدە ئىنچىكلىك بىلەن خەۋەر ئېلىشى كېرەك.