guide
رەقەم قانداق پەيدا بولغان؟
يوللانغان ۋاقتى :
09-09
كۆرۈلۈشى:
842 قىتىم
بىز ﻫازىر ساناۋاتقان رەقەملەر 3،2،1 لەر قانداق پەيدا بولغان، ماتېماتىكا قاچاندىن تارتىپ پەيدا بولغان، ماتېماتىكا قاچاندىن تارتىپ پەيدا بولغان؟ ئەمەلىيەتتە، بۇرۇنقى ئىپتىدائىي جەمئىيەتتىلا كىشىلەردە سان توغرىسىدىكى چۈشەنچە پەيدا بولغان. ئۇ چاغدا، كىشىلەر دائىم سان بىلەن ئەتراپىدىكى نەرسىلەرنى باغلىغان، يەنى بەزى قەبىلە ققىزلىرى دائىم بويۇنلىرىغا مىس ﻫالقىلارنى ئېسىۋالاتتى. مىس ﻫالقىلارنىڭ سانى ئادەتتە شۇلارنىڭ يېشى بىلەن تەڭ چىقاتتى. كېيىن كىشىلەر يەنە ئارغامچىنى چىگىپ ﻫېسابلاش ئۇسۇللىرىنى تېپىپ چىققان. مۇشۇنداق شەكىللەردىن ئۆزگىرىپ كەلگەن بەلگىلەر ئاستا-ئاستا ئەڭ بۇرۇنقى رەقەملەرگە ئايلانغان.