guide
ئەرەب رەقىمى قانداق قىلىپ پۈتۈن دۇنياغا تارالغان؟
يوللانغان ۋاقتى :
09-09
كۆرۈلۈشى:
764 قىتىم
دۇنيادا ئەرەب رەقىمىدىن باشقا يەنە رىم رەقىمى، جۇڭگو رەقىمى قاتارلىقلار بار. لېكىن نېمە ئۈچۈن ئەرەب رەقىمىلا دۇنيانىڭ ﻫەر قايسى جايلىرىدا بىردەك ئىشلىتىلىدۇ؟ چۈنكى، ئەرەب رەقىمىنى يازغاندا ﻫەم ۋاقىتنى تېجىگىلى، ﻫەم ئىخچام يازغىلى بولىدۇ. ﻫېسابلاشقىمۇ قۇلايلىق. ئۇنىڭدىن باشقا مىلادى Ⅶ ئەسىردىن باشلاپلا، ئەرەبلەر سىرتقا كەڭ كۆلەملىك كېڭەيمىچىلىك قىلغان، ئەرەب رەقىمىمۇ شۇنىڭ بىلەن تەڭ كېڭەيگەن. ئاخىرىدا، دۇنيادا بىردەك قوللىنىدىغان رەقەمگە ئايلانغان.