بالىلارنى سۈت چىشى ﻫەم ئالمىشىشى
- يوللانغان ۋاقتى :
- 09-09
- كۆرۈلۈشى:
- 774 قىتىم
سۈت چىش بالىلارنىڭ چايناش ئەزاسى بولۇپ يىمەكلىكلەرنى چايناش ئارقىلىق جاغ سۆڭىكى ۋە چىش ئەگمىسىنىڭ نورمال تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ . جاغ سۆڭەك ۋەچىش ئەگمىسىنىڭ نورمال تەرەقىياتى تۇراقلىق چىشنىڭ نورمال ، تەرتىپلىك تىزىلىپ چىقىشىدىكى مۇيىم شەرت . سۈت چىش ﻫەزىم قىلىش سېستىمىسىنىڭ تەرەقىياتى، تىل ئىقتىدارىنىڭ يېتىلىشىگىمۇ ناﻫايتى چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ . سۈت چىشنىڭ تەرەققىياتى ۋە كالتىسىيلىشىشى - ئانىنىڭ سالامەتلىك ئەﻫۋالى يەنى ئوزۇقلىنىش ، ساغلاملىق ۋە ئېرسىيەت قاتارلىق ئامىللار بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ . ئادەتتە سۈت چىشتىن 20 دانىسى بولىدۇ . بوۋاق تۇغۇلۇپ 7 ~8 ئايلىق بولغاندا سۈت چىش چىقىشقا باشلايدۇ . 2 ياشقا بارغاندا تولۇق چىقىپ بولىدۇ . بالىلارنىڭ يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ جاغ سۆڭەك يوغىناپ تاماقنى چايناش ئىقتىدارىمۇ كۈچىيىدۇ . بالىلار سۈت چىشنىڭ سانى چوڭ - كىچىكلىگى ۋە چىش ئەتىراپى توقۇلمىللىرىنىڭ كۈچى بۇنىڭغا ماس كەلمەيدۇ .شۇڭا بالىلار 6 ياشقا كىرگەندىن باشلاپ سۈت چىش فىزولوگىيىلىك چۈشىدۇ . تۇراقلىق چىش 12 ~13 ياشقا بارغاندا تولۇق چىقىپ بولىدۇ . تۇراقلىق چىشنىڭ ئۆسۈپ تەرەققى قىلىشى ئاساسلىقى بوۋاق مەزگىلدىكى سىرىتقى ئامىل مەسلەن : دورا ، يېمەكلىكلەردىكى مېنىرال ماددىلار ، ۋېتامىنلار ، سۇدىكى مېكرە ئېلمىنىتلار يەنى فىتور قاتارلىقلار بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك . قىسمەن ئەﻫۋاللارنى ﻫۋساپقا ئالمىغاندا سۈت چىشىنىڭ چىقىشى ۋە تۇراقلىق چىشنىڭ ئالمىشىشى تەرتىپلىك بولىدۇ .