guide
نېمە ئۈچۈن بىر قىسىم يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ چىشى بولىدۇ؟
يوللانغان ۋاقتى :
09-09
كۆرۈلۈشى:
866 قىتىم
كىلىنىكىدا بەزىدە يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ئېغىز بوشلۇقىدا چىش ئۆسكەن ئەﻫۋال كۆرۈلىدۇ. تېببىي ئىلىمدە بۇخىل ﻫادىسە سۈت چىشىنىڭ بالدۇل بىخلىنىشى دېيىلىدۇ.ئادەتتە يەنە "تۇغما چىش "دەپمۇ ئاتىلىدۇ.ئېغىز بوشلۇقى تېببىي بىلىملىرىنىڭ ئومۇملىشىشى يىتەرلىك بولمىغانلىقتىن ،بەزى كىشىلەر بوۋاقنىڭ "تۇغما چىشى "غا  غەيرى قاراشتا بولۇپ ،بالىغا بىر تەرەپلىمە مۇئامىلە قىلىدۇ،بۇنداق قىلىش ئىنتا يىن خاتا.       توغرىسىنى ئېيتقاندا ،تۇغما چىشنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبى ﻫازىرغىچە ئېنىق ئەمەس . مۇناسىۋەتلىك ماتىرىياللاردىكى تەللىللەرگە ئاساسلانغاندا،تۇغما چىشنىڭ پەيدا بولۇشى تۆۋەندىكى ئەﻫۋاللارغا مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن.ﻫامىلىدىكى چۇش تۆرەلمىسى ناﻫايىتى تىيىز بولۇشى ۋە ئىچكى ئاجراتما بەزلىرىنىڭ فونكىسىيىسى نورمالسىزلىنىشتىن كەلتۇرۇپ چىقارغان بولۇشى ،ياكى ئىرسىيەت بولۇشى مۇمكىن.
    ئادەتتە ئەڭ كۆپ ئۇچقايدىغىنى تۆۋەنكى جاغ ئوتتۇرا ئۇدۇل چىشى بولۇپ ،ئۇنىڭ شەكلى ،چوڭ-كىچىلىكى ،ناﻫايىتى نورمال، ئەمما چىش يىلتىزى پۈتۈنلەي يېتىلىپ بولالمىغانلىقتىن ،تۇغما چىشنى تۇتۇپ تۇرىدىغان چىش ئوقۇرى سۆڭىگى بولمايدۇ .شۇڭلاشقا ئۇ ناﻫايىتى ئاجىز بولىدۇ.مۇبادا تۇغما چىش بەكلا بوش بولسا ،چىش چۈشۈپ كانايغا كىرىپ كىتىش خەتىرى بار.بوۋاق ئەمگەندە تىل ئىلىنچىقى ۋە ئۇنىڭ ئىككى يېنىدىكى يۇمشاق توقۇلمىلار تۇغما چىشقا سۈركۈلۈپ ،ياتاق يارىسىلىق جاراﻫەت پەيدا قىلىدۇ.جاراﻫەت ئۇزۇن مەزگىل ساقايماسلىقىمۇ مۇنكىن.ئائىلە باشلىقى بالىدا تۇغما چىشنى بايقىغاندا ،چوقۇم بالىنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ ،ئېغىز بوشلۇقى دوختۇرىنىڭ پىكرىنى ئاڭلىشى كېرەك.ئادەتتە تۇغما چىش بەك بوش بولسا تارتىۋىتىش لازىم.بەزى تۇغما چىشلار ئانچە بوش بولمىسىمۇ ،بىراق ئۇ تىل ئاستى يۇمشاق تۇقۇلمىللىرىنى يار ا قىلىپ قويىدۇ.شۇڭا سۈت ئېمىتىشنى توختۇتۇپ ،قوشۇق بىلەن سۈت ئىچكۈزۈش ،يارا يۈزىگە گېنتىئان چىئولېت قاتارلىق قورۇغۇچى دورىلارنى سۈرتۇش ئارقىلىق يارىنى ساقايتىش لازىم.زۆرۈر بولغاندا چىشنىڭ سىلىق يېرىنى سىلىقلىتىپ ،سۈركىلىشنى ئازايتىسا بولڭدۇ.جاراﻫەت ئاستا -ئاستا ئۆسۇپ يوغىناشقا ئۆزگەرسە ﻫەرگىزمۇ ئۇنى ئۆسمە ئورنىدا ئېلىۋىتىشكە بولمايدۇ، بولمىسا ئاسانلا ئېغىر قاناشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.