guide
بوۋاقلارنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئېشىشى نېمىشقا ئاستا بولىدۇ ؟
يوللانغان ۋاقتى :
09-09
كۆرۈلۈشى:
679 قىتىم
 
 بوۋاقلار ئالتە ئايلىقتىن بۇرۇن ئېيىغا ئوتتۇرا ﻫېساب بىلەن 800 گرامدىن ئېغىرلايدۇ. 7 - 12 - ئايلىققىچە بولغان ئارىلىقتا ئېيىغا ئوتتۇرا ﻫېساب بىلەن 500 گرامدىن ئېغىرلايدۇ .ئەمما بەزى بوۋاقلارنىڭ ئېغىرلىقىنىڭ ئېشىشى ئەمچەكتىنئايرىغاندىن كېيىن يەنى 8- 12 ئايلىققىچە بولغان مەزگىلدە كۆرۈنەرلىك ئاستىلايدۇبۇ كۆپىنچە بوۋاقلارنىڭ ئوزۇقلىنىشىىڭ مۇۋاپىق بولماسلىقىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
   بوۋاقلار تۇغۇلغاندىن كېيىن ئامال بار ئانا سۈتى ( پەقەت بولمىغاندا كالا سۈتى ) دە ئوزۇقلاندۇرۇش كېرەك . ئانا سۈتىنىڭ تەركىبىدىكى ئاقسىلنىڭ يېمەكلىكلەرنىڭ ئۈچەي يولىداﻫەزىم قىلىنىشى ۋە نەپەسلىنىشىنى تېزلىتىشكە پايدىسى بولىدۇشۇڭلاشقا ئانا سۈتى يېتەرلىك بولسىلا بوۋاق تۇغۇلۇپ ئالدىنقى يېرىم يىلدا بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئېشىشى تېز بولىدۇ .
 ئەمما قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى بەرگەندىن كېيىن يەنى 7 - 8 ئايلىق مەزگىلىدە بوۋاقلار كۈندە ئىككى قېتىم قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى ئانا سۈتى ئورنىدا ئىستېمال قىلىدۇ . توققۇز ئايلىق بوۋاقلار كۈندە ئۈچ قېتىم قوشۇمچە يېمەكلىكنى ئانا سۈتى ئورنىدا ئىستېمال قىلىدۇئاتا - ئانىلار بالىغا ئۇچ ۋاق تاماق بېرىۋاتقاندىكىن ئەمدۈرمىسەكمۇ بولىدۇ ، دەپ قارايدۇ، ئەمەلىيەتتەبۇ بىر خىل خاتا قاراش . بوۋاقلارنىڭ قوشۇمچە يېمەكلىكلىرى كىراخماللىق يېمەكلىكلەرنى ئاساس قىلىدىغان بولغاچقا ، ئۇلارنىڭ تەركىبىدە ئاقسىل ، كالتىسىي ، فوسفور قاتارلىق مېنىرال ماددىلارنىڭ مىقدارى يېتەرلىك بولمايدۇ . ئۇنىڭئۈستىگە بوۋاقلارنىڭ ﻫەزىم قىلىش سىستېمىسىنىڭ ئاقسىلنى شۈمۈرۈشى ئاجىز بولغانلىقتىن ، بۇ ۋاقىتتا ئەگەر ئانا سۈتى بىلەن تەمىنلەش يېتەرلىك بولمىسا ، ئاقسىل ماددىسىيېتىشمەي بوۋاقلارنىڭ نورمال ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ .
   بوۋاقلارنى سۈتتىن ئايرىشنىڭ ئالدى - كەينىدە ئۈچ ۋاقلىق تاماقنىڭ سۈپىتىگە ئالاﻫىدە ئەﻫمىيەت بېرىش يەنى گۆش ، تۇخۇم ، جىگەر ، پۇرچاق ئۇيۇتمىسى قاتارلىق تەركىبىدە  ئاقسىل مىقدارى مول بولغان يېمەكلىكلەرنى بېرىشكە  دىققەت قىلىش كېرەك . مانا بۇلار بوۋاقلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى زۆرۈر بولغان ئوزۇقلۇق ماددىلاردىن ئىبارەت.
   ئەگەر بوۋاقلارنىڭ تۇرمۇشى تەرتىپسىز ، يەنى مۇقىم بولغان غىزالىنىش ۋاقتى ، ئۇيقۇسى نورمال بولمىسا ، كۈندۈزى ئۇخلاپ كېچىسى ئۇخلىمىسا ، ئىشتىﻬاسى تۇتۇلۇش ، بەدەن ئېغىرلىقى ئاشماسلىق قاتارلىق ئەﻫۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
   بالىلار مۇتەخەسسىسلىرى ئاتا - ئانىلارغا شۇنى ئەسكەرتىدۇكى : 8 -12 ئايلىققىچە بولغان بوۋاقلارغا ﻫەر كۈنى 600 مىللىلېتىر ئەتراپىدا سۈت بېرىش ، بوۋاقنىڭ ئوزۇقلىقىنىڭ  سۈپىتىگە ئالاﻫىدە دىققەت قىلىش ، ئۇلاردا ياخشى بولغان تۇرمۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش ، بولۇپمۇ ئوزۇقلىنىش ، ئۇخلاش ۋاقتىنىڭ تەرتىپلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ، ﻫەرىكەت مىقدارىنى كۆپەيتىش كېرەك . بۇنداقبولغاندا بوۋاقلارنىڭ ئېغىرلىقى نورمال ﻫالەتتە ئېشىپ ماڭىدۇ