ئوغلاق&ئىت (بالىلار ﻫېكايىلىرى)
- يوللانغان ۋاقتى :
- 09-10
- كۆرۈلۈشى:
- 2479 قىتىم
ئوغلاق
نەجمىدىن قوي بېقىشقا بولۇپمۇ، قوزا بېقىشقا تۇلىمۇ ئامىراق ئىدى. ياز كۈنلىرىنىڭ بىرىدە دادىسى ئۇنىڭغا بىر ئوغلاق ﻫەدىيە قىلدى، ئۇ ﻫەركۈنى ئوغلاقنى بېقىپ پەرۋىشلىدى، ئوغلاق ئۇنى قوغلاپ يۈگۈرەلىگۈدەك بولغاندا، نەجمىدىن ئۇنىڭغا تېخىمۇ ئامىراق بولۇپ كەتتى.
نەجمىدىننىڭ دادىسى ئۇنىڭغا: – ئىشىكنى ئۇچۇق قويما، بولمىسا قويلار ئۆيگە كىرىپ ئۆينى قالايمىقان قىلىۋېتىدۇ-، دېدى.
بىر كۈنى، نەجمىدىن توپىنى ئېلىپ چىقىش ئۈچۈن ئۆيگە كىردى، گەرچە دادىسىنىڭ سۆزى ئېسىدە بولسىمۇ، كۆڭلىدە تېزلا قايتىپ كېلىمەنغۇ دەپ ئويلاپ، ئىشىكنى ئەتمىدى، نەدىن بىلسۇن ئۇ ئامىراق ئوغلىقىنىڭ ئۆزىگە ئەگىشىپ ئۆيىگە كىرىۋالغانلىقىغا دىققەت قىلمىغان ئىدى.
ئوغلاق ئۆيدە نەجمىدىننى ئىزدەپ ئەينەكنىڭ ئالدىغا كېلىپ قالدى، ئۇ ئەينەكتىكى تەسۋىرىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا سەل يېقىنلىشىپ كۆردى. بۇ ئۇنىڭغا تۇلىمۇ غەلىتە تۇيۇلغان ئىدى. چۈنكى ئەينەكتىكى ئوغلاقمۇ ئۇنىڭغا قاراپ يېقىنلىشىۋاتاتتى، دەل شۇ پەيتتە، ئوغلاق بېشىنى تۈۋەن قىلىپ ئەينەككە، كېلىشتۈرۈپ بىرنى ئۈستى. ئۇ كۆڭلىدە بۇ ئەبلەخنى ئوبدان بىر ئەدەپلەپ قويماقچى ئىدى. تويۇقسىز تاراڭ-تۇرۇڭ قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ ئەينەك پارە-پارە بولۇپ كەتتى.
ئىبنى ئۆمەر ۋە ئابدۇللا ئىبنى ئامىر پەيغەمبىرىمىزنىڭ (ئاللا ئۇنىڭغا رەﻫمەت قىلسۇن) ئىككى ياشقا نەسىﻬەت قىلىپ، مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان دەيدۇ: «ئاتاڭلارنىڭ گېپىنى ئاڭلاڭلار!»
ئەگەر نەجمىدىن پەيغەمبىرىمىز ئېيىتقان بۇ ﻫەدىسنى ئاڭلىغان بولسا، ئاتىسىنىڭ گېپىنى ئاڭلىغان بولاتتى!
ئىت
مول ﻫوسۇل بولغان پەسىل، مۇستاپا بىلەن ئايالى بۇغداي ئورىۋاتىدۇ، ئۇلارنىڭ بالىسى بىر تۈپ دەرەخنىڭ تۈۋىدە ئۇخلىماقتا، ئۇلارنىڭ ئىتى بالىغا قاراۋاتىدۇ.
بىردەمدىن كېيىن، ئەر-خوتۇن ئىككەيلەن ئارام ئېلىش ئۈچۈن دەرەخ يېنىغا كېلىپ، ئىنتايىن قورقۇنۇچلۇق بىر مەنزىرىنى كۆردى. ئۇلارنىڭ بالىسى بۈشۈكتە دۈم ياتاتتى، ئىتى بولسا بەدىنى قان ﻫالەتتە ياتاتتى. مۇستاپا ساراڭ بولۇپ قالايلا دېگەن ئىدى، ئۇ كۆڭلىدە ئىت بالىنى ئۆلتۈرىۋېتىپتۇ دەپ ئويلىغان ئىدى. ئۇ قولىغا ئورغاقنى ئېلىپ ئىتنى كۈچەپ بىرنى چاپتى، بىچارى ئىت ﻫايالشىماي ئۆلۈپ قالدى.
ئەمما، كىشىنى تېخىمۇ ﻫەيران قالدۇرىدىغان ئىش شۇ بولدىكى، ئايالى ئۇنىڭغا: – بالىمىز ﻫېچنىمە بولماپتۇ، ﻫازىر ناﻫايىتى تاتلىق ئۇخلاۋېتىپتۇ!-، دېدى. ئۇلار ئەتراپقا بىر قۇر قارىغاندىن كېيىن بالىدىن ئانچە يىراق بولمىغان يەردە ياتقان يوغان بىر تال يىلاننىڭ ئۆلۈكىنى كۆرگەندە، نېمە دېيىشلىرىنى بېلەلمەي قېلىشتى، ئەمدى ئۇلار ئىتنىڭ يىلان بىلەن ئېلىشىپ ئۆزىنىڭ ﻫاياتى بىلەن بالىنى قوغداپ قالغانلىقىنى بىلىشكەن ئىدى. مۇستاپا ئۆزىنىڭ خاتالىقىغا قاتتىق پۇشايمان قىلدى.
مۇستاپا پەيغەمبىرىمىز (ئاللاﻫ ئۇنىڭغا رەﻫمەت قىلسۇن)نىڭ تۈۋەندىكى نەسىﻬىتى بويىچە ئىش قىلغان بولسا پۇشايمانغا قالمايىتتى.
پەيغەمبىرىمىز(ئاللاﻫ ئۇنىڭغا رەﻫمەت قىلسۇن) مۇنداق دېگەن: «ئېﻬتىياتچان بولۇش ئاللاﻫتىن كېلىدۇ، ئالدىراقسانلىق شەيتاندىن كېلىدۇ.» (تىرمىزىي)
بالىلار ئۈچۈن ﻫېكايەتلەر بىلەن 40 ﻫەدىس ناملىق كىتابتىن ئېلىندى،تەرجىمانغا ئاللاﻫ كۆپلەپ ئەجىر بەرسۇن ئامىيىن.