guide
ئاپام يىيەلمىگەن مارۇژنى
يوللانغان ۋاقتى :
09-09
كۆرۈلۈشى:
837 قىتىم
كىچىك چاغلىرىم ئىدى. ئۇ ۋاقىتلاردا بالىلاربايرىمى قالتىس داغىدۇغىلىق ئۆتكۈزىلەتتى. ئۇنداق چاغلاردا مەنمۇ بايرامنى قولدىنبەرمەي ئوينىۋېلىش ئۈچۈن ئاپامنى مېنى ئاپىرىڭ دەپ تۇرۇۋالاتتىم. ئىﻬتىمالباشلانغۇچ مەكتەپكە كىرەي دەپ قالغان ۋاقتىم بولسا كېرەك. بالىلار بايرىمى كەلدى.مەن ئاپامغا يەنە مېنى ئاپىرىڭ دەپ غەلۋە قىلدىم. ئاپاممۇ مېنىڭ رايىمغا بېقىپماقۇل بولدى. ئىككىمىز بايرام ئۆتكۈزۈلىدىغان جايغا باردۇق. بايرام بولىدىغانمەيداننىڭ ئەتراپى قايناق بازار بولۇپ ،دوغاپچىلار، گازىر-پۇرچاق ساتىدىغانلار،مارۇژنىكەشلەر قاتار تىزىلىپ كەتكەنىدى.. ﻫاۋا ناﻫايىتى ئىسسىق ﻫەم بەك دىمىقئىدى. ئاپام ئۇسساپ كەتكەنلىكىمنى سەزدىمۇ قانداق بىرتال مارۇژنى ئېلىپ ماڭاتۇتقۇزۇپ قويدى. مەن مارۇژنىنى ئەمدى يەي دەپ تۇرۇشۇمغا ئاپام:
  ـــ مەن بىر چىشلىۋېلىپ ساڭا بېرەي،ــ دېدى.مەن:
  ــ ياق، ئۆزۈم يەيمەن،ــ دوپ قولۇمنى ئېلىپ قاچتىم،دەل قولۇمنى ئېلىپ قېچىشىم بىلەن تەڭ قولۇمدىكى مارۇژنى «پوك»لا قىلىپ يەرگە چۈشۈپكەتتى. ﻫەي شۇنداق تاتلىق ﻫەم سوغوق مارۇژنىتىدە ئۇ، لېكىن يوق بولدى.
   كىچىك بالىنىڭ بىرەر تال مارۇژنىنى يېيەلمىگەنئازابى بىلەن چوڭ ئادەمنىڭ نەچچە يۈزمىڭ يۈەن پۇلىنىڭ يوق بولىشىدىكى ئازاپئاساسەن تەڭلىشىپ قالىدۇ. مەن ئاغىزىمنى ئۈمچەيتىپ يىغلاي دەپ تۇرۇشۇمغا ئاپامماڭا:
  ــ بالام، ئاپىسى يەيمەن دېگەن نەرسىنىبەرمىسىچۇ قارا، ئاشۇنداق يەرگە چۈشۈپ كېتىدۇ.ــ دەپ بەزلىدى. نېمە سەۋەبتىنكىنتاڭ، شۇ قېتىمقى بالىلار بايرىمىدا قانداق ئوينىغانلىرىم ئېسىمدە قالماپتۇيۇ،شۇچاغدىكى ئاپام يېيەلمىگەن مارۇژنى ﻫازىرغىچە ئېسىمدە...
  18 ياشلار ئۆپچۆرىسىدىكى ۋاقتىلىرىم ئىدى.ئالىي مەكتەپ ئىمتاﻫانىنى ﻫەرﻫالدا خېلى ياخشى بېرىپ ئالىي مەكتەپكىمۇ ئۆتۈۋالدىم.ئالىي مەكتەپكە مېڭىپ، تۇنجى قېتىم ئۆيدىن ئايرىلىشنىڭ تەمىنى تېتىدىم. ئۆينى،  ئاپامنى سېغىنسام ئۆيگە تېلفۇن قىلاتتىم. بەزىدەسەل ئۇزاقتىراق تېلفۇن قىلسام، ئاپام:
  ــ سىزنى سېغىندىم، ئوغلۇم،ــ دەپ يىغلىغىلىتاسلا قالاتتى، بەزىدە يىغلاپمۇ تاشلايتتى. ئاخىرى زارىقىپ كۈتكەن تەتىلمۇ كېلەيدەپ قالدى. ساۋاقداشلىرىم بازارلارغا چىقىپ ئۆيدىكىلەرگە سوۋغات ئالغىلىتۇردى.مەنمۇ ئۇلارغا  ئەگىشىپ بازارغاباردىم. بازاردا ﻫەرخىل تاۋارلار بەكلا مول ئىدى. ساۋاقداشلىرىمنىڭ بەزىلىرىئاپىلىرىغا چاپان ئالسا، بەزىلىرى ئاتىلىرىغا ئاياق ئالاتتى. مەنمۇ ئۆيدىكىلەرگەبىر نەرسە ئېلىشنى كۆڭلۈمگە پۈكۈپ ياندىكى دۇكانغا قارىسام،  بىر يۇلغۇن چېچىكى رەڭلىك پوپايكىنى كۆرۈپقالدىم. قارىماققا ئاپامغا ئاتاپ توقۇلغاندەكلا قىلاتتى. گۈللىرىمۇ، رەڭگىمۇئاپامنىڭ چىرايىغا ناﻫايىتى ماس كېلەتتى. باﻫاسىنى سورىسام« 69 يۈەن» دېدى. مېنىڭيېنىمدىمۇ ئانچە كۆپ پۇل يوق ئىدى. ئەگەر ئۇ پوپايكىنى ئېلىۋەتسەم يېنىمدا ئانچەكۆپ پۇل قالمايىتتى. مەن سەل يۈزۈمنى قېلىن قىلىپ«باﻫاسى چۈشۈرۈلمەيدۇ» دېگەنخەتنى كۆرمەسكە سېلىپ مالنى ئەرزان سورىدىم، لېكىن دۇكاندار ﻫېلىقى «باﻫاسىچۈشۈرۈلمەيدۇ» دېگەن خەت يېزىلغان تاختىنى كۆرسىتىپ قويدى. لېكىن مەن يەنىلاجاﻫىللىق بىلەن باﻫاتالاشتىم،ئۇمۇ پەقەت چۈشۈرگىلى ئۇنىمىدى. بىز ئۇ يەردىن كېتىپ يەنە باشقا بىر دۇكانغا قاراپماڭدۇق. ئۇ دۇكاندا ئاساسەن ئاياق بار بولۇپ، تۈرلىرى بەك كۆپ ئىكەن.ساۋاقداشلىرىمياتاقتا بىر ئاياقنىڭ گېپىنى قىلىشقان ئىدى، بۇ دۇكاندا دەل شۇ ئاياق بارئىكەن.بىر ساۋاقدىشىم ئىككىلەنمەيلا ئۇنى 80 يۈەنگە ئېلىۋەتتى ﻫەم مېنىمۇ دەيدەيگەسالغىلى تۇردى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاياقمۇ كۆزۈمگە چىرايلىق كۆرۈندى. ئاخىرى مەنمۇ 80 يۈەنگەئۇ ئاياقنى ئېلىۋەتتىم. لېكىن ﻫېلىقى پوپايكىنى ئالالماي كۆڭلۈم سەل يېرىم بولۇپ قالغانبولسىمۇ، ئەمما ئۇ ئاياقنى ئېلىۋالغىنىمغا يەنىلا خۇشال ئىدىم. ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكىشۇنچە چوڭ شەﻫەردىن ئاپامغا يىپ-يىڭنە چاغلىق بىر نەرسە ئالماي يۇرتقا قايتتىم...
  ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ يېڭى خىزمەتكە چىققانۋاقىتلىرىم ئىدى. يېڭىلا خىزمەتكە چىققاچقا خىزمىتىم بەك ئالدىراش ئىدى. ئاپامنىڭقېشىغا پات-پات بېرىپ يوقلاپ تۇرالمايتتىم، ئۇنىڭ ئۈستىگە ﻫازىر بىر قىز بىلەنيۈرۈپ تېخىمۇ ئالدىراش بولۇپ كەتكەنىدىم. ئالدىراشلىقىمنى ئاپاممۇ توغرا چۈشىنەتتى.ئاپامنىڭ قېشىغا ۋاقتىدا بېرىپ تۇرالمىغىنىم بىلەن بانكا كارتىسىغا ۋاقتىدا پۇلسېلىپ تۇراتتىم. لېكىن شۇنداقتىمۇ بەزىدە ئۇ ئالدىراش ۋاقتىمدا تېلفۇن قىلىپ:
  ــ ئۆيدە يالغۇز بەك زېرىكىپ كەتتىم، سەن كەلمىگىلىمۇبەك ئۇزۇن بولۇپ كەتتى،ئانچە-مۇنچە ئۆيگە كەلمەمسەن، ــ دەيتتى. ئىشلارنىڭ جېقلىقىدادەردىمنى تۆكۈپ ﻫاردۇقۇمنى چىقىرىدىغان يەر تاپالمىغان بۇنداق چاغدا ئاپامغاخىزمىتىمدىن قاقشاپ سۆزلەپ كېتەتتىم. ئاپام جىم تۇرۇپ قاقشاشلىرىمنى ئاڭلاپبولغاندىن كېيىن ئېغىر بىر تىنىپ قويۇپ:
     ــئاللاﻫ ئىشلىرىڭنى ئوڭۇشلۇق قىلسۇن،ــ دەپ تېلىفۇننى ئاستا قوياتتى.
  ئاپامنىڭ دۇئالىرى ئىجابەت بولدىمۇ قانداقئىشلىرىم ئوڭغا تارتىشقا باشلىدى. يەنى مەن يۈرىۋاتقان قىز ماڭا «كەچلىك تاماقنىبىللە يەيلى» دەپ تېلفۇن قىلدى. بەلكى كەچلىك تاماق ۋاقتى تىرىشچانلىقىمنىڭنەتىجىسى چىقىشى، قىز توي قىلىش تەكلىپىمنى قۇبۇل قىلىشى مۇمكىن ئىدى. ئاخىركەچلىك تاماق ۋاقتىمۇ بولدى. مەن قىزنى باشلاپ شەﻫەردىكى ئەڭ ﻫەشەمەتلىكرېستۇرانغا باشلىدىم. ئىككىمىزنىڭ پاراڭلىرى ناﻫايىتى ئوڭۇشلۇق ﻫەم ناﻫايىتى شېرىنداۋاملىشىشقا باشلىدى. دەل شۇ چاغدا كەيپىمنى بۇزۇپ تېلىفۇنۇم سايراپ كەتتى،تېلفۇنغا قارىسام ئاچام ئۇرۇپتۇ. كەيپىياتقا تەسىر يەتكۈزمەسلىك ئۈچۈن تېلفۇننىبېسىۋەتتىم. سەل تۇرۇپ تېلفۇن يەنە سايراپ كەتتى، تېلفۇنغا قارىسام يەنە شۇ ئاچامقىلغانىكەن، مەن تېرىكىپ سەل يىراقراق بېرىپ تېلفۇننى ئېلىپلا:
  ــ مەن ﻫازىر ئالدىراش بىرەر سائەتتىن كېيىنقىلغىن،ــ دەپلا تېلفۇننى قويۇۋېتىپ قايتىپ كەلدىم. ئارىدىن يەنە بىرەر مىنۇتئۆتمەيلا نەس تېلفۇن يەنە سايراپ كەتتى. ئەمدى تاقىتىم قالمىغانىدى،  لېكىن بۇ قېتىم ئاچامنىڭ يولدىشى قىلغان ئىدى.مەن تېرىكىپ تېلفۇننى ئېلىپ ئاچچىقىم بىلەن:
  ــ ۋەي، نېمە بولدى؟ــ دەپ قاتتىق تەگدىم،ئۇ:
ــ نېمىگە ۋارقىرايسىز،بىرەر سائەتتىن كېيىن دەيسىزغۇ ئۇ چاغدا ئاپىڭىزنىڭ قارىسىنىمۇ كۆرەلمەيسىز، ئاپىڭىزنىڭنامىزىغىمۇ بىرەر سائەت كېچىكىپ كەلمەكچىمۇ، دەرﻫال چوڭ ئۆيگە كېلىڭ...ــ دېدى.  ئۇنىڭ بۇنداق يالىڭاچلا قىلغان گېپى تۈگمەن تېشىبۇغداي-قوناقنى ئەزگەندەكلا يۈرۈكۈمنى ئېزىۋەتتى. بىر ئىككى دەقىقە يۈرىكىم قانبولۇپ قېتىپلا قالدى. ئەمما تېزلا ئېسىمگە كەلدىم. مەن ئاخىرىدىكى گەپلەرنى ئاڭلىمايلاتېلفۇننى قويۇپ، ئىشىك تەرەپكە ماڭدىم. قىز:
  ــ نېمە بولدى؟-دەپ سورىشىغا، مەن ئۇنىڭغا قاراپ:
ــئاپام ئۆلدى! ــ دېدىم زەردە بىلەن. بۇ قېتىم قارىغىنىمدا ئۇ كۆزۈمگەئالۋاستىدەكلا كۆرۈنۈپ كەتتى. گېپىمنىڭ ئايىغى ئۈزۈلۈشى بىلەن مېنىڭ كۆزۈمدىنمۇ،ئۇنىڭ كۆزىدىنمۇ تەڭلا ياش چىقتى. بۇ ۋەقەلەر بىر -ئىككى سېكۇنت ئىچىدىلا بولۇپئۆتتى. مەن ئۇنىڭغا قارىمايلا ئۆيگە قاراپ چاپتىم . ئۆيگە كەلسەم ،ئۆي ئىچىدەجىقلا ئادەم ئۇ ياق-بۇياققا مېڭىپ يۈرەتتى، گېلەم ئۈستىدە ئاق لاتا يېپىقلىق بىرنەرسە تۇراتتى. يۈرىكىم «جىغ» لا قىلىپ قالدى. پۈتۈن ۋۇجۇدۇمدىكى كۈچ قۇدرىتىمنى،  غەيرىتىمنى يىغىپ ئاق لاتىنىڭ بىر بۇرجىكىنىقايرىدىم. ئاﻫ! بۇمېنى كىچىكىمدىن چوڭ قىلىپ باققان، ئالىي مەكتەپتە ئوقۇتقان،يېمەي يېدۈرگەن، كىيمەي كىيدۈرگەن ئوغلىنىڭ بىر چىشلەم مارۇژنىسىنى يېيەلمىگەن،  مىننەتسىز، پەرىشتىدەك ئاق كۆڭۈل ئاپامغۇ؟! ئاپامنىڭچىرايى خەسىدەك ئاقارغان،  جېنى «بالام»دېيىشكە تەمشىلىشىگىلا چىقىپ كەتكەندەك ئېغىزى سەل ئېچىق ئىدى. ﻫەي ۋاپاسىز!كۆردۈڭمۇ بۇ سېنىڭ ئاپاڭ... مېنىڭ ئوغۇل بالىلىقىم، غەيرەت -شىجائىتىمگە «ئوغۇلبالىنىڭ يۈرىكى يىغلايدۇ، كۆزى يېغلىمايدۇ» دېگەن سەپسەتىلەر كۈچىنى كۆرسىتەلمىدى.مەن «پاڭڭىدە» يىغلاپ تاشلىدىم. پۈتۈن دۇنيادىكى ئايال زاتىنى ئىزدىسىمۇ مېنىڭيېرىمىمچىلىك يىغلىيالايدىغان بىرەرسى چىقماس. «ئاپا سىزدىن مۇشۇنداقلائايرىلدىممۇ؟...»دەپ نالە قىلىپ قانچىلىك ئازاپلانغانلىقىمنى بىلمەيمەن. بۇ ئىشماڭا بەك ئېغىر كەلگەچكىمىكىن ئۇدا ئاپامنىڭ يىل نەزىرىگىچە مۇشۇنداق گاراڭيۈردۈم. ﻫەم بۇ جەرياندا ﻫېلىقى شەيتاننى ئىزدەش تۈگۈل ئويلاپمۇ قويمىدىم.(ئەجىبابۇ ئۇنىڭ خاتالىقى بولمىسىمۇ)...
  يەنە بىر نەچچە يىللار ئۆتۈپ كەتتى. ﻫەر ﻫالداتوي قىلىپ بالىلىقمۇ بولۇۋالدىم. ﻫەرقانچە ئازابلانساممۇ«ئۆلگەننىڭ كەينىدىنئۆلگىلى بولمايدۇ» دە. بالاممۇ ﻫازىر ئالتە ياشلارغا كىرىپ قالدى. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىبىلەن ئائىلەم ۋە بالام مېنى يەنە خۇشاللىق ئىچىگە باشلاپ كىردى. بىر كۈنى بالام:
ــئەتە بالىلار بايرىمى ئىكەن. مېنى باغچىغا ئوينىغىلى ئاپىرىڭ، ــ دەپ تۇرىۋالدى.مەنمۇ بالىنىڭ رايىنى قايتۇرماي ماقۇل بولدۇم. ئەتىسى ئۇنى باغچىغا ئاپاردىم. ئالتىنچىئاي مەزگىللىرى بولغاچقا ﻫاۋا ناﻫايىتى ئىسسسىق ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئادەممۇناﻫايىتى كۆپ ئىدى. بالام ئىسسىققا چىدىمىدىمۇ قانداق، مارۇژنى يەيمەن دەپ مەندىنپۇل ئېلىپ يۈگۈرۈپ كەتتى. ئەسلىدە باغچىنىڭ بىر تەرىپىدە مارۇژنى سېتىۋاتقانىكەن.بالام بىر قولىدا مارۇژنىنى كۆتۈرۈپ قايتىپ كەلدى. شۇ چاغدا تۇيۇقسىز ئاپامئېسىمگە كىچىپ قالدى. بالام يېنىمغا كېلىپ بولغۇچە كۆزۈمدىكى نەمنى سۈرتىۋەتتىم.لېكىن شۇ چاغدا بالامدىن «مازۇژناڭدىن ئازراق چىشلىۋالايمۇ» دەپ سوراشقا جۈرئەتقىلالمىدىم...