موزدۇز بىلەن بانكىر
- يوللانغان ۋاقتى :
- 09-09
- كۆرۈلۈشى:
- 831 قىتىم
موزدۇز ئەتكەندىن -كەچكىچە ئىشلىگەچ ناخشا ئېيىتىپ كۈن ئۆتكۈزدىكەن . مەيلى ئۇنى كۆرۇڭ ياكى ئاۋازىنى ئاڭلاڭ ، ئىشقىلىپ . ئۇ سىزگە خۇشاللىق بېغىشلايىدكەن . ئاياغ ياماش ئۇنىڭ ئۈچۈن قەدىمقى گىرتسىيەنىڭ يەتتە ئىلاﻫلىرىنىڭ بىرى بولۇشتىنىمۇ خۇشاللىنارلىق ئىش ﻫېسابلىنىدىكەن.
ئۇنىڭ قوشىنىسى بانكىر بولۇپ ، دەل ئەكىسچە ، مال -دۇنياسى كۆپ ،ئەمما خۇشاللىق ۋ ئۇيقۇسى ئاز ئادەم ئىكەن ، ئۇ تاڭ سۈزلىۋاتقاندا تەلىيىگە يارىشا مۈگىدەپ قالىغاندا ،موزدوزنىڭ ناخشىسى ئۇنى ئويغۇتۋېتىدىكەن .بانكىر تەڭىر نىڭ ئۇيقۇنى يېمەك -ئىچمەككە ئوخشاش ئېلىپ -ساتقىلى بولىدىغان تاۋار مال قىلىپ ياراتمىغانلىقىدىن ئاغرىنىپ ئاﻫ ئۇرىدىكەن . بىر كۈنى ، بانكىر بۇ << ناخشىچى << نى ئۆيگە تەكلىپ قىلىپ كېلىپ ، ئۇنىڭىدىن سوراپتۇ ؛
- سىز يىلغا ئوتتۇرا ﻫېساب بىلەن قانچلك پۇل تاپىسىز ، گرىگورىي ئۇستام ؟
- يىلغا قانچلىك دىدىڭىزمۇ ، ئەپەندى ؟ - دەپتۇ موزدوز شاد -خۇرام ﻫالدا ، - ئۇنى ئەزەلدىن ﻫېسابلاپ باققىنىم يوق . مە ن كۈنلۈكۈمنى ﻫېسابلايمەن . ئشىقىلىپ ، يىل ئاخرىغا ئۇلىشىۋالالايمەن . كۈنلەر ئۆزى بىلەن بىللە ناننىمۇ ئېلىپ كېلىدۇ .
- ئۇنداق بولسا ، بۇرادەر ، سىز كۈنگە قانچە پۇل تاپىسز ؟ - دەپتۇ بانكىر .
تاپقان بولۇم بەزى كۈنلىرى جىق ، بەزى كۈنلىرى ئاز بولىدۇ . لىكىن ، ئەڭ يامان بولغىنى ، بىر يىلىدا ئىشلەش مەنئىي قىلىنىغان بىر مۇنچە كۈنلەر بار . بۇنى ئاز دېگەندە ، باستېر ﻫەمىشە مۇرتىلار تىزىملىكىگە يېڭى ئەزا قوشىدۇ . بولمىسا ، بىزنىڭ كىرىمىمىز خىلى يامان ئەمەس بولاتتى .
بانكىر ئۇنىڭ ساددىلىقىدىن كۈلۈپ كېتىپ مۇنداق دەپتۇ ؛
- بۈگۈندىن تارتىپ مەن سىزنى پولدىن غەم يېگۈزمەيدىغان قىلمەن بۇ يۈز كرۇۋننى ئېلىپ . ئوبدان ساقلاپ ، لازىم بولغاندا ئىشلىتىڭ .
موزدوز پۇلىنى ئاپتۇ ۋە ئۆزىنى تەبىئەتىنىڭ ئالىدىنقى ئەسىرىدىن بۇيان ئىنسانىيەتكە بەرگەن بارلىق بايىلىقىنى كۆرۇۋاتقاندەك ﻫېس قىپتۇ .
موزدوز ئۆيگە قايىتقاندىن كىيىن ،پۇلىنى ئۆيگە يۇشۇرۇپ قويۇپتۇ . شۇ كۈندىن باشلاپ ، خۇددى موزدوز ئۆز خۇشاللىقىنى پۇل بىلەن قوشۇپ يوشۇرۇپ قويغاندەكلا ، ناخشا ئېيىتمايدىغان بولۇپ قاپتۇ . دېمەك ، .ئازاب -ئوقۇبەتلەرنىڭ مەنبەسى بولغان ئاشۇ پۇلىنى قولىغا ئالغاندىن تارتىپ ئۇ خۇش ئاۋازىنى يوقتىپتۇ .
ئۇيقۇ ئۇنى تاشلا پ كىتىپ قاپتۇ . ئەنىدىشە ،گۇمان ۋە ساراسىمە ئۇيقۇنىڭ ئورنىنى ئاپتۇ . ئۇنىڭ نەزىرى ئەتىدىن كەچكىچە پۇلىنى يۇشۇرۇپ قويغان يەردىن نېرى بولالماپتۇ . كەچ كىرگەندە بولسا ، ئېزىپ قالغان مۈشۈكنىڭ چىقارغا ن شەپىسىمۇ ئۇنى >> بىرى پۇلۇمىنى ئوغىرلاۋاتامدىكىن >> دېگەندەك گۇمانلارغا سېلىپ ئەنسىرتىدىكەن .
بىر قانچە كۈن شۇ پەرەزدە ئۆتۈپتۇ . پۇلىنىڭ ئارامسىزلىق ئېلىپ كەلگىنىدىن ئىچى سىقىلىشقا چىدىمىغنا موزدوز بانكىرىنىڭ ئۆيگە كىرىپتۇ ؛
- بۇ پۇلىڭىزنى قايتۇرۇپ بېرەي ، ماڭا بۇنىڭ كېرىكى يوق ! - دەپتۇ ئۇ خاپا بولغان ﻫالدا ، - ئۇيقۇم بىلەن خۇش ئاۋازىمىنى قايتۇرۇپ بېىرىڭ !
( ئاپتۇرى ؛ بېيىجىڭ ئۇنۋېرسىتىدىن )