guide
ئوقۇش پۇلى
يوللانغان ۋاقتى :
09-09
كۆرۈلۈشى:
801 قىتىم
- جېنىم ئاپا بولدى مەن ئوقۇمايچۇ؟! 
  - چىداپ تۇرغىن بالام، داداڭ ﻫەل قىلىمەن دەپ چىقىپ كەتتى ﻫازىر، كەچكىچە ﻫەل بولۇپ قالسا ئاز بىر قىسمىنى بولسىمۇ تاپشۇرۇپ تۇرغىن، بولمىسا دەرسىڭدىن قالىسەن.
دادامنى ساقلاپ دەرۋازىسىمۇ يوق سوقما تام بىلەن قورشالغان شۇ كېسەك ئۆيىمىزنىڭ ئالدىدا ئولتۇرماقتىمەن. مانا تۈن نىسپى بوپمۇ قالدى، كۆزلىرىم باياتىندىن بېرى يىغلاپ ئىششىپ قىزىرىپ كەتكەنىدى، لېكىن دادامنىڭ قارىسىنى كۆرمەي تۇرۇپ ئۇيقۇ كەلمەيتتى.
     بۈگۈن كۈندۈزى يۈز بەرگەن شۇ ئىشلارنى ئويلاپ ئىچىم ئاچچىقتىن ئۆرتەنمەكتە، بۇ ئەﻫۋال ماڭا نىسبەتەن تۇنجى قېتىملىق ئەمەس، ﻫەر مەۋسۇم ئوقۇش باشلانغان دەسلەپكى ئىككى ئايدا مۇشۇنداق ئىش يۈز بېرىدۇ. نېمە ئىش دەمسىز؟ ئېيتاي دېسەم يۈرەك ئاغرىيدۇ، ئېيتمىسام بۇ كىچىككىنە قەلبىم دەردكە چىدىمايدۇ...

   - ﻫەممە ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش پۇلىنى تاپشۇرۇپ بولدى مانا، سەنلا قالدىڭ، ﻫەر يىلى شۇنداق قىلامسەن؟ ئاتا ئاناڭ قەيەردىن بولمىسۇن تېپىپ كەلسۇن، بولمىسا مەكتەپكە كەلمە!- سىنىپ مەسئۇلىمىزنىڭ بۇ سۆزلىرىنى تولا ئاڭلاپ تولا قىزىرىپ تاتىرىپ يىغلاپ كۆنۈپ كەتتىم. لېكىن ئەتىسى ئۆگۈنى يەنە ئوخشاش قۇرۇق قول مەكتەپكە كېلىمەن، مانا باشلانغۇچ ئالتىنچى يىللىققا چىقتىم، ئوقۇش باشلانغىلى ئىككى ئاي بوپمۇ قالدى، كىتاب پۇلى تاپشۇرمىغانلىقتىن ماڭا تېخى كىتاب تەگمىدى، پارتىدىشىمنىڭ كىتابىنى كۆرۈپ ئولتۇرىمەن، مېنىڭمۇ يېڭى كىتابلىرىم بولسا، چىرايلىق تاشلىق بىلەن تاشلىۋالسام، ئىسمىمنى دادامنىڭ ئىسمى بىلەن قوشۇپ چىرايلىق يېزىۋالسام دەپ ئويلايمەن. . . ئەپسۇس ، ئوقۇش پۇلۇمنى تاپشۇرىدىغانغا شۇ پۇل يوق، مانا بۈگۈن يەنە مېنى سىنىپقا كىرگۈزمىدى، مەن سىنىپتىن چىققان پېتى ئۆيگە قايتىپ كەتمەكچى بولدۇم، بىراق، ئۆيگە قايتىپ كەلسەم دادام ئاپامنىڭ ئىچى يەنە ئېچىشىدۇ... ئۇنىڭدىن كۆرە، ئېتىز قىرىدا ئولتۇرۇپ تۈنۈگۈن ئوقۇتقۇچى ئۆتكەن دەرسنى ئەسلەپ ۋاقىت ئۆتكۈزەي... يىراقتىن مەكتەپ قورۇسىغا نەزەر سالاتتىم، مانا ئىككىنچى سائەتتىن چۈشتى، تەنەپپۇس ئارىلىقىدا بالىلار گىمناستىكا ئويناۋاتىدۇ... مەنمۇ ئىختىيارسىز ئېتىز يولىدىلا گىمناستىكا ئويناپ كەتتىم...  راستىنلا شۇنداق مەكتەپ قوينىدا ساۋاقداشلىرىم بىلەن ئوقۇغۇم بار... ئۇلار بىلەن تەڭ رىقابەتلىشىپ ﻫېساب ئىشلىگۈم ، قولۇمنى ئېگىز كۆتۈرۈپ  ، " مالىم، مالىم،،، مەن دوسكىغا چىقايچۇ...." دەپ ۋارقىرىغۇم كېلەتتى...
   سائەت قانچە بولغاندۇ؟ ئۆيدىكى سائەتنىڭ باتارىيەسى تۈگەپ كېتىپتىكەن، يا قانچە بولغىنىنى بىلگىلى بولمىغان، ئىشقىلىپ ئايدىڭ كېچىدە يۇلتۇزلارغا قاراپ ئولتۇرماقتىمەن، قانچە ئەسلىگەنسېرى شۇنچە ئازابكەن، يەنىلا ئاشۇ ئۆزۈم ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان يەتتە قاراقچى يۇلتۇزغا قاراپ دادامنى ساقلاي...
    ۋېلىسپىتنىڭ تاراقشىغان ئاۋازى ئاڭلاندى، دەرﻫال ئورنۇمدىن قوپتۇم، ۋاي، پۇتلىرىم ئۈشۈپ كېتىپتۇ ئەمەسمۇ، بېشىم پىررىدە قايدى، تامنى تۇتۇپ پۇتۇمنى ئۇۋىلاپ تۇرۇپتىمەن، دادام ۋېلىسپىتنى يېتىلەپ كىرىپ كەلدى. ﻫويلىدىكى بىردىنبىر كۆزگە چېلىقىدىغان تونۇرغا يۆلەپ تۇرغۇزۇپ قويۇپ، ماڭا قاراپ قويۇپ " ئۇخلا، ئەتە مەكتەپكە بارىسەن ." دەپ كىرىپ كەتتى.
   مەن خۇشلۇقۇمدا سەكرەپ كەتتىم، يۈز كۆزلىرىمنى يۇيۇپ، ئۇخلىماق بولۇپ كاڭغا چىقتىم. خۇداغا شۈكرى، ئەتە مەكتەپكە بارىدىغان بولدۇم، ئەمدى يېڭى كىتابلىرىم بار بولىدۇ، ئاپام تىكىپ بەرگەن شۇ بوغچامغا رەتلىك سېلىپ قۇچاقلاپ مەكتەپكە بارىمەن، ساۋاقداشلىرىمغا ئوخشاش ﻫەرسائەتلىك دەرسكە تولۇق قاتنىشالايمەن... نېمىدېگەن ياخشى....
    دادام بىلەن ئاپام ئارىلىق ئۆيدە كەچلىك تاماق يېگەچ پاراڭلىشىۋاتاتتى.
    - دادىسى، كىمدىن قەرز ئالدىڭىز؟
    - كىمدىن بولاتتى، كىمدىنلا سورىسا يوقنىڭ گېپى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىز ئاز قەرز بولدۇقمۇ دەڭلا، شۇ ﻫەممەيمەن مېنى كۆرسە ئالدىراش دەپ قاچىدىغان بولۇۋالدى. بايا يېزىدىكى مەمتاكامنىڭ ئۆيىگە بارغانتىم، ئېغىلدىكى قىغلارنى چىقىرىشىپ بېرىپ شۇ ئاران بالىنىڭ ئوقۇش پۇلىنى قەرز ئالالىدىم.
   -ﻫىم،،، بىز كىمنىڭمۇ قارغىشىغا كەتكەن بولغۇيتتۇق،،،  قەرز قەرز دەپ بىر ئۆمۈر ئۆتەرمىزمۇ ئەمدى... 
   - ئۇنداقمۇ دېمە ، خۇدايىم بىزگىمۇ بېرەر... جېنىم تېنىمدىلا بولىدىكەن ئانا بالا ئىككىڭلارنى ﻫەرگىز ئاچ قويمايمەن....
   ئاپامنىڭ ئاۋازى ئۆچۈپ كەتتى... كۆزلىرىم قۇرۇمايۋاتاتتى. بۇ كۈنلەر قاچانغىچە داۋاملىشار؟ ئوقۇشۇمنى قاچانغىچە داۋاملاشتۇرالارمەن؟
   تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە چىقسام ئۈچ يىلدا ئالتە قېتىم ئوقۇش پۇلى كىتاب پۇلى تاپشۇرىمەن، تولۇق ئوتتۇرىغا چىققاندا تېخىمۇ قىممەت ،،، ئالىي مەكتەپنى مەن تېخى ئويلاشقا جۈرئەت قىلالمايمەن.
   بىر يىلدىن كېيىن....
   تولۇقسىز بىرىنچى يىللىق 2- سىنىپ، تەنەپپۇس ۋاقتى.
   - سىزنى سىنىپ مۇدىرى ئىشخانىغا كىرسۇن دەيدۇ.
   ئىشخانا ئالدىغا كەلدىم، كىرىشكە پېتىنالمايتتىم. يۈرىكىم ئېغىپ تۇراتتى، يەنە ئوقۇش پۇلى دەرمۇ؟ ئەمدى قانداقمۇ قىلارمەن؟
  ئىشخانا ئىشىكى تۇيۇقسىز ئېچىلىپ ئىستاكان كۆتۈرىۋالغان سىنىپ مۇدىرىمىز چىقىپ كەلدى، مېنى كۆرۈپلا:
  - ئىچىگە كىرىپ ئولتۇرۇپ تۇرۇپ، مەن ئىستاكاننى چايقاپ كىرەي ...
   ئەمدى ئامالسىز كىردىم. ئولتۇرماي ئۈستەل تۈۋىدە تۇرۇپتىمەن. بۇرۇنلىرىم ئېچىشىپ ، ئالىقانلىرىم سوغۇق تەرلەپ كېتىۋاتاتتى. ماڭا بىر ئېغىز گەپ قىلسىلا پاڭڭىدە يىغلاپ تاشلايتتىم . بۇ ئېنىقلا ئىدى...
  - ماﻫىرە، مۇشۇ كۈندە ئوقۇشىڭىز قانداقراق؟ بۇ مەكتەپكە كۆنۈپ قالدىڭىزمۇ؟ - سىنىپ مۇدىرىمىز مەندىن گەپ سورىغاچ كىرىپ كەلدى. تۇتالمىدىم ، يېشىمنى قەتئىي تۇتالمىدىم، مەن پەقەت بېشىمنى لىڭشىتىپ تۇراتتىم.
  - نېمە بولدىڭىز؟ بىرەرى بوزەك قىلدىمۇ؟ - سىنىپ مۇدىرىمىز مۈرەمدىن تۇتۇپ مېنى ئۆزىگە قارىتىپ مەندىن سوراۋاتىدۇ،" ئوقۇش پۇلۇمنى قاچان بېرىمەن دەيمەن؟ دادام يىراققا پۇل تاپقىلى كەتكىلى ئالتە ئاي بولدى، تېخى خەۋەرسىز، ئاپام بىچارە مەﻫەللىدىكىلەرنىڭ نېنىنى يېقىپ كىرىنى يۇيۇپ ، پوپايكا توقۇپ كۈندىلىك تۇرمۇش خىراجىتىمىزنى ئاران تېپىۋاتسا.... نەدىنمۇ پۇل تېپىپ ئوقۇش پۇلۇمنى تاپشۇرارمەن؟؟؟" ئۆزۈمنى ئاران توختىتىپ:
  - دادام قايتىپ كەلسىلا ئوقۇش پۇلىنى ئەكىلىپ  بېرىمەن... مەن ،،،مەن،،،
   - ۋوي ، ئەخمەق، مەن دەل مۇشۇ ئوقۇش پۇلىنىڭ ئىشىنى ﻫەل قىلىش ئۈچۈن چاقىردىم سىزنى، ماڭا قاراڭ، سىزنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىڭىز مەكتەپنىڭ ئالدىدا مېڭىۋاتىدۇ، بۇ قېتىمقى مەۋسۇملۇك ئىمتىﻬاندا ئالاﻫىدە مۇكاپاتقا ئېرىشتىڭىز... كېلەر يىلىدىن تارتىپ ئوقۇش پۇلىڭىزنى كەچۈرۈم قىلىدىغانغا ئىلتىماس يوللىساق بولىدىكەن. شۇڭا ماڭا ئائىلە ئەﻫۋالىڭىزنى بايان قىلىپ بېرەمدىكىن دەپ سىزنى چاقىرىشىم... - سىنىپ مۇدىرىمىز شۇنداق دېگەچ ماڭا قولياغلىق سۇندى.  " نېمە؟ بۇ مېنىڭ چۈشۈم ئەمەستۇ؟ ئوقۇش پۇلىنى كەچۈرۈم قىلغىلى بولامدىكەن؟ ئەي رەببىم ئاللاﻫ، ماڭا بۇ ئالەمچە خۇشاللىقنى ﻫەقىقىي دېگىن... "
   جېنىم ئاپا جېنىم دادا ! سىلەرگە بۇ خۇشخەۋەرنى قانداق يەتكۈزەي؟ ! مەكتەپتىن قايتىش يولىدا قارلىغاچ كەبى ئۇچقاندەك كېتىۋاتىمەن، ئاشۇ توپىلىق دۆڭدەكلا كۆرۈنىدىغان ئىللىق ﻫويلامغا  يىراقتىن قاراپ تۇرۇپ قالدىم.سوقما تام يامغۇر يالاپ پاكارلاپ كەتكەنىدى. تونۇر تۈۋىدە تۇرىۋالغان نېمە جىق ئادەم ئۇ؟  ئۆيگە مېﻬمان كەلدىمۇ نېمە؟ ياق ياق، ئاۋۇ ئاياللار نېمە ئاق ياغلىق چىگىۋالغاندۇ؟ قوشنىلارنىڭ ئۆيىدە مېيىت بولغانمىدۇ؟ ئۇلار چوقۇم ئاپامنى بىللە كىرىمىز دەپ ساقلاپ تۇرغاندۇ،،،
   مانا ﻫويلامغا كىردىم. قوشنىمىز رابىيخان ئانا يىغلىغان پېتى كېلىپ مېنى باغرىغا باستى.
   ﻫەممەيلەن بىرلىكتە بىر نېمىلەرنى دەپ يىغلاۋاتىدۇ، ﻫېچنېمىنى ئاڭلىيالمىدىم، ئۇلارنى كۆرەلمىدىم، پەقەت دادا ئاپا  دېيەلەيمەن... زادى نېمە ئىش بولدى؟
    كىچىىككىنە ئىككى ئېغىزلىق ئۆيىمىزگە كىرىپ كېتىۋاتىمەن، ئىچكىرى ئۆينىڭ قاق ئوتتۇرىسىدا ئاپئاق رەخت يېپىلغان بىرەيلەن يېتىپتۇ، ئاستا بېرىپ يۈزىنى ئاچتىم.
   - ئاپا ، ئۇخلاپ قاپسەندە، نېپىز يوتقاندا توڭلىغاندەك قىلىسەن ﻫە؟! نېماندا مۇزلاپ كەتتىڭ؟ ئىككىمىز بىر يوتقاندا ياتايلى، ئىسسىتىپ قوياي ﻫە ... كۆزۈڭنى ئاچە ئاپا، ساڭا خۇشخەۋەر ئېلىپ كەلدىم، مېنىڭ ئوقۇش پۇلۇمنى كەچۈرۈم قىلىدىغان بولدى، ئەمدى ئازابلىق كۈنلەر ئۆتۈپ كەتتى، ماڭا قاراپ بىر كۈلگىنە، ﻫېلىقى قورۇقلىرىڭ بىلەن بىر كۈلۈپ بەرگىنە... جېنىم ئاپا.....
    يەككە يېگانە قالدىم ، دادامغا خەۋەر قىلايلى دېسەك قەيەردىلىكىنى بىلەلمىدۇق. مېنىڭ يالغۇز قالغىنىمنى بىلسەڭ ئىدىڭ دادا،  سۆيۈملۈك ئاپامنىڭ مېنى ۋاقىتسىز تاشلاپ كەتكىنىنى بىلسەڭ ئىدىڭ دادا، قايتىپمۇ كېلەرسەنمۇ؟! ئەمدى سېنى قاچانغىچە كۈتەرمەن؟ كىچىككىنە ئۆيىمىز ماڭا شۇنداق چوڭ بىلىنىۋاتاتتى، چۈنكى مەن يالغۇز. قەيەرگىلا قارىسام سىلەرنىڭ سايەڭلار، ئىزىڭلار ، لېكىن جىسمىڭلار يوق. مەن بۇ ئۆيدە لەيلەپ قالدىمغۇ؟! مېنى سېغىندىڭمۇ دادا، مېنى سېغىندىڭمۇ ئاپا،  قايتىپ كەلسەڭلەر ئەمدى ﻫەرگىزمۇ ئوقۇش پۇلى ئۈچۈن سىلەرنى باشقىلارغا خار قىلمايتتىم. دادا ماڭا سەن لازىم، ئەمدى مەن ئۈچۈن پۇل تاپىمەن دەپ سىرتلاردا قاڭقىما جېنىم دادا... قايتىپ كەلگىن. ئاپامنىڭ قەبرىسىگە چىقىپ دۇئا قىلايلى...
مەنبە؛گىلاس تورى