قەﻫرىمان بولىدىغان مايلامچى بالا
- يوللانغان ۋاقتى :
- 09-09
- كۆرۈلۈشى:
- 906 قىتىم
جېنىم بالام ،ئىڭىكىڭنى ئورۇق قوللىرىڭ بىلەن تىرىگەنچە ئۆتۈپ كېتىۋاتقان مىڭلىغان ئادەملەر توپىغا پەرۋاسىز قاراپ ئولتۇرىسەن .خۇدا، ئۇستى-بېشىڭدەكلا بىچارە ئەمما ساددا ياراتقان قەلبىڭ مۇڭلۇق كۆزلىرىڭدىن جاﻫانغا ئۈمۈتسىز باقىدۇ.كەل مەنمۇ بىراۋ بىلەن ئولتۇرۇپ ئىچ-ئىچىمدىن مۇڭدىشىپ باقماپتىمەن ،بىز دىلداشتەك تۇرىمىز.جاﻫاننىڭ غەۋغالىرىنى بىر چەتكە تاشلاپ ﻫال-مۇڭ قىلايلى.تارتىنما مەنمۇ بىر چاغدا خۇددى سەندەكلا يۈرەكلىك بىرسى بىلەن مۇڭدىشالمايتتىم.....سەمىمى سۆﻫبەت كۆڭۈلنىڭ ﻫەسرىتىنى ئالىدۇ – جېنىم بالام !
سەن باشقا بەخىتلىك بالىلاردەك كۆڭۈللۈك بالىلىق پەسلىڭنى كۆرۈپمۇ باقماي تۇرمۇش ﻫەلەكچىلىكىگە كىرىپ كېتىپسەن..بىر ﻫېساپتا بۇمۇ سېنىڭ تەلىيىڭ. مۇشەقەتلىك بالىلىق سېنىڭ ئىرادەڭنى تاۋلايدۇ.ﻫاياتىدا قىيىنچىلىق ۋە مۇﻫتاجلىقنى بىلمەي ئۆتۈپ كەتكەندىنمۇ بىچارە ئادەم بولمايدۇ.
ئادەمگە پەقەت مۇﻫتاجلىق ۋە ﻫەسرەتلا ﻫاياتنىڭ ﻫەقىقى گۈزەللىگىنى ﻫېس قىلدۇرالايدۇ.شۇندىلا سېنىڭ روﻫىي دۇنيايىڭ باشقىلار ﻫېس قىلالمايدىغان ﻫايات ﻫېكمەتلىرىنى ﻫېس قىلالايدۇ.روﻫىي قۇۋۋەت _ پەقەت مۇششەقەت ۋە مۇﻫتاجلىق ئىچىدىلا ئۆسۈپ يېتىلەلەيدۇ.ئۇلار ئايرىلالمايدىغان قوش كېزەكلەردۇر.
ئەركەكتەك بول ..بەلكىم سەن تۇغۇلغاندا داداڭ بىلەن قوشۇلۇپ ئالەم تىترىگەندۇ..چۈنكى ئوغۇل تۇغۇلسا ئالەم سىلكىنەرمىش.مېنى ئۆزگەرتىدىغان ئەركەكتىن يەنە بىرسى تۇغۇلدى دەپ خوش بولىدىغاندۇ-ئېﻬتىمال..
جېنىم بالام ،ماڭا قارا؟! خىلۋەت تاغلاردىن سىرغىپ چىققان بۇلاق سۇلىرىنىڭ ئېدىر-جىلغىلارنى ،باياۋان-دەشتىلەرنى كېچىپ ئاخىرى ئۆزىگە ئوخشاش مىڭلىغان بۇلاق سۇلىرى بىلەن قوشۇلۇپ ﻫەيۋەتلىك دەريالارغا ئايلانغانلىقىنى بىلمەمسەن ؟!
سېنىڭ ﻫازىرقى كەيپىياتىڭدا سېنى ئالداپ چۈشۈڭدەك بىلىنىدىغان خىيالىي گەپلەرنى قىلىپ بېرىۋاتقاندەك بىلىنىۋاتىمەن .بىراق بۈ چۈش ئەمەس.مەن ئەمەس بەلكى سەن ئۆزۈڭنى ئالداۋاتىسەن .سەن چۈشلىرىڭدە ئۇچۇپ باققانمۇ ؟-ﻫە-مانا دەل بۇ ئۇچۇشىڭ ئۇلۇغ خۇدانىڭ ساڭا چوقۇم ئۇچالايدىغانلىق توغرىسىدا بىشارەت بېرىۋاتقىنى .ئەگەر چوڭ بولغىچە ئۆزەڭنىڭ ئۇچالايدىغانلىقىغا ئىشەنمىسەڭ بۇنداق چۈشلەرنى ئەمدى كۆرەلمەيدىغان بولۇپ قالىسەن.شۇڭا سەنمۇ ئۇچالايدىغان چۈشلەرنى كۆرۈشكە تىرىش.
تاتلىق بالام ساڭا شۇنداق بىر ﻫېكايە ئېيتىپ بېرەي ،
بۇندىن كۆپ يىللار ئىلگىرى تۈرك دۇنياسىنىڭ قىرغاقلىرىدىن بولغان قومۇل دىگەن بىر يۇرتتا قىرچىماق غول دەيدىغان بىر تاغ ئارىسى بولۇپ،بۇ جاينى شۇ يۇرتتىكى نۇرغۇن ئەسكىلىكلەر قىلغان ﻫاشىر ئىسىملىك بىر ئادەم ئۆزىنىڭ چوماقچىلىرى بىلەن ئۇۋا قىلىۋالغان ئىكەن .شۇ دەۋىرلەردە موڭغۇللار تەڭرىتاغ بويلىرىدىكى يۇرتلارغا نۇرغۇن كۈلپەتلەرنى سېلىۋاتقان دەۋر بولسىمۇ بۇ قاراقچى ئۇلار بىلەن چاتىقى يوق ئۆز خەلقىنى بوزەك قىلىدىكەن،گاﻫىدا ئۇ ئەتراپتىكى خەلقلەرنى بۇلاپ كەلسە ،گاﻫىدا،خالىغانچە باسقۇنچىلىق ۋە ئادەم ئۆلتۈرۈش بىلەن شۇغۇللىنىدىكەن.شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇ بىر چۈش كۆرۈپتۇ.چۈشىدە ئۆلۈپ كەتكەن دادىسى غەزەپ بىلەن ئۇنىڭغا «ئۆزىنىڭ كۈچىگە تايىنىپ ئاجىز خەلقىنى بوزەك قىلغان نومۇسسىز! سەندىن خۇدالا ئەمەس جىمى ئالەم نومۇس قىلىدۇ .مېنىڭ سەندەك ئوغلۇم يوق !...» دەپ تىللاۋاتقىدەك.چۈشىدىن چۆچۈپ ئويغانغان ﻫاشىر ئۆزىنىڭ قىلغان-ئەتكەنلىرىنى ئويلاپ نومۇستىن ﻫۆر-ﻫۆر يىغلاپتۇ ۋە شۇندىن باشلاپ قىرچىماق غولدا تۆۋۋە-ئىبادەت بىلەن گۇناﻫلىرىنى خۇدادىن ۋە ئەل-يۇرتتىن تىلەشكە باشلاپتۇ.
بىراق ئۇنىڭ قىلغانلىرى كۆڭلىگە ئورناپ كەتكەن خوتۇنتام يېزىسىدىكىلەر ئۇنى كەچۈرمەپتۇ.ئۇلۇغ خۇدامۇ ئەل رازى بولمىغان بۇ ئادەمگە، بىرەر خەيرىلىك چۈش بۇيرىماپتۇ..
شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇ بىر ئىش بىلەن قومۇل شەﻫرىگە بېرىپتۇ. چاقسىدا تۇرسا تۇيۇقسىز يىراقتىن بىر ئاتلىقنى يەنە بىر ئاتلىق قوغلىشىپ كېلىۋاتقۇدەك ، ئۇلار ئۇنىڭ يېنىغا كەلگەندە كەينىدىكى ئاتلىق «ئاۋۇ يۇرت مۇناپىقىنى تۇتۇڭلار»دەپ توۋلاپتۇ.بۇنى ئاڭلىغان ﻫاشىرمۇ ئۇنى قوغلىشىپتۇ،ئۇلار ئىككەيلەن قاچقان مۇناپىقنى تۇتىۋالاي دىگەندە ﻫېلىقى مۇناپىق، ۋاڭ ئوردىسىغا قېچىپ كىرىپ كېتىپتۇ،ئەسلىدە قوغلاشقىنى شۇ ۋاقىتتىكى ئۆمەر باتۇر دىگەن ئادەم بولۇپ ،ئۇ ۋاڭغا«موڭغۇللارغا قارشى جازا يۈرۈش قىلايلى»دەپ تەكلىپ بەرگەندە بايىقى قېچىپ كەتكەن تەيجىسى «بىز تەڭ كېلەلمەيمىز »دەپ سۈلﻬى قىلغان ئىكەن.ﻫاشىر ئۇنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ شۇ يەردىلا بۇ ئەزىمەتكە ئەگىشىپتۇ.....
ئۇ شۇ كېچىسى ئۇخلاپ شۇنداق چۈش كۆرۈپتۇ.ئاتىسى ئاجايىپ بىر بەختىيار ﻫالەتتە كۆزلىرىدىن ياشلار تۆكۈپ ئۇنىڭغا«جېنىم ئوغلۇم. ..مېنىڭ ئوغلۇم.سەن بۈگۈن بىر ۋەتەن خائىنىنى قوغلاشقانلىقىڭ سەۋەبى بىلەن ئۇلۇغ خۇدانىڭ ئالدىدا بارلىق گۇناﻫلىرىڭ تۆكۈلۈپ ،ئەزىزلەر قاتارىدىن بولدۇڭ.سەندەك ئوغلۇمنىڭ ﻫۆرمىتىدىن مەنمۇ ئەزىزلەندىم، ساڭا كۆپ رەخمەت جېنىم ئوغلۇم....»دەۋاتقىدەك ،ﻫاشىر بۇ چۈشىدىن يەنە بىر قېتىم يىغلىغىنىچە ئورنىدىن تۇرۇپ خۇداغا كۆپ شۈكرانىلەر ئېيتىپتۇ....كېيىن ئۇ موڭغۇللار بىلەن بولغان جەڭدە قۇربان بولۇپ ئۆمەر باتۇر بىلەن ئۆمۈر تاغلىرى باغرىدىكى بىر جايغا دەپتە قىلىنىپتۇ.كېيىنكىلەر ئۇلارغا ئاتاپ نۇرغۇن مەرسىيەلەرنى توقۇپتۇ......
ئاڭلىدىڭمۇ ؟! جېنىم بالام سەندە باشقا پەزىلەتلەر بولمىسىمۇ ئەمما ۋەتەن سۆيۈش پەزىلىتى بولمىسا ﻫەتتا خۇدامۇ كەچۈرمەيدۇ.ئۆزىنى دانا سانىۋالغانلار ئادىمىلىك ئەخلاق توغرىسىدا جىق گەپ ساتىدۇ.ئۇلارغا «يول بولسۇن ئالىجاناپلار»دەپ قوي ئەمما ۋەتەننى بىرمىنۇتمۇ ئېسىڭدىن چىقارما.
ئوغلۇم ﻫۆرمەتكە سازاۋەر ئۆلىما-ئالىجاناپلار قەﻫرىمان بولالمايدۇ..ئەگەر شۇنداق بولسا بايانداي قەلئەسىنى يۇرتنىڭ كاتتا ئۆلىمالىرى ،مۆتىۋەرلىرى ئالماي يۇرتنىڭ لۈكچىگى ."قاڭرۇق" ئاتالغان سادىر دىگەن ئوغرىسى ئالامتى. تىلىمىزدا بۈگۈنگىچە پەقەت سادىرلا پالۋان ! دەپ ماختىلامتى...
يەنە ﻫېلىقى تاغدا يۈرگەن قارا قوساق ئوۋچى تارىخقا يېزىلامتى ؟!
ئوغلۇم ،قەﻫرىمان تۇغۇلىشىدىنلا ﻫۆرمەتلىك ئائىلىدە ،ئىززەتلىك مۇﻫىتتا چوڭ بولمايدۇ.ئۇمۇ خۇددى ساڭا ئۆخشاشلا پېقىرانە تۇرمۇشتا چوڭ بولىدۇ،ئاچ قالىدۇ،ئۇرۇلۇپ-سوقۇلىدۇ. مۇشۇ جەريانلا ﻫەقىقى ئەزىمەتلەرنى تاۋلاپ چىقىدۇ.
سەن مەمەت ئاۋاقنى بىلەمسەن..ئۇ بىر نامرات تۇل خوتۇننىڭ ئورۇقلىقىدىن ئۇستىخىنى كۆرۈنگىدەك ئارزۇلۇق ئوغلى...بىراق قەﻫرىمانسىز قالغان دەۋر..بۇ بىچارە ئورۇق،ئاۋاق مەمەتنى قەﻫرىمان بولۇشقا مەجبۇرلىدى...قەﻫرىمان بولۇش ئۈچۈن ..نوپۇز كەتمەيدىكەن..شۇنداقلا بايلىق شۆﻫرەتمۇ كەتمەيدىكەن..ئەڭ مۇﻫىمى، نىمە ئۈچۈن؟! دەيدىغان بىر ئوتلۇق يۈرەك كېتىدىكەن .ئۇنداق بولمىسا مەمەتتەك كىچىككىنە بىر ئاۋاق بالا ،تورۇس تاغلىرىنى تىترەتكەن ئۇلۇغ قەﻫرىمان بولالمايتتى.ئاناۋارزا تۈزلەڭلىكلىرىدىكى داڭلىق قاراقچى بولالمايتتى.تۇلپارىنى چاپتۇرۇپ ئەسكى ئادەملەرگە دەﻫشەت سالمايتتى.
بۇنىڭدىن كۆپ يىللار ئىلگىرى بىر ياغاچچى ئۇستام قومۇللۇقلارنى باشلاپ ئىنقىلاپ قىلغان ئىدى،ﻫەممەيلەن ئۇنى تۆمۈر خەلپەم دەپ ئاتىشاتتى .خەلپەم دىگەننىڭ مەنىسىنى بىلەمسەن .ئۇنداق دىگىنى بىزنىڭ يولباشچىمىز دىيىشكىنى ،ئەمەلىيەتتە شۇ ۋاقىتتا بۇ يۇرتتا نۇرغۇن ئۆلىمالار خەلپەم بولۇشقا يارىمامتى ؟! ئەلۋەتتە ئۇلار يارايتتى .ئەمما قەﻫرىمان بولۇشقا يارىمايتتى.ئۇلار ئۇزۇنراق ياشاپ ،يۇمشاق يەپ ،خاتىرجەم كۈن كۆرۈشنى ئىزدەيتتى.پەقەت ئۆزىلا جەننەتتە ياشاشنى ئارزۇ قىلاتتى...
بالام ﻫاياتتا نىمە كۈن كېلىشىدىن قەتئى نەزەر قايغۇرما ،تەغدىرىڭگە ئېچىنىدىغان ئەخمەقلىقنى قىلىپ سالما .خۇدا پەقەت ئۆزىگە ئىشىنىدىغان باتۇر ئادەملەرنىلا ياخشى كۆرىدۇ.قورقۇنچاقلار مەڭگۈ خۇدانىڭ ئالى رەخمىتىگە ئېرىشەلمەيدۇ.ئۇلار پەقەت ئۆزلىرىنى چىرايلىق جۇملىلەر بىلەن ئاقلاشقا تىرىشىدۇ.
بۇنىڭدىن نۇرغۇن يىللار ئىلگىرى بىزنىڭ ئاتا بوۋىلىرىمىزغا يىراقتىن باسقۇنچى دۈشمەن كەپتۇ .شۇ چاغدا كۈچلۈك دۈشمەنگە قانداق قارشى تۇرۇشقا بېشى قېتىۋاتقان خەلق ئىچىدىن شىراق دەيدىغان بىر پادىچى چىقىپ يۇرت ئۈچۈن ئۆزى دۈشمەننى يالغۇز يوقىتىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ-ۋە ئەل بىلەن خوشلىشىپ كېتىپتۇ.كېيىن يۇرت خەلقى ئۇنىڭ دۈشمەنگە يالغان ئېيتىپ ،يول باشلىغۇچى بولىۋېلىپ ،قاقىرام ئىسسىقتىكى قۇملۇققا يول باشلاپ ئۇسسۇزلۇقتىن قىرىۋەتكەنلىگىنى ئاڭلاپ ئۇنىڭ ئۈچۈن كۆز يېشى بىلەن دۇئالار قىلىپتۇ.
ئوغلۇم دىققەت قىل ! شىراق يۇرت ئۈچۈن دۈشمەنگە يالغان ئېيتىپتۇ . بۈگۈنكى كۈندە ئەرزىمەس شۆﻫرەت ۋە سېسىق جېنى ئۈچۈن يۈرت خەلقىگە يالغان ئېيتىپ قەﻫرىمان بولىۋالىدىغانلارمۇ بار.بۇلار سېنى ﻫاياجانلاندۇرۇشقا تولىمۇ ماﻫىر .ئۇلار خامىليون دىگەن جانىۋاردەك رەڭ ئۆزگەرتىشكە ئامراق .تەقۋادارنى كۆرسە ئىسلامچى ،يەرلىكلەرنى كۆرسە مىللەتچى بولۇپ ساددا خەلىقنى ئالدايدۇ.ئەمما ﻫالقىلىق ۋاقىتتا ﻫەممىنى ساتىدۇ. چۈنكى ئۇلار مەنپەئەتىگە زىيان يېتىدىغان ئىشنى قىلىشتىن ﻫەزەر ئەيلەيدۇ.پەقەت سېنى ﻫەيران قالدۇرۇشقىلا تىرىشىدۇ.
ئوغلۇم ۋەتەننى سۆيۈش ئۈچۈن دېپلوم كەتمەيدۇ .ئۇنىڭغا ئابرويلۇق بولۇش كەتمەيدۇ.ۋە ياكى پۇلدار بولۇشمۇ كەتمەيدۇ ،مېنىڭ ﻫېكايىلىرىمدىن بۇنى بىلگەنسەن .ۋەتەنگە پەقەت بىر سادىق يۈرەكلا كېتىدۇ.
ئەركەك ئوغلۇم .كوڭلىڭ پاراكەندە بولغاندا ...ئىگىز ئاسمانغا قارا ،كۆزۇڭنىڭ ئاخىرقى قۇۋۋەتلىرىمۇ يېتىپ بارالمايدىغان چەكسىزلىك سېنى مەستانە قىلىۋالىدۇ...
پەيغەمبىرىمىزمۇ كۆڭلىنىڭ ئۇلۇغ ئىگىسىنى شۇ جايلاردىن تاپقان.
ئىگىز تاغلارنىڭ بەستى ساڭا ئۇلۇغلۇقنىڭ نىمىلىگىنى بىلدۈرسە،چەكسىز بوشلۇقنى كۆرگەن قەلبىڭ تېخىمۇ كېڭىيىدۇ. كۈندە خېرىدارغا تەلمۈرۈپ شەﻫەرنىڭ شاۋقۇنىدا يىگىلەپ كېتىۋاتقان كوڭلۈڭنى سۇغۇرۇپ ،ئۆلۈپ كېتىشتىن ساقلاپ قالىدۇ.
ساڭا مۇشكۈلاتلار ئىچىدىمۇ ۋايسىماي لەۋلىرىڭنى مەﻫكەم يۇمۇپ ياشاشنى ئۈگىتىدۇ.
جېنىم بالام لەۋلىرىنى مەﻫكەم يۇمۇپ ،بارلىق كەلگۈلىكلەرگە مەردانە يۈزلىنەلىگەن سەندەك تۈرك پۇشتى ئاياق چوتكىسىنى قولۇڭدا تۇتۇپ تۇرغان بولساڭمۇ ،قېنىڭدىكى مىڭ يىلدىمۇ سوۋۇماس ئوت سېنى گۈزەل كەلگۈسىگە چاقىرىدۇ.....چۈشلىرىڭدە يىراقتىن كېلىۋاتقان بىر پەرياد سېنى ئويغۇنۇشقا ئۈندەيدۇ.
باشقا ئىرىقلار خەلقارا سەﻫنىلەردە كىچىككىنە كۆكرەكلىرىنى كېرىپ يۈرگەندە چوقۇم بىر كۈنلەردە سېنىڭمۇ كەڭ كۆرەكلىرىنى مەردانە تۇتۇپ يۈرەلەيدىغانلىقىڭغا ئىشىنىمەن.
سېنىڭمۇ ﻫەر-خىل ئىرىقتىكى باﻫادىرلاردەك يېشىل چىملىقلاردا بوراندەك ئۇچۇپ، ۋەتەن شەرىپى ئۈچۈن جاسارەت كۆرسىتىدىغىنىڭغا ئىشىمەن .ﻫازىرچە سېنىڭغا پۇرسەت يوق .ئەمما سەن تەڭرىتاغ بويلىرىدىن چىقىپ بۇ پۈرسەتنى چوقۇم يارىتىسەن.چۈنكى سېنىڭ ئەجدادىڭ ﻫەقىقى مەردانە مەيداندا يېڭىلگەن ئەمەس.
سەن ئاياق چوتكىسىنى تۇتۇپ مۇڭلىنىپ ئولتۇرغان چېغىڭدا ،سېنىڭمۇ بىر ۋەتىنىڭ بارلىقىنى ئۇنۇتما .ۋەتەن دىمەك ئۇ سېنىڭ تېغىڭ ،ئۇ سېنى يولەيدۇ. دۇنيادا ﻫېچنىمەڭ قالمىغان يىتىم بولساڭمۇ ۋەتەن سېنىڭ يېشىڭنى سۈرتىدۇ.
ۋەتەن دىمەك ئاجىز بىر مەزلۇم .ئۇ سېنىڭ ياردىمىڭگە مۇﻫتاج .ئوغلۇم سەن دەپ باقە ؟! بۇ ۋەتەننىڭ سېنىڭدىن باشقا نىمىسىمۇ بار ؟!
ئۇنىڭ سەندەك بەخىتسىز بىر مايلامچى ئوغلىلا بار ،ئۇنى پەقەت سەنلا قۇتقۇزالايسەن ؟! .
چۈنكى ، ۋەتەن ---سېنىڭ داداڭ ئۇ سېنىڭ ئاپاڭ. ئاتا-ئاناڭ ساڭىلا خاس بولغاندەك، ۋەتەنمۇ بىزگىلا خاس.
ئۇنى باشقىلار دادا دىيىشنى خالىمايدۇ. ئۇنى ياتلار ئاپا دىيىشنى تېخىمۇ خالىمايدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىسى باشقا .
شۇڭا سەن بىلەن مەنلا يىغلاپ تۇرۇپ مۇﻫەببەت بىلەن « ئانا ۋەتەن » دەيمىز !
قومۇل شەﻫەر شەﻫەر ئىچى يېزا جىگدە قۇدۇق كەنت
ئابدۇرېﻬىم ئابلەتخان