guide
مېﻬىر بىلەن چاپان
يوللانغان ۋاقتى :
09-09
كۆرۈلۈشى:
947 قىتىم
    (مەسەل)
    ئىمىن ﻫاشىم
    مېﻬىر بىر چاياننىڭ سۇغا چۈشۈپ كېتىپ تىپىرلاپ يۈرگىنىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ سۇدىن چىقىۋېلىشىغا ياردەم قىلماقچى بولۇپتۇ. ئەمما چاياننى تۇتاي دېيىشىگە چايان ئۇنىڭ قولىنى چېقىۋاپتۇ. ئۇ نىيىتىمدىن يانماي، دەپ چاياننى سۇدىن سۈزۈۋالماقچى بولغاندا، چايان ئۇنى يەنە چېقىۋاپتۇ. بۇ ئەﻫۋالنى كۆرگەن غەزەپ مېﻬىردىن:
    - چايان چاقسىمۇ ئۇنى قۇتقۇزامسەن؟- دەپ سوراپتۇ.
    - چېقىش چاياننىڭ تەبىئىتى، دەپتۇ مېﻬىر چۈشەندۈرۈپ، قۇتقۇزۇش مېنىڭ تەبىئىتىم. چاياننىڭ چېقىشىنى دەپلا ئۆزۈمدىكى كۆيۈنۈشتىن ئىبارەت خاس خىسلەتتىن كەچسەم قانداق بولىدۇ؟