ئىككى ئوتۇنچى
- يوللانغان ۋاقتى :
- 09-09
- كۆرۈلۈشى:
- 786 قىتىم
تولىمۇ نامرات ئىككى ئوتۇنچى بولۇپ، ئۇلار تاغدىن ئوتۇن كېسىپ كېلىپ تۇرمۇشىنى قامدايدىكەن. بىر كۈنى ئۇلار تاغدا ئىككى تاغار پاختىنى بايقاپ قېلىپ، كۆڭلىدە خۇشاللىق ﻫېس قىپتۇ. چۈنكى پاختىنىڭ باﻫاسى ئوتۇننىڭ باﻫاسىدىن نەچچە ﻫەسسە يۇقىرى بولغاچقا، بۇ ئىككى تاغار پاختىنى سېتىۋەتسە، ئۆيىدىكى كىشىلەر بىر ئايغىچە ئاچ-زارلىقتا قالمايدىكەن. ئىككى ئوتۇنچى ﻫەر بىرى بىر خالتىدىن پاختىنى يۈدۈپ، ئۆيىگە قاراپ يول ئاپتۇ. ئۇلار خېلى يول ماڭغاندىن كېيىن، ئارىسىدىن بىرى تاغ يولىدا بىر توپ رەختنى ئۇچرىتىپتۇ. ئۇ ئادەتتىن تاشقىرى ﻫاياجانلىنىپ، ﻫەمراﻫىغا مەسلىﻬەت سېلىپ، يۈدۈۋالغان پاختىنى تاشلاپ، بۇ رەختنى ئۆيىگە بىرلىكتە ئېلىپ كېتىشنى ئېيتىپتۇ. ئۇنىڭ ﻫەمراﻫى بۇنداق قىلىشقا قوشۇلماي: «پاختىنى يۈدۈپ يولنىڭ يېرىمىنى بېسىپ بولغاندا، ئەمدى بۇنى تاشلىۋەتسەم، ئالدىدا تارتقان جاپايىمىز بىكار كەتمەمدۇ؟» دەپتۇ. ﻫېلىقى رەخت تېپىۋالغان ئوتۇنچى ئۇنىڭ نەسىﻬىتىنى ئاڭلىماي، ئۆزى كۈچىنىڭ بارىچە رەختنى يۈدۈپ داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەپتۇ. يەنە بىر ئاز يول يۈرگەندىن كېيىن، رەخت يۈدۈۋالغان ئوتۇنچى ئورمانلىق ئىچىدە بىر نەرسىنىڭ پارقىرىغانلىقىنى كۆرۈپ، دەرﻫال يېنىغا بېرىپتۇ ۋە ئۇ يەردە چېچىلىپ تۇرغان ئالتۇننى كۆرۈپ، كۆڭلىدە: «ئەمدى بېيىپ كېتىدىغان بولدۇم» دەپ ئويلاپ مۈرىسىدىكى رەختنى تاشلاپ قويۇپ، ئالتۇنلارنى ئەپكەش بىلەن ئېلىپ كەتمەكچى بوپتۇ. ئۇنىڭ ﻫەمراﻫى يەنىلا ئۆز كۆز قارىشىدا تۇرۇپتۇ. ئۇ: «مىڭ جاپادا مۇشۇ يەرگە ئېلىپ كەلگەن پاختىنى، نېمىدەپ تاشلىۋەتكۈدەكمەن؟» دەپ ئويلاپتۇ. ئۇ ﻫەتتا ئالتۇنلارنىڭ راستلىقىدىن گۇمانلىنىپتۇ، ئالتۇن بايقىغان ئوتۇنچى ئۆزى يالغۇز ئالتۇنلارنى ئېلىپ كېتىشكە مەجبۇر بولۇپ، پاختا يۈدۈۋالغان ﻫەمراﻫى بىلەن يولغا چىقىپتۇ. ئۇلار تاغدىن چۈشكەن ۋاقىتتا ﻫاۋا بىردىنلا تۇتۇلۇپ، ئارقىدىنلا بىر پەس يامغۇر يېغىپتۇ. ئىككى ئوتۇنچى يامغۇردا چىلىق-چىلىق ﻫۆل بولۇپ كېتىپتۇ. ئەڭ يامىنى پاختا يۈدۈۋالغان ئوتۇنچىنىڭ پاختىسى يامغۇردا تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كېتىپ، ئۇنىڭ كۆتۈرۈش كۈچىدىن تېخىمۇ ﻫالقىپ كېتىپتۇ. ئامالسىزلىقتىن، ئوتۇنچى مىڭ تەسلىكتە ئېلىپ كەلگەن پاختىسىنى تاشلىۋېتىپ، ئالتۇن كۆتۈرگەن ﻫەمراﻫى بىلەن قۇرۇق قول ئۆيىگە قايتىپتۇ. بەزى چاغدا ۋاز كېچىش كۆپ نەرسىدىن مەﻫرۇم قالدۇرماستىن، ئەكسىچە تېخىمۇ كۆپ مەنپەئەتكە ئېرىشتۈرۈشى مۇمكىن.